كالتسىينىڭ ساغلاملىقتىكى رولى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

                                دوكتۇر مۇھەممەتئىمىن

    كالتسىي (Calcium، 钙) ئادەم بەدىنىدە كەم بولسا بولمايدىغان مىنىرال ماددىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىدا ناھايىتى چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەگەر مەلۇم كىشىنىڭ قىنىدىكى كالتسىينىڭ مىقدارى  8.5 م گ /دل (ياكى 2.13 mmol/L) دىن تۆۋەن بولۇپ مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، بۇ كىشى كالتسىي كەملىك كېسىلى (Hypocalcemia، 低血钙症) گە گىرىپتار بولغان بولىدۇ. 
    ئۇيغۇرلار ئىچىدە كالتسىي كەملىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ناھايىتى كوپ، بولۇپمۇ بالىلار بىلەن ياشانغان ئاياللاردا. بالىلار ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كالتسىي كەملىك كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، تۇتقاقلىق كىسەل قوزغالغاندا ياكى يىغلاپ تېلىقىپ ئاۋازى يوقاپ كەتكەندە ۋە ياكى ئوڭاي چۆچۈيدىغان بولۇپ قالغاندا، بەزى ئاتا ئانىلار، بالىغا جىن چاپلىشىپ قاپتۇ دەپ قاراپ، موللام ۋە باخشىلارغا ئوقۇتۇپ، داۋالاشنى كېچىكتۈرۋېتىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. بۇنداق ئەھۋاللاردىن ساقلىنىش ئۇچۇن كالتسىي كەملىك كېسىلىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىنى ۋە ئۇنىڭدىن قانداق قىلىپ ساقلانغىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يەتمەك لازىم.
 
    -----مەزكۇر ماقالە دوكتۇر مۇھەممەتئىمىننىڭ«ساغلام بولۇڭ» ياخو گۇرۇپپىسىدىن ئېلىندى.  http://health.groups.yahoo.com/group/SaghlamBolung

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 491 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01