دائىم چارچاش ھېس قىلسا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كې

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

دوكتۇر مۇھەممەت ئىمىن بىلەن سوئال-جاۋاپ4

4.سۇئال: ياشلار تۇرمۇش، خىزمەت بېسىمى تۈپەيلى دائىم چارچاش ھېس قىلسا ياكى بەزىدە كۆكسى بىئارام بولغاندەك بولسا ھەم بۇخىل ئالامەت ئىنتايىن سۇس بولسا دوختۇرغا بېرىشى زۆرۈرمۇ ياكى ھەرخىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزىنى تەڭشەش يېتەرلىكمۇ؟
 
   جاۋاپ: بۇ مەسىلىگە بىر ئېغىز سوز بىلەن جاۋاپ بېرىش بىر ئاز قىيىن.
    ئەگەر بەدەندە كۆرۈلگەن ئۇ بىئاراملىقلارنىڭ ھەقىقەتەن تۇرمۇش، خىزمەت بېسىمى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققانلىقىغا، ھەم شۇنداقلا بەدەندە بىرەر يوشۇرۇن كېسەلنىڭ يوقلۇقىغا ھۆكۈم بۇ خىل ھۆكۈمنىڭ توغرا خاتالىقى كىشىلەرنىڭ ساغلاملىق ساۋاتلىرى ۋە مەدەنىيەت سەۋىيسى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بەزىدە توغرا ھۆكۈم چىقىرىش قىيىن.
    ئادەتتە جەمئىيەت پاراۋانلىقى ۋە ئىقتىسات يۈكسەك تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردە، كىشىلەر قەرەللىك ساغلاملىق تەكشۈرۈپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇ كېسەلنى بالدۇر بايقاش ۋە ۋاقتىدا داۋالاشتا بەكلا مۇھىم. ئەلۋەتتە جەمئىيەت پاراۋانلىق ۋە ئىقتىسادى ئانچە تەرەققى قىلمىغان دۆلەتلەردە، ھەممە كىشىلەرنىڭ قەرەللىك ساغلاملىق تەكشۈرۈپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش قىيىن. شۇنداقتىمۇ 45 ياشتىن ئاشقاندا ئامال بار بىر ئىككى يىلدا بىر قېتىم قەرەللىك ساغلاملىق تەكشۈرۈپ تۇرۇش كېرەك. ھەم شۇنداقلا بەدەندە كۆرۈلگەن ھەرقانداق كېسەللىك ئالامەتلىرىگە سەل قارىماسلىق كېرەك. چۈنكى يۇرەك قان تومۇر كېسەللىرى ۋە راك كېسەللىرى قاتارلىق نۇرغۇن ئەغىر كېسەللەرنىڭ باشلىنىش ئالامىتى ناھايىتى يەڭگىل بولۇپ، ئادەتتىكى ئۇششاق كىسەللىكلەردە بولىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئەگەر يۇقىرىقى كېسەللەر بالدۇر بايقىلىپ، بالدۇر داۋالاش ئىلىپ بېرىلسا، ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى بولىدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 784 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01