دورىلىق ئۆسۈملۈكلەر ۋە شىپالىق رولى(3)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

بىھى

خۇسۇسىيتى : مېڭە، يۈرەك، جىگەر، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ئىچىنى توختىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش

ئىشلىتىلىشى: مىڭە، يۈرەك، جىگەر، ئاشقازان ئاجىزلىقى، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، ئىچ سۈرۈش، ئۇسسۇزلۇق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: بىھى شەربىتى، بىھى مۇرابباسى

 

نىلۇپەر

خۇسۇسىيتى : يۈرەك ۋە مېڭىنى تىنىچلاندۇرۇش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش

ئىشلىتىلىشى: يۈرەكنىڭ ئىسسىقتىن بولغان كېسەللىكلىرى، مېڭىنىڭ قۇرۇقلۇقى، يۆتەل، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: دىنار شەربىتى

 

ئادراسمان

خۇسۇسىيتى : باھنى قۇۋۋەتلەش، بەدەننى سەمرىتىش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى ماڭدۇرۇش، يەللەرنى تارقىتىش.

ئىشلىتىلىشى: باھ ئاجىزلىقى، ئۈچەي كېسەللىكلىرى، سۈيدۈك ۋە ھەيز كەلمەسلىك، بەدەن ئورۇقلاپ كېتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: مەجۇنى ھۆرمىل

 

رۇم بادىيان

خۇسۇسىيتى : يۇمشىتىش، يەللەرنى تارقىتىش، كۈچلۈك زەھەر قايتۇرۇش، تۇتۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى ماڭدۇرۇش، سۈت كەلتۈرۈش، پارقىرىتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش.

ئىشلىتىلىشى: سوغۇقتىن بولغان لەقۋا، باش ئاغرىقى، شەقىقە، باش قېيىش، كۆز قاراڭغۇلىشىش، سۈيدۈك، ھەيز توسۇلۇش، ھەزىم ناچارلىقى، بۆرەك ئاغرىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: مەزى بىزى ئىچىملىگى، مەتبۇخى سۆرىنجان، لوبوبى كەبىر، مەجۇنى مۇقەۋۋى مەدى

 

سازەج ھىندى

خۇسۇسىيتى : ئاشقازان ۋە مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، كۆڭۈلنى ئېچىش، يەللەرنى تارقىتىش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى ماڭدۇرۇش، چىرىشكە قارشى تۇرۇش، بەتبۇيلۇقنى يوقىتىش.

ئىشلىتىلىشى: يۈرەك ئاجىزلىقى، ئاشقازان خىزمىتى سۇسلىشىش، خىيالپەرەسلىك، ئۈچەي يېلى، ئىستىسقا، يەرقان، تال توسالغۇسى ۋە مەقئەت كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: مەجۇنى داۋايى مىسكى

 

سەبرى

خۇسۇسىيتى : يۇمشىتىش، سۈرۈش، ئىششىق قايتۇرۇش، جاراسىم ئۆلتۈرۈش ۋە جاراھەتلەرنى تازىلاش

ئىشلىتىلىشى: جاراھەت، سۇلۇق تەمرەتكە، بوغۇم ئاغرىقى، قەۋزىيەت، سىيىش قىيىنلىشىش، ئادەتلەنگەن قەۋزىيەت، كۆز ئاجىزلىقى ۋە ھەيز توسۇلۇپ قېلىش قاتارلىقلاردا، شۇنداقلا كۆيۈك يارىسىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: ھەببى سۆرىنجان، ھەببى تەنكار، ھەببى قوقىيا، ھەببى سەبرى

 

سەئىدى

خۇسۇسىيتى : رەئىس ئەزالار ۋە ئاشقازان، ئۈچەينى قۇۋۋەتلەش، يەلنى ھەيدەش، ھەيز ماڭدۇرۇش

ئىشلىتىلىشى: نېرۋا ئاجىزلىقى، خەفەقان، پالەچ، لەقۋا، ھەزىم بۇزۇلۇش، تولغاق، قۇسۇش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: لوبوبى كەبىر

 

شاكال بادىيان

خۇسۇسىيتى : ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ھەزىمنى ياخشىلاش، يەل ھەيدەش

ئىشلىتىلىشى: سوغۇقتىن قۇسۇش، قورساق ئاغرىش، بۆرەك ئاجىزلىقى قاتارلىق كېسەللەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: سۇپۇپى سىپ

 

سىماب

خۇسۇسىيتى : ساغلاملىقنى ئاسراش، يەل ھەيدەش، پەي، ئاشقازان ۋە باھنى قۇۋۋەتلەش

ئىشلىتىلىشى: ئاشقازان ئاغرىش، باھ ئاجىزلىقى، سىفلىس، قوتۇر، قىچىشقاق، يىرىڭلىق چاقا، ئاكىلە، چاچ بالدۇر ئاقىرىش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: مەلھىمى ئەمراز، ھەببى سىماب

 

سېرىق ھېلىلە

خۇسۇسىيتى : مېڭىنى تازىلاش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، سەپرانى سۈرۈش، ئاغرىق توختىتىش، سۈيدۈك ماڭدۇرۇش.

ئىشلىتىلىشى: ئۇنۇتقاقلىق، كۆرۈش ئاجىزلىقى، باش ئاغرىش، چاچ بالدۇر ئاقىرىپ كېتىش، مالىخۇلىيا، لەقۋا قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: ھېلىلە مۇرابباسى، مەتبۇخى سۆرىنجان، مەجۇنى مۇقەۋۋى مەدى، مەجۇنى ئۆشبە، ئىتىرپىل ئەپتىمۇن، ھەببى سۆرىنجان

 

سىيادان

خۇسۇسىيتى : ئىششىق تارقىتىش، يەل تارقىتىش، ھەيز ۋە سۈيدۈك ماڭدۇرۇش، ئاشقازان ۋە پەيلەرنى قۇۋۋەتلەش، سۈت پەيدا قىلىش، چاچنى قارايتىش، ئاغرىق توختىتىش ۋە تېرىنى گۈزەللەشتۈرۈش

ئىشلىتىلىشى: قورساق ئېسىلىش، قۇلۇنجى، نېرۋا ئاجىزلىقى، ئۇنۇتقاقلىق، رەئىشە، چاچ ئاقىرىش، بەرەس ۋە ھەيز توسۇلۇش قاتارلىقلارنى داۋالاشتا ئۈنۈملۈك دورا سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: سىيادان يېغى، سۇپۇپى ھېلىلە سىيا، سىيادان ئوكۇلى

 

سوقمۇنىيا

خۇسۇسىيتى : ئىششىق ۋە يەللەرنى تارقىتىش، سەپرا ۋە شىلىمشىق ماددىلارنى چىقىرىش، قورساقتىكى ئۆلۈك بالىنى چۈشۈرۈش

ئىشلىتىلىشى: قاتتىق قەۋزىيەت، ئومومىي بەدەن ئىششىقى، بوغۇم ئاغرىقى، ئۈچەي مەددىسى، ئاشقازان ئاجىزلىقى قاتارلىقلارنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: ھەببى سىماب، ھەببى شاھتەرە، ھەببى قوقىيا

 

سۆرۈنجان

خۇسۇسىيتى : ئاغرىق توختىتىش، ئىششىق تارقىتىش، چوڭ- كىچىك تەرەتنى ماڭدۇرۇش، باھنى قۇۋۋەتلەش.

ئىشلىتىلىشى: چوڭ- كىچىك بوغۇملار ئاغرىقى، يەرقان قاتارلىقلارنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: مەتبۇخى سۆرىنجان، لوبوبى كەبىر، ھەببى سۆرىنجان، سۇپۇپى سۆرىنجان

 

سوزاپ

خۇسۇسىيتى : مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، توسالغۇلارنى ئېچىپ، زەھەر قايتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، سۈيدۈك ۋە ھەيز ماڭدۇرۇش ھەمدە تېرە قىل قان تومۇرلىرى خىزمىتىنى كۈچەيتىش

ئىشلىتىلىشى: قۇلاق ئاغرىقى، ئىشتىھاسىزلىق، جىگەر قېتىش، بەرەس، بەھەق، تەمرەتكە، پالەچ، تەشەننۇج ۋە بوغۇم ئاغرىقلىرى قاتارلىقلارنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: جاۋارىش كۇمۇنى

 

سۇماق

خۇسۇسىيتى : سەپرانى ۋە ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، قان توختىتىش، ئىچىنى ھەم ھۆنى توختىتىش، سۈيدۈكنى ئازايتىش

ئىشلىتىلىشى: سەپرا مەنبەلىك كۆڭلى ئېلىشىش، تولغاق، تولا سىيىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: قەنىت سىيىش كىسىلى كۇمۇلىچى

 

سۇنبۇل چىنى

خۇسۇسىيتى : رەئىس ئەزالارنى كۈچەيتىش، ئىششىق ۋە يەللەرنى تارقىتىش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش

ئىشلىتىلىشى: مېڭە ۋە يۈرەكنىڭ ئاجىزلىقى، ئىشتىھاسىزلىق، يۇقىرى قان بىسىمى، ئىسىتىسقا، زىققە، خەفەقان، سۈيدۈك ۋە ھەيز توسۇلۇش قاتارلىقلارنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: سۇنبۇل شەربىتى، ئەرقى چۆبىچىن، لوبوبى كەبىر، ئايارەج پەيقىرا، خىمر مەرۋايىت

[admin تەستىقلىدى . 2010-2-15 14:13:22]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 732 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01