دورا-ئۇكۇلنىڭ زىينى بارمۇ؟

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

دوكتۇر مۇھەممەتئىمىن بىلەن سوئال جاۋاپ1

1-سۇئال: ئادەتتىكى ئۇششاق كېسەللەرگە، مەسىلەن، يېنىك زۇكام دىگەندەك كېسەللەرگە گىرىپتار بولغاندا بەزىلەر "ئامال بار دورا-ئوكۇلسىز ھالدا ئۆزلىگىدىن ئەسلىگە كەلگەن ياخشى، بولمىسا كېيىن دورا-ئوكۇل تەسىر قىلمايدۇ" دېيىشىدۇ، سىزچە بۇ گەپنىڭ ئاساسى بارمۇ؟

جاۋاپ: مېنىڭچە بۇ گەپنىڭ مەلۇم ئاساسى بار.

ئادەم بەدىنىدە كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئامىللار ناھايىتى كوپ بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنى بىئولوگىيىلىك ئامىللار، خىمىيىلىك ئامىللار، فىزىكىلىق ئامىللار، يىمەك-ئىچمەك ئامىللىرى ۋە ئىرسىي ئامىللار دىگەندەك 5 خىل تۈرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كوپ ئۇچرايدىغان ئامىل بىئولوگىيىلىك ئامىل بولۇپ، ئۇ ھەر خىل ۋىرۇس، باكتېرىيە ۋە پارازىت قۇرتلارنى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ.
   ئادەتتە كېسەلنى داۋالىغاندا، ئالدى بىلەن ئۇ كېسەلنىڭ نىمە كىسەل ئىكەنلىكىنى ئىنىقلاپلا قالماستىن بەلكى ئۇ كېسەلنىڭ نىمە سەۋەپتىن كېلىپ چىققانلىغىغىمۇ قاراش كېرەك.
يۇقىردا سىز سورىغان ئادەتتىكى زۇكامنى زۇكام ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر زۇكامنى ئوز ئىچىگە ئالغان ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقارغان بارلىق كېسەلگە نىسبەتەن ئۈنۈملۈك دورا ناھايىتى ئاز. ھازىر زۇكامنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىۋاتقان دورىلار ئاساسەن زۇكام كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەللىك ئالامەتلىرىنى يەڭگىللىتىش ۋە بەدەننىڭ ئىمونتت كۈچىنى ئاشۇرۇشتىنلا ئىبارەت. شۇڭا زۇكامنى ئوز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەلدىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى بەدەننىڭ ئىمونت كۈچىنى ئاشۇرۇش، مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە ۋاكسىنا ئۇردۇرۇشتىن ئىبارەت.
   زۇكامنى داۋالاشتا ئۈنۈملۈك دورا بولمىغانلىقى ئۇچۇن، زۇكامنى داۋالاشتا زۇكامنىڭ ئۆزىنى ئەمەس، بەلكى زۇكام كەلتۈرۈپ چىقارغان ئالامەتنى كونترول قىلىپ، بىمارنىڭ بىئاراملىقىنى ئازلىتىش ئاساس قىلىنىدۇ. يەنى زۇكام سەۋەبىدىن باش ياكى گىلى ئاغرىغان بولسا ئاغرىقنى توختىتىدىغان دورا ئىشلەتسە بولىدۇ. قىزىتمىسى ئېشىپ كەتكەن بولسا قىزىتمىسىنى ياندۇرىدىغان دورا ئىشلەتسە بولىدۇ.

   نورمال ئەھۋال ئاستىدا ئادەتتىكى زۇكام كىشىلەرنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالى ۋە يېشىغا ئاساسەن 3 كۈندىن 7 كۇن ئىچىدە ساقىيىپ كېتىدىغان بولۇپ، ئەگەر بىئاراملىققا چىداپ كېتەلىسە ياكى قىزىتمىسى يۇقىرى بولمىسا، ياخشى ئارام ئىلىش، سۇنى كوپ ئىچىش ئارقىلىقمۇ ساقىيىپ كەتكىلى بولىدۇ. ئۇندىن باشقا بەزى يەرلىك ياكى مىللىچە ئۇسۇلدا، ۋە ياكى بەزى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش ئىلىپ بارسىمۇ بولىدۇ.
   بىراق مەسىلە بەزى كېسەللەرنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى ئادەتتىكى زۇكام بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، بۇنى چوقۇم ئادەتتىكى زۇكامدىن پەرىقلەندۇرۇش كېرەك.
بولۇپمۇ ياش چوڭايغاندا بەدەندە كۆرۈلگەن ھەرقانداق ئالامەتكە سەل قارىماي، دوختۇرغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئىلىپ بېرىش كېرەك. بولمىسا بەزى كېسەللەرگە بالدۇر دىئاگنۇز قويۇپ، بالدۇر داۋالاش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويىدىغان گەپ.
   ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىك مەسىلە، ھازىر مەيلى ئۇيغۇر ئىلىدە بولسۇن ۋە ياكى جۇڭگۇنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە بولسۇن، كىشىلەر زۇكام بولۇپ دوختۇرغا كۆرۈنگەندە، بىمارغا كۆپلەپ باكتىريەگە قارشى دورا ئىشلىتىدىغان بولۇپ كەتتى، ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خىل توغرا بولمىغان داۋالاش ئۇسۇلى.
   مېنىڭچە ھەرقانداق كېسەلگە نىسبەتەن مۇۋاپىق دورا ئىشلىتىش ناھايىتى مۇھىم. چۈنكى دورا خىمىيىلىك ماددا بولغىنى ئۇچۇن، ئۇ بىر تەرەپتىن كىسەل داۋالىغىنى بىلەن، يەنە بىر تەرەپتىن بەدەنگە مەلۇم ئەكىس تەسىرنى ئىلىپ كېلىدۇ. ئۇندىن باشقا دورىلارنى بولۇپ باكتىريەگە قارشى دورىلارنى قالايمىقان ئىشلەتكەندە، بەدەندىكى ۋە ياكى ئەتىراپتىكى مۇھىتتىكى باكتىريەلەر شۇ خىلدىكى دورىغا قارشىلىق كۇچ پەيدا قىلىپ، كىيىن دورا پايدا قىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
   شۇڭا مىنىڭ قارىشىمچە دورا ئىشلىتىشنىڭ ھاجىتى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئامال بار دورا ئىشلەتمەسلىك، ياكى ئاز دورا بىلەن ساقىيىدىغان كېسەلگە ئىمكان بار قالايمىقان دورىلارنى كوپ ئىشلەتمەسلىك كېرەك. بۇنداق دېگەنلىك كىسەل بولساڭ دورا يىمە دېگەنلىك ئەمەس. ئېھتىياج بولغاندا يەنىلا مۇۋاپىق دورا يىيىش، يىگەندىمۇ ۋاقتىدا يىيىش كېرەك.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 625 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01