بۆرەكتىكى تاش ۋە ئۇنى داۋالاش

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

 

بۆرەكتىكى تاش ۋە ئۇنى داۋالاش

 


   مەلۇم كېسەل 2 يىل بۇرۇنقى تەكشۈرۈشتە بۆرەكتە قۇمسىمان تاش بارلىقى بايقالغان، غەرب، ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ تىبابەتلىرىدە داۋالانغان، ئوپېراتسىيە قىلمىغان، دورا، ئوكۇل ئىشلەتكەندە ئۈنۈمى بولغان، لېكىن كېيىن يەنە قوزغالغان، 2 يىل ئىچىدە 7-8 قېتىم قايتا قوزغالغان، سىزچە بۇ كىسەل قانداق ئۇسۇل ئارقىلىق ساقىيار؟
     جاۋاپ: ئوپېراتسىيە قىلىپ بۆرەك سۈيدۈك يولىدىكى تاشنى ئېلىۋېتىش بىلەن بەدەن سىرتىدىن ئاۋاز دولقۇنلىرى ئارقىلىق بۆرەكتىكى تاشنى سوقۇپ چۈشۈرۈش بۆرەك ۋە سۈيدۈك يوللىرىدىكى تاشنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇللىرى بولۇپ، دورا بىلەن بەزى كىشىلەرنىڭ بەزى خىلدىكى تاشنى داۋالاپ چۈشۈرۈشمۇ تامامەن مۇمكىن؛ بىراق ئۈنۈمى تۇراقلىق ئەمەس، ھەم تاشنىڭ تۇرى، ئورنى ۋە بۆرەك سۈيدۈك يوللىرىدىكى باشقا كېسەللىك ئەھۋالى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك.
   ئوپېراتسىيە قىلىش ۋە بەدەن سىرتىدىن ئاۋاز دولقۇنلىرى ئارقىلىق تاشنى سوقۇپ چۈشۈرۈش، بۇ تورداش ئېيتقان قۇمسىمان تاشنى داۋالاشقا ماس كەلمەيدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق داۋالاش ئۇسۇلى دورا ئارقىلىق داۋالاش. لېكىن ئۈنۈمى يەنىلا 100% ئەمەس.
   قۇمسىمان تاشنىڭ پايدا بولۇشى كۆپۈنچە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتى، يەنى سۇنى ئاز ئىچىش ئادىتى، ئىچىملىك سۇنىڭ ۋە يېمەكلىكنىڭ تەركىۋى، بۆرەك سۈيدۈك يوللىرىدا تۇغما غەلىتىلىكنىڭ بار يوقلىقى ۋە بۆرەك سۈيدۈك يوللىرىنىڭ ياللۇغلىنىش ئەھۋاللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، سۇنى ئاز ئىچىشكە ئادەتلەنگەن، بۆرەك سۈيدۈك يوللىرىدا تۇغما غەلىتىلىك بار ۋە بۆرەك سۈيدۈك يوللىرى ياللۇغلانغان كىشىلەردە تاش ئاسان پەيدا بولىدۇ.
   بۇ  كېسەل گەرچە دورا ئوكۇللار بىلەن بىر مەزگىل ياخشى بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق تۆۋەندىكى بىر نەچچە ئامىللار سەۋەبىدىن كېسىلى قايتا قايتا قوزغالغان. بىرىنچى ئۆزى ياخشى بولۇپ كەتكەندەك قىلسىمۇ بىراق بۆرەكتىكى تاش تولۇق چىقىپ كەتمىگەن. ئىككىنچى ئېھتىماللىق، ئەينى ۋاقىتتا پەقەت بۆرەك ۋە سۈيدۈك يوللىرىدىكى ياللۇغ ساقايتىلىپ، كېسەلنىڭ قوزغىلىشى بېسىققان. ئۈچىنچى تاش پەيدا قىلغان ئامىل يەنىلا مەۋجۇت بولغاچقا، قايتا تاش پەيدا بولغان.
   مەن يۇقىردا دەپ ئۆتكەندەك بۆرەك سۈيدۈك يولدىكى تاش كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتى قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، بۆرەكتىكى تاش ساقايغان تەقدىردىمۇ، شۇ ئادەتلەر ئوزگەرمىگەنلىگى ئۇچۇن قايتىدىن تاش پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى.
   مىنىڭ پىكىرىم: ئالدى بىلەن سۇنى ياكى ئۇسسۇزلۇقنى كوپ ئىچىپ بىرىڭ، ھەركەت قىلىڭ، سەكرەپ تۇرۇڭ، بەزىدە ئەڭ مۇھىمى پۇتىڭىزنى ئاسمانغا بېشىڭىزنى تۆۋەنگە قىلىپ تۇرۇڭ. سۈيدۈك يوللىرىدىكى ياللۇغنى ياخشى كونترول قىلىڭ. سۈيدۈكنىڭ راۋانلىقىغا ۋە ۋاقتىدا كىچىك تەرەت قىلىشقا دىققەت قىلىڭ. ب تىپلق ئۇلتىرا ئاپپاراتى ئارقىلىق بۆرەكنى تەكشۈرۈپ تۇرۇڭ.
بۇرۇن ئۈنۈم بەرگەن تاش چۈشۈرىدىغان ۋە سۈيدۈك يوللىرىنىڭ مۇسكۇللىرىنى بوشىتىپ، تاشنىڭ چۈشۈپ كېتىشىگە ياردەم بېرىدىغان دورىلاردىن بىر ئىككى خىلىنى تاللاپ بىر مەزگىل ئىشلىتىڭ. شۇنداق قىلغاندا مېنىڭچە ئۈنۈم بېرىشى كېسىلىڭىز ساقىيىپ كېتىشى مۇمكىن.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 791 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01