ئاكتىپ روھىي ھالەت

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


ئاكتىپ روھىي ھالەت

مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەربابنىڭ ئەڭ مۇھىم بەلگىسى ئۇنىڭ روھىي ھالىتى.بىر كىشى روھىي ھالەتتە ئاكتىپ بولۇپ، كىشىلىك تۇرمۇشقا ئۈمىدۋار مۇئامىلە قىلالىسا، خىرىس ۋە ئاۋارىچىلىقلارغا ئۈمىدۋارلىق بىلەن تاقابىل تۇرالىسا يېرىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولىدۇ.

بىز شۇنداق بىر غەلىتە پاكىتقا كۆز يۇمالمايمىزكى،بۇ دۇنيادا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ كۆزگە كۆرۈنىدىغانلار ئاز، مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ كۆزگە چېلىقماي ئۆتۈپ كېتىدىغانلار كۆپ. مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلار ئەركىن، ئازادە ۋە بىمالال ياشايدۇ،مەغلۇبىيەتكە ئۇچىرىغانلار چۈشكۈن، جاپالىق ۋە ئازاب ئىچىدە ياشايدۇ.

مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار بىلەن مەغلۇپ بولغۇچىلارنىڭ روھىي ھالىتىنى، بۇلۇپمۇ ھالقىلىق پەيىتتىكى روھىي ھالىتىنى تەپسىلىي كۆزىتىپ، ئۆز-ئارا سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساق، «روھىي ھالەت»نىڭ كىشىلەر تۇرمۇشىغا تامامەن ئوخشىمايدىغان ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بايقاپ، ھەيران قالىمىز.

مال ساتقۇچىلار ئارىسىدا مۇنداق بىر ئىشنى ئاڭلىغانلار ناھايىتى ئاز: ياۋروپالىق ئىككى سودىگەر خۇرۇم ئاياغ سېتىش ئۈچۈن ئافرىقىغا بېرىپتۇ. ھاۋا بەك ئىسسىق بولغانلىقتىن ئافرىقىلىقلار يالاڭ ئاياغ يۈرىدىكەن، مال ساتقۇچىلارنىڭ بىرىنچىسى ئافرىقىلىقلارنىڭ يالاڭ ئاياغ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ،-بۇ كىشىلەر يالاڭ ئاياغ يۈرىدىغان تۇرسا، خۇرۇم ئاياغلارنى ئالامتى؟ دەپ ئويلاپتۇ-دە، ئۈمىدسىزلىنىپ ھېچقانداق تىرىشچانلىق كۆرسەتمەي مەيۈسلىنىپ كېتىپ قاپتۇ: يەنە بىر مال ساتقۇچى بولسا، ئافرىقىلىقلارنىڭ يالاڭ ئاياغ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ،-بۇلارنىڭ كىيىدىغان ئايىغى يوق ئىكەن، بۇ يەرنىڭ ئاياغ بازىرى ھەقىقەتەن قالتىسكەن دەپتۇ-دە، ناھايىتى خوشاللىنىپ، ھەرخىل ئامال-چارە قوللىنىپ، ئافرىقىلىقلارنى ئاياغ سېتىۋېلىشقا يىتەكلەپتۇ ھەم باي بولۇپ قايتىپتۇ.

مانا بۇ كۆز قاراشتىكى ئوخشىماسلىقنىڭ ئاسمان-زېمىن پەرقلىق ئاقىۋەت ئېلىپ كەلگەنلىكى. دېمەك، ئوخشاشلا ئافرىقا بازىرى، ئوخشاشلا يالاڭ ئاياغ ئافرىقىلىقلار، ئەمما كۆز قاراشتىكى ئوخشىماسلىق تۈپەيلىدىن بىرسى ئۈمىدسىزلىنىپ قۇرۇق قول قايتىپ كەتكەن؛ يەنە بىرسى تولۇق ئىشەنچكە كىلىپ، زور ئۇتۇق قازانغان.

تۇرمۇشتا مەغلۇپ بولۇپ كۆزگە چېلىقمايدىغان ئۆتىدىغانلارنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ روھىي ھالەت قارىشىدا مەسىلە بار. ئۇلار قىيىنچىلىققا يۇلۇقسا، ئوڭايلا چېكىنىش يولىنى تاللايدۇ. «مەن بولالمىدىم، يەنىلا چېكىنەي»دەپ ئويلايدۇ. نەتىجىدە مەغلۇبىيەت ھاڭىغا چۈشۈپ كىتىدۇ. مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار قىيىنچىلىققا يۇلۇققاندا ئاكتىپ روھىي ھالەتتە بولىدۇ «مەن قىلاي!مەن قىلالايمەن!» «چوقۇم ئامالى بار!» دېگەنگە ئوخشاش ئوي بىلەن ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەرخىل ئامال-چارە تېپىپ، تاكى غەلبە قىلغانغا قەدەر توختىماي ئىلگىرلەيدۇ. ئېدىسون نەچچە مىڭ قېتىم مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، مەغلۇبىيىتىگە ھەرگىز تەن بەرمەي، دۇنياغا يورۇقلۇق ئاتا قىلغان لامپۇچكىنى ئاخىر ئىجاد قىلغان.

شۇڭلاشقا مۇۋەپپەقىيەت ئىلمىنىڭ پىشۋاسى ناپالېئون خېئول مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش-قازىنالماسلىقىدىكى ئاچقۇچ-ئۇنىڭ روھىي ھالىتىدە. مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار بىلەن مەغلۇب بولغۇچىلارنىڭ پەرقى شۇكى ـــ مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلاردا ئاكتىپ روھىي ھالەت يەنىPMA(Positive.Mental Attitud) بولىدۇ. مەغلۇپ بولغۇچىلار كىشىلىك تۇرمۇشقا پاسسىپ روھىي ھالەت بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. پاسسىپ روھىي ھالەتNMA(Negative mental Attitude) (ئامېرىكىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت ئىلمىي ساھەسىدە PMAبىلەنNMAئاكتىپ روھىي ھالەت بىلەن پاسسىپ روھىي ھالەتنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن مەخسۇس ئاتالغۇ بولۇپ قالغان).

مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار كىشىلىك تۇرمۇشنى PMAئالتۇن قانۇنىيىتىدىن پايدىلىنىپ ئىدارە قىلىدۇ، ئۇلار كىشىلىك تۇرمۇشنى ئاكتىپ تەپەككۇر، ئۈمىدۋار روھ ۋە شانلىق تەجرىبە بىلەن ئىدارە قىلىدۇ ۋە كونترول قىلدۇ. مەغلۇپ بولغۇچىلار ئۆتمۈشتىكى خىلمۇخىل ۋە ئەندىشىلىرىنىڭ يىتەكچىلىكى ۋە كونتروللىقىدا بولىدۇ. ئۇلار ھەمىشە خىيالپەرەس، قورقۇنچاق، ئۈمىدسىز، پاسسىپ چۈشكۈن بولۇپ، ئاخىرى مەغلۇبىيەت يولىغا ماڭىدۇ.

كىشىلىك تۇرمۇشنى ئاكتىپ روھىي ھالەت قانۇنىيىتىدىن پايدىلىنىپ ئىدارە قىلىدىغانلار ئاكتىپ، جۇشقۇن، تەۋەككۈل قىلىشقا ئىنتىلىدىغان، ئۈمىدۋار روھىي ھالەتتە بولىدۇ، ئۇلار كىشىلىك تۇرمۇشتا دۇچ كەلگەن تۈرلۈك قىيىنچىلىق، زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ئۈمىدۋارلىق بىلەن توغرا بىرتەرەپ قىلىدۇ. كىشىلىك تۇرمۇشنى NMA(پاسسىپ روھىي ھالەت)دىن پايدىلىنىپ ئىدارە قىلىدىغانلارنىڭ روھىي ھالىتى ئۈمىدسىز، لايغەزەل ۋە چۈشكۈن بولۇپ، كىشىلىك تۇرمۇشتا دۇچ كەلگەن تۈرلۈك مەسىلە، زىددىيەت ۋە قىيىنچىلىقلارنى ئاكتىپلىق بىلەن ھەل قىلمايدۇ، ئۇنداق قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.

بەزىلەر ھازىرقىدەك قىيىن ئەھۋالغا قېلىشىمىزنى باشقىلار پەيدا قىلغان، مۇھىت كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئورنىمىزنى بەلگىلىدى، دېيىشكە ئامراق. ئۇلار دائىم:«ئوي-پىكرىمىزنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەس» دىيىشىدۇ.ھالبۇكى، بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى ئەتراپىمىزدىكى مۇھىت بەلگىلىگەن ئەمەس.تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، كىشىلىك تۇرمۇشتا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆزىمىز بەلگىلەيمىز. ناتسىتلار گېرمانىيىسىنىڭ مەلۇم بىر ھەربىي لاگېرىدىن سالامەت قۇتۇلۇپ چىققان ۋېكتور فرانكىل،-كىشىلەرنىڭ ھەرقانداق ئالاھىدە مۇھىتتا ئۆز پوزىتسىيىسىنى تاللاشتىن ئىبارەت ئاخىرقى ئەركىنلىكى بولىدۇ،-دېگەنىدى.

پەيلاسوپ مابكوك،- مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش مەلۇم تالانتقا، مەلۇم سېھرىي كۈچكە، ئۆزىمىزدە بولمىغان بەزى نەرسىلەرگە باغلىق، دەپ قاراش ئەڭ كۆپ ئۇچىرايدىغان، شۇنداقلا ئەڭ كۆپ بەدەل تەلەپ قىلىدىغان خاتالىق دېگەن. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ مۇھىم ئامىللىرى ئۆز ئىلكىمىزدە بولىدۇ. مۇۋەپپەقىيەت-PMAدىن پايدىلانغانلىقنىڭ نەتىجىسى . بىرەر كىشىنىڭ يۇقىرىغا قانچىلىك ئۆرلىيەلىشىنى باشقا ئامىللار ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ روھىي ھالىتى بەلگىلەيدۇ.

ناپولېئون خېئول بىزگە كىشىلىك تۇرمۇشتىكى تەقدىرىمىزنى ئاساسەن ئۆزىمىزنىڭ روھىي ھالىتىمىز بەلگىلەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ:

1.  بىز تۇرمۇشقا قانداق مۇئامىلە قىلساق، تۇرمۇشمۇ بىزگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ.

2.  بىز باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلساق، باشقىلارمۇ بىزگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ.

3.  بىزنىڭ بىر ۋەزىپىنى تاپشۇرۋالغاندىكى روھىي ھالىتىمىز ئاخىرىدا قانچىلىك مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغانلىقىمىزنى بەلگىلەيدۇ، بۇ باشقا ھەرقانداق ئامىلدىن مۇھىم.

4.  كىشىلەرنى بىرەر ئىجتىمائىي تەشكىلاتتىكى ئورنى قانچە يۇقىرى بولسا، ئۇلار ئەڭ ياخشى روھىي ھالەتنى شۇنچە ئوڭاي تاپالايدۇ.

بەزى كىشىلەرنىڭ ئېيتقىنىدەك مۇھىتىمىزنى- پسىخىك-روھىمىزنى، ھىسىياتىمىزنى تامامەن ئۆز پوزىتسىيىمىز بەلگىلەيدۇ، دېيىش قىلچە ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.

PMAبولسىلا ھەممە ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ-،ئەلۋەتتە. بىراقPMAبىر كىشىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى چوقۇم ياخشىلايدۇ.ھالبۇكى، ھەممە ئىشتا مۇددايىڭىزنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. پەقەت PMAبىلەن 17 ماددىلىق مۇۋەپپەقىيەت قانۇنىيىتىنىڭ باشقا قانۇنيەتلىرى زىچ بىرلەشتۈرۈلگەندىلا ئاندىن مۇۋەپپەقىيەت مەنزىلىگە يەتكىلى بولىدۇ، بۇنىڭ ئەكسىچەNMAبويىچە ئىشلىگۈچىلەر چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ. ناۋادا تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ ۋاقىتلىق مۇۋەپپەقىيەت قازانغان تەقدىردىمۇ، بۇنداق مۇۋەپپەقىيەت كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يوقىلىدۇ.

 

ناپولىئون خېئولنىڭ«مۇۋەپپەقىيەت دەستۇرى»ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.(گۈلجەننەت)

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 992 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01