بايلار كېسىلى ۋە كەمبەغەللەر كېسىلى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

 

بايلار كېسىلى دېگەن قانداق كىسەل؟

    بەزى كىشىلەر ئىقتىسادى تەرەققى قىلغان رايون، دۆلەتلەردە ۋە ياكى ئىقتىسادى ياخشى كىشىلەر ئارىسىدا كۆپ ئۇچرايدىغان بەزى كېسەللەرنى بايلار كېسىلى دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، بۇ كېسەللەر تاجىسىمان يۇرەك قان-تومۇر كېسىلى (冠心病)، يۇقىرى قان بېسىمى (高血压)، قىزىل قان تومۇر قېتىۋېلىش كېسىلى (动脉硬化) قاتارلىق يۇرەك قان تومۇر كېسىلى (心血管疾病)، مىڭە قانسىزلىنىپ ئۆلۈش كېسىلى (脑梗死)، مېڭىگە قان چۈشۈش كېسىلى (脑出血)، مىڭە قان تومۇرى قېتىشىۋېلىش كېسىلى (脑血管硬化)
قاتارلىق مىڭە قان تومۇر كېسىلى (脑血管疾病) ۋە دىئابىت كېسىلى (糖尿病)قاتارلىق كېسەللەرنى ئوز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇ كېسەللەر ئاساسەن كىشىلەرنىڭ گوش، ماي ۋە تاتلىق يىمەكلىكلەر قاتارلىق يۇقىرى ئىنىرگىيەلىك يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشى بىلەن بىۋاستەمۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھەركەتنى ئاز قىلىدىغان سېمىز كىشىلەر ئارىسىدا كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ كىسەل ئادەتتە ئىقتىسادى تەرەققى قىلمىغان كەمبەغەل رايونلاردىكى كەمبەغەل كىشىلەر ئارىسىدا بەك كۆپ ئۇچرىمايدۇ.

   شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇكى، ئىقتىسادى تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردىكى ھەقىقى باي كىشىلەر ۋە مەدەنىيەت سەۋىيسى يۇقىرى كىشىلەر گوش ماينى ۋە تاتلىق يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشنىڭ زىيىنىنى تونۇپ يەتكەنلىكى، يىمەك ئىچمەكتە ئۆزىنى قاتتىق كونترول قىلىدىغانلىقى ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشكە ئادەتلەنگەنلىگى ئۇچۇن، ھازىر بۇ ئاتالمىش "بايلار كېسىلى" ھەقىقى باي كىشىلەر ئارىسىدا كۈنسايىن ئازلاپ، تەرەققى قىلغان مەملىكەتلەردىكى كەمبەغەللەر ئارىسىدىلا كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ قالدى. ئەگەر سىز
ئامېرىكىدا ئالاھىدە سېمىز ئادەمنى ئۇچراتسىڭىز، سىز ئۇ كىشىنى ئىقتىسادى كىرىمى ۋە مەدەنىيەت سەۋىيسى ئانچە يۇقىرى ئەمەس، ۋە ياكى ھۆكۈمەتتىن قۇتقۇزۇش پۇلى ئىلىپ، بىكار يەپ بىكار ئىچىدىغان كىشى دەپ پەرەز قىلسىڭىز، پەرىزىڭىزنىڭ توغرا بولۇش ئېھتىماللىقى 90% دىن ئارتۇق بولىدۇ.

كەمبەغەللەر كېسىلى دېگەن قانداق كىسەل؟

بەزى كىشىلەر ئىقتىسادى تەرەققى قىلمىغان رايون، دۆلەتلەردە ۋە ياكى كەمبەغەل كىشىلەر ئارىسىدا كۆپ ئۇچرايدىغان بەزى كېسەللەرنى كەمبەغەللەر كېسىلى دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، بۇ كېسەللەر ھەر خىل تېبىركىلوز كېسىلى (结核病)، جىگەر ياللۇغى (肝炎)، بەزگەك (疟疾)، كېزىك (伤寒)، ئىچى سۈرۈك (痢疾),قاپلىق قۇرۇت كېسىلى (包虫病)، ھەر خىل مەددە قۇرۇت كېسىلى (寄生虫病) قاتارلىق ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەللەرنى ئوز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇ كېسەللەر ئاساسەن كىشىلەرنىڭ يىمەك ئىچمەكلىرىنىڭ ناچار بولۇشى، يەنى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، يىمەك ئىچمەك تازلىقىنىڭ ناچار بولۇشى، كىشىلەرنىڭ تازلىق ۋە ئاڭ سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. بۇ كېسەللەر ئادەتتە ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى تەرەققى تاپمىغان دۆلەتلەر بىلەن بەزى ئاسىيا دۆلەتلىرىدە كۆپ ئۇچرايدۇ، بىراق تەرەققى قىلغان غەرب مەملىكەتلەردە ۋە ئىقتىسادى ياخشى بولغان باي كىشىلەر ئارىسىدا ئاساسەن بەك كۆپ ئۇچۇرمايدۇ.

ئۇيغۇر ئىلى ئادەتتە ئىقتىسادى تەرەققى قىلمىغان رايون ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، يۇقىردا دەپ ئۆتكەن "كەمبىغەللەر كېسىلى" كۆپ ئۇچرىغاندىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ گوش ماينى كۆپ ئىستىمال قىلىش، ھاراق تاماكىغا كۆپ بېرىلىش، بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىكتەك بەزى ناچارتۇرمۇش ئادەتلىرى سەۋەبىدىن يۇقىردا دەپ ئۆتكەن "بايلار كېسىلى"مۇ كۆپ
ئۇچرايدۇ.

ئۇيغۇر ئىلىنىڭ كەڭ يېزا قىشلاقلىرىدا كىشىلەرنىڭ كەمبەغەللىكى، ياشاش شارائىتىنىڭ ناچارلىقى، تازلىق ئېڭىنىڭ تۆۋەنلىكى، يىمەك ئىچمىكىنىڭ بولۇپمۇ ئىچىملىك سۈيىنىڭ بۇلغىنىشى ۋە ياكى بۇلغانغان سۇلارنى ئىستىمال قىلىشقا مەجبۇر بولۇشى، ۋە ياكى ئۆلچەمگە توشىدىغان پاكىز سۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، بەزىلەرنىڭ ھەتتا يوقسۇزلۇق تۈپەيلىدىن يېتەرلىك ئوزۇقلۇققا ئېرىشەلمەسلىكى قاتارلىق سەۋەبلەردىن يۇقىردا دەپ ئۆتكەن "كەمبەغەللەر كېسىلى" كۆپ ئۇچۇرسا، ئۇرۇمچى، غۇلجا، قەشقەر قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە، كىشىلەر تۈگىمەس ئولتۇرۇش ۋە
قاتار چايلاردا چوڭ يەپ چوڭ ئىچىپ، ھەددىدىن زىيادە كۆپ ھاراق ۋە تاماكىلارغا بېرىلگەنلىكى سەۋەبىدىن يۇقىردا دەپ ئۆتكەن "بايلار كېسىلى"دىنمۇ تەڭ "بەھرىمان" بولماقتا.

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 776 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01