نورمال ئادەم ۋىتامىن ۋە كالتىسى تولۇقلىسا

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

دوكتۇر مۇھەممەتئىمىن بىلەن سوئال-جاۋاپ2

2-سۇئال: ئادەتتە ساغلاملىقى نورمال بولغان كىشىلەر ۋىتامىن ياكى كالتسى تولۇقلىسا بەدەنگە ئەكس تەسىر قىلامدۇ، بۇخىل تەسىر ئېغىرمۇ؟

   جاۋاپ: سالامەتلىكى نورمال بولغان كىشىلەر ۋىتامىن ياكى كالتسىينى مۇۋاپىق ئىستىمال قىلغاندا بەدەنگە مەلۇم ئەكىس تەسىر ئەكىلىدىغانلىغى ھازىرچە تېخى بايقالغىنى يوق. مىنىڭ بۇ يەردە دېمەكچى بولغۇنۇم مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىش، يەنى ئېغىز ئارقىلىق نورمال ئىستىمال قىلىشنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئەلۋەتتە ئەگەر بۇ ماددىلارنى بولۇپمۇ كالتسىينى نورمىدىن ئارتۇق ئوكۇل قىلىپ بېرىلسە، ئۇ ۋاقىتتا ئەغىر ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
   ئۇنداقتا ساغلام كىشىلەرنىڭ ۋىتامىن ياكى كالتسىيلارنى قوشۇمچە قىلىپ ئىستىمال قىلىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ يوق دىگەندە، مىنىڭچە ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بالىلارغا، ياشانغانلارغا، تاماقنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا دىققەت قىلماي، تاماق تاللاپ يەيدىغان كىشىلەرگە، ۋىتامىن ۋە كالتسىت مىقدارى تۆۋەن بولغان يېمەكلىكلەرنى كوپ ئىستىمال قىلىدىغان كىشىلەرگە، ۋە ياكى ئاشقازان ئۈچەينىڭ ئوزۇقلۇقنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى ناچار بولغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ھەقىقەتەن زۆرۈر.
   ھازىر جەمئىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىش نۇرغۇن يېمەكلىكلەر ئۆزىنىڭ تەبىلىكىنى يوقىتىۋاتىدۇ. كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىمۇ بىر خىل جىددىچىلىك مەۋجۇت. نۇرغۇن كىشىلەر تەييار تاماق ۋە ياكى توڭلاتقان تاماقلارنى ئىستىمال قىلىشقا ئادەتلەنگەن. بەزى كىشىلەر تېرىسىنىڭ قارىداپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئەزەلدىن ئاپتاپقا قاقلانمايدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا نۇرغۇن كىشىلەردە ھەر خىل ۋىتامىن ۋە كالتسىي يېتىشمەسلىك ئەھۋالى مەۋجۇت. شۇڭا ئۇلار ۋىتامىن بىلەن كالىتسىينى تولۇقلاشقا مۇھتاج.
   مىنىڭ قارىشىمچە ئادەم بەدىنى يىمەكلىك تەركىبىدىن يېتەرلىك ۋىتامىن ۋە كالتسىيغا ئېرىشەلىسە ئەڭ ياخشى. بىراق تەبى يېمەكلىكلەر تەركىبىدىن تاللاپ ئىشلەنگەن ئەلا سۈپەتلىك تەبى ۋىتامىن ۋە كالتسىينى قوشۇمچە ئىستىمال قىلىشمۇ ساقلىقنى ساقلاشنىڭ بىر ياخشى ئۇسۇلى. ياشانغان كىشىلەردە ۋە ئاياللاردا بولۇپ ھېيىز مىقدارى كوپ كىلىدىغان ئاياللار، كوپ بالا تۇغقان ئاياللار، ھامىلدار بولۇپ قالغان ۋە ياكى بالىسىنى ئېمىتىۋاتقان ئاياللاردا ۋىتامىن ۋە كالتسىي يېتىشمەسلىك ئەھۋاللىرى بىر ئاز ئومۇم يۈزلۈك بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇ ماددىلارنى يېتەرلىك ئىستىمال قىلىشى تىخىمۇ مۇھىم. ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بالىلاردا بولسا كالتسىي يېتىشمەسلىك ئەھۋالىمۇ بىر ئاز كوپ بولۇپ، كالتسىينى تولۇقلاشقا ئېھتىياجلىق.
   ئاخىردا ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، سۇپىتى تۆۋەن بولغان ياكى خىمىيىلىك ئارىلاشما تەركىۋى كوپ بولغان، تەبى بولمىغان ناچار سۈپەتلىك، يالغان، ساقتا ۋىتامىن ۋە كالتسىيلارنى ئىستىمال قىلىپ، ساغلاملىققا زىيان كەلتۈرۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 547 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01