ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا توتېم مەسىلىسى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


  

ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا توتېمىزم مەسىلىسى

(بۆرە توتېممۇ ياكى سىمۋولمۇ؟)

يۈسۈپجان ياسىن

 

تۈركىي  قەۋملەر  تارىختا دىنىي جەمىئىيەت ئەمەس، بەلكى سىياسىي خاراكتېردىكى بىر جەمئىيەت تەشكىل قىلغان . ئۇلاردا دىن ئادەملىرى   تېرىم  مەدەنىيىتىدىكى  ئىنسانلاردا، چۆل ۋە ئورمان قەۋملىرىدە كۆرۈلگەننىڭ ئەكسىچە سىياسىي ھاياتتا ۋە دۇنياۋىي ئىشلاردا مۇھىم رول ئوينىمىغان . لېكىن، بۇ ئۇيغۇر قاتارلىق قەدىمكى تۈركىي قەۋملەردە بىر ئېتىقاد سىستېمىسىنىڭ بولمىغانلىقىدىن ئىبارەت  غەيرى بىر مەنانى چۈشەندۈرمەيدۇ.  شۇنى ئېيتىش كېرەككى، ئىنسانىيەتنىڭ دىن تارىخىدا   تۈركىي قەۋملەرنىڭ ئېتىقاد ھاياتى ئالاھىدە بىر سەھىپە تەشكىل قىلىدۇ. بۇ مىللەت تۈركىمى ئېتىقاد جەھەتتە غەيرى ۋە باتىل چۈشەنچىلەردىن يىراق تۇرۇپ، ئىنسان روھىنى، قەلبىنى ۋە زوقىنى لەززىگە سالمىغان نەرسىلەرگە قارىتا سېغىنىش ۋە ئۇلۇغلاش  تۇيغۇسىدا بولمىغان. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ روھ – مەنىۋىي كۈچ جەھەتتىكى تەپەككۇرى تەڭرى(ياكى روھ)، تەبىئەت ۋە ئىنساندىن ئىبارەت ئۈچ ئامىلغا مەركەزلىشىپ، تەبىئەتنى مۇقەددەس، تەڭرىنى تابۇ( شەك كەلتۈرۈشكە، تىل تەككۈزۈشكە بولمايدىغان، قەتئىي ئىشىنىشكە تېگىشلىك ئۇلۇغ مەنىۋىي كۈچ دەپ قاراش) ۋە ئىنساننى مەركەز دەپ بىلىدىغان ئېتىقاد سىستېمىسىنى ۋە بۇنىڭغا تايانغان ھوقۇق پەلسەپىسىنى ياراتقان. شۇ سەۋەپلىك، تۈركىي قەۋملەرنىڭ ئېتىقاد سىسىتېمىسى  ناھايىتى بۇرۇنلا بىر خۇدالىق دىنگە قاراپ تەرەققىي قىلغان.

 قەدىمكى تۈركىي  قەۋملەرنىڭ ئەسەبىي دىنىي مۇراسىملاردىن، زەرەرلىك ئىبادەتلەردىن، مۇتەئەسسىپلىك ۋە دىنىي مونۇپۇلچىلىقتىن يىراق تۇرۇشى ئۇلارنى مەيلى   ئۆز  قەۋمى ھەققىدە بولسۇن، ياكى باشقا مىللەتلەر  ھەققىدە بولسۇن، ناھايىتى ئەركىن مۇئامىلە قىلىدىغان مىللەتكە ئايلاندۇرغان. ئەمما، ھازىرغا قەدەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان نۇرغۇن تەتقىقات ئەسەرلىرىدە  19- ۋە 20 – ئەسىرلەردە  مەيدانغا كەلگەن ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ ئېتىقاد تارىخىنى ئوخشاش بىر مېتود ياكى  ئوخشاش بىر قېلىپ بويىچە تەتقىق قىلىدىغان  خائىش ئومۇملىشىپ قالغانلىقتىن، ئۇيغۇرلارنىڭ  ئېتىقاد تارىخى ئەسلى ماھىيىتى بىلەن نامايەن بولالمىدى. ھەتتا نۇرغۇن يات نەرسىلەر بۇ مىللەت تۈركۈمىنىڭ  ئېتىقاد تارىخىغا زورلاپ تېڭىپ قويۇلدى. تۈركىي قەۋملەرنىڭ ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد تارىخىدىن سۆز ئېچىلغاندا، ئەلبەتتە بۇ مەسىلىلەرنى ئېنىق ئايرىپ چىقىش كىرەك. مەلۇمكى، بىر مىللەتنىڭ ئېتىقاد تارىخىنىڭ پاكلاندۇرۇلىشى باشقىلار تەرىپىدىن  زەھەرلەنگەن مىڭە ۋە بۇلغانغان قەلبنىڭ پاكىز تازىلانغىنىغا ئوخشاش، ئىنسان ۋۇجۇدىغا يېڭى روھ ۋە يېڭى ئەقىل بېغىشلايدۇ.  مەدەنىيەت تارىخىمىزغا مال قىلىنىۋاتقان توتېمىزم مەسىلىسىمۇ دەل بىزنىڭ جىددى مۇئامىلە قىلىدىغان  ۋە مەدەنىيەت تارىخىمىز بىلەن بولغان چەك-- چېگراسىنى ئېنىق ئايرىپ چىقىشقا تېگىشلىك مۇھىم تېمىلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر. مەزكۈر ماقالىنىڭ مەقسىتىمۇ مۇشۇ نوقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتۇر.        

   توتېم -- ئەڭ ئىپتىدائىي ئېتىقاد چۈشەنچىلىرىدىن بىرى.  توتېمىزمدا ياكى توتېم ئېتىقاتىدا  بىر ئائىلىنىڭ ياكى بىر  ئۇرۇقنىڭ دىنىي ۋە سېھرىي جەھەتتىن تەبىئەت دۇنياسىدىكى مەلۇم بىر ھايۋان، ئۆسۈملۈك ياكى تەبىئەت ھادىسلىرى، ھەتتا ئۇششاق-- چۈششەك نەرسىلەر  بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئەجدات دەپ قارىلىدىغانلىقى  ۋە ئۇنىڭ بىلەن تەقدىر بىرلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكى ئىتىراپ قىلىنىدۇ. بۇ ئارقىلىق توتېم دەپ قارالغان ئاشۇ ئەپسانىۋىي ئەجداتلارنى  قوغدىغۇچى ئىلاھ دەپ قاراپ چوقىنىدۇ . دېمەك، تېتېم بىر ئائىلە – كلان(ئۇرۇغ) دىنىدىن ئىبارەتتۇر. (1)

   ھازىر دىن تەتقىقاتىدا قوللىنىلىۋاتقان << توتېم>> سۆزى شىمالىي ئامېرىكىدىكى ھىندىئانلارنىڭ ئالگونكى قەبىلىسىنىڭ تىلىدا <<ئوتوتېمان>>(ئوتو -- ئۇرۇق، قەبىلە دېگەنلىكتۇر) شەكلىدە بولۇپ، <<مىنىڭ ئۇرۇغىم، قەبىلەم>> دېگەن مەنىنى بىرىدۇ. تۇنجى بولۇپ 1791- يىلى جون لۇڭنىڭ ئەسىرىدە توتېمنىڭ ھىندىئانلار ئارىسىدا بارلىقىدىن سۆز ئېچىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئاۋسترالىيە ۋە ئوكيانىيەدىكى ئىپتىدائىي توپلار ئارىسىدىمۇ بارلىقىنى گرېي 1841- يىلى ئىلان قىلىنغان بىر ئەسىرىدە بىلدۈرگەنىدى. ئىنسانلار توتېمغا ھەم كىشى ھەم ئۇرۇغ توپى سۈپىتىدە بەلگىلىك بىر سېھرىي ۋە مىستىك چۈشەنچە ئارقىلىق باغلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇرۇغ ئۆزىنى ئاشۇ توتېمنىڭ نامى بىلەن ئاتايدۇ. ئەگەر توتېم  بىر جانلىق نەرسە(ھايۋان) بولسا، ئۇنى ئۆلتۈرۈش ياكى گۆشىنى يىگىلى بولىدىغان جىنىستىن بولسا ئۇنى يىيىش قەتئىي چەكلىنىدۇ. لېكىن، بەزى  مەخسۇس مۇراسىملاردا  توتېم سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان ھايۋان بوغۇزلىنىپ گۆشى يىيىلىدۇ. توتېمغا ئىشىنىدىغان ھەر شەخسنىڭ بەزىدە ئۆزىگە خاس بىر توتېمى بولىدۇ. بۇنىڭغىمۇ ئوخشاشلا قوغدىغۇچى روھ ۋە قوغدىغۇچى ھايۋان شەكلىدە ئىشىنىدۇ. بولۇپمۇ بۇلار ئۆزلىرى بىلەن ئاشۇ توتېم ئوتتۇرىسىدا بىر ئالاقە ئورنىتىش مەقسىتىدە  توتېمنىڭ ئوبرازىنى بەدىنىگە سىزىۋېلىشنى ئادەت قىلىۋالىدۇ. توتېم  شەكلى يەنە نەرسە --كىرەكلەر، چېدىر ۋە ئۆي ئىچىگىمۇ ئىشلەنگەن. ئەڭ كۆپ  قوللىنىلغان توتېملار ئىچىدە ھىندىئانلارنىڭ ئوژىبۋا قەبىلىسىكى ئېيىق، ئاق تىرەك، بىلىق، تاشپاقا، بۆرە  ۋە سۇ كالىسىنى، ئالگونكى قەبىلىسىدىكى ئېيىق، بىلىق، بۇغا، كۈركە توخۇ، بۈركۈت، تۈلكىنى، ئاۋسترالىيەدىكى كەرتەنكەلە (پاقا، يىلان، تىمساھ قاتارلىق ھايۋانلار تۈرى)، ئافرىقىدىكى يولۋاس، ئىت، كالا، قىزىل توپراق، زەيتۇن دەرىخىنى، ھىندىستاندىكى تۈرلۈك مەدەنلەر ۋە دەرەخلەر، تۇز، يولۋاس، بۆرە، قۇندۇزنى، پولىنېزىيەدىكى ھەرخىل ھايۋانلار، تاش ۋە بەزى ئادەملەرنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ.(2)

خېلىدىن بېرى توتېم ھەققىدە ئەستائىدىل ۋە ئىشەنچىلىك تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلماي تۇرۇپ تۈركىي قەۋملەردە، جۈملىدىن ئۇيغۇرلاردا توتېم ئېتىقادىنىڭ بولغانلىقى(مەنمۇ ئىلگىرى شۇنداق تۇنۇشتا بولغان) تەكىتلىنىپ كەلدى ۋە بۆرە ، ئات، بۇغا، بۈركۈت، كەپتەر ۋە قوي قاتارلىقلار بۇلارنىڭ توتېمى قىلىپ كۆرسىتىلدى. بولۇپمۇ <<بۆرە توتېمى>> ھەققىدىكى قاراشلار ناھايىتى كەڭ يېيىلدى. قىسقىچە بىر خۇلاسىلايدىغان بولساق، بۇ قاراش تۈۋەندىكىدەك دەلىللەرگە تايانغان:

1- تۈركىي قەۋملەرنىڭ بۆرىنى ئەجدات دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا ھإرمەت كۆرسىتىشى؛

2- راشىدىننىڭ <<جامىئۈتتەۋارىخ>> دېگەن ئەسىرىدە ئوغۇزلارنىڭ 24 قەبىلىسدىن سۆز ئېچىلغاندا، ھەر تۆت قەبىلە ئۈچۈن بىر قۇشنىڭ ئونگۇن(بۇ موڭغۇلچە سۆز بولۇپ، تۈركچىدىكى تەلەي--بەخت مەنىسىدىكى ئوڭ سۆزىدىن ياسىلىپ ، توتېم مەنىسىدە كەلگەن) سۈپىتىدە بىلدۈرىلىشى؛

3-  ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي قەۋملەر ئارىسىدا 19- ئەسىرنىڭ ئىككىنجى يېرىمىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردا توتېمىزمدىكى شۇرىنگانى ئەسلىتىدىغان بۇت-- فېتىشلارنىڭ(ئالتايلىقلاردىكى تۆز، ياقۇتلاردىكى تانگارا قاتارلىقلار) بايقىلىشى؛

لېكىن، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تەرەپلەرنى ئۇيغۇر قاتارلىق قەدىمكى تۈركىي قەۋملەردە توتېمىزمنىڭ بولغانلىقىغا دائىر ھەقىقىي دەلىللەر سۈپىتىدە قوبۇل قىلىش تەس. ھەقىقەتەن، تۈرك داستانلىرىدا  بۆرە (كۆكبۆرە) تۈرك نەسلىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى داۋاملاشتۇرغان بىر ئاتا  ياكى ئانا  سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. كۆكتۈرك داستانىدا دۈشمەن تەرىپىدىن پۇت ۋە قولى كىسىپ تاشلانغان بىر بوۋاقنىڭ بۆرە تەرىپىدىن قۇتقۇزىلىشى ۋە ئاشۇ بۆرىنىڭ تۈرك نەسلىنى داۋاملاشتۇرغانلىقى دىققەتنى تارتىدۇ. شۇڭا، كۆكتۈركلەر بۆرىنى ئەجدات سۈپىتىدە قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت كۆرسەتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ھۇن تەڭرىقۇتىنىڭ بىر مەلىكىسى بىلەن بىر بۆرىنىڭ قوشۇلىشىدىن تۆرەلگەنلىكى سۆزلىنىدۇ. ئەجىبا بۆرىگە كۆرسىتىلگەن ھۆرمەت ئۇنىڭ توتېم ئىكەنلىكىدىن ۋە تۈركىي قەۋملەردە توتېم ئېتىقادىنىڭ بولغانلىقىدىن دېرەك بىرەمدۇ؟ ل. گومىليېف << ئۇيغۇرلار ۋە ئاچىنا(ئاسىنا)سارىيىدىكىلەرنىڭ(كۆكتۈركلەرنى دېمەكچى-- ئا) تولۇق بىر توتېمىست ئىكەنلىكىنى  ئېيتىش خېلىلا ئېھتىيات قىلىدىغان مەسىلە. چۈنكى، تارىخىي مەنبەلەردە ئۇلارنىڭ بۆرىگە قارىتا خاراكتېرىستىك بىر پوزىتسىيىدە بولغانلىقىدىن سۆز ئېچىلمايدۇ.>>(3)  دەپ كۆرسىتىدۇ. دېمەك، نۆۋەتتە ھۇن، كۆككتۈرك، ئۇيغۇر ۋە ئوغۇز قاتارلىق تۈركىي قەۋملەردە تۇتېم ئېتىقادى بولغان دېگەن قاراش بىر قىسىم ئالىملار گۇمان بىلەن ياكى رەت قىلىش پوزىتسىيەسى بىلەن قاراۋاتقان مۇھىم بىر مەسىلىدۇر.

مەلۇمكى، توتېمىزم  يالغۇز بىر ھايۋاننى ئەجدات دەپ تۇنۇشتىنلا ئىبارەت ئەمەس. ئۇنىڭ بىر ئېتىقاد سىستېمىسى سۈپىتىدە ئىجتىمائىي ۋە ھوقۇقىي بەلگىلىرىمۇ بولىدۇ.  توتېمىزم سىستېمىسىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن بۇ شەرتلەر تولۇق ھازىرلانغان بولىشى كىرەك. ئىپتىدائىي ئىنسان توپلىرىغا خاس بىر ئېتىقاد سىستېمىسى بولغان توتېمىزمدا ھەر بىر ئۇرۇغ (ئائىلە،كلان) نىڭ بىر ياكى بىر قانچە توتېمى بولىدۇ. ئۇرۇغ ئەزالىرى بۇ توتېم ئۈچۈن دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزىدۇ ۋە بەلگىلىمىلەر-- پەھرىزلەرنى تۈزۈپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا توتېمىزمنىڭ تۈركىي قەۋملەرنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدىن ئېنىق پەرقلىنىپ تۇرىدىغان  تۈۋەندىكىدەك بىر قانچە تۈرلۈك خاراكتېرىستىك تەرەپلىرى بولىدۇ:

1- ھوقۇق جەھەتتىن توتېمىزمدا <<ئانا ھوقۇقى>> ئىجرا قىلىنىدۇ. تۈركىي قەۋملەرنىڭ ئائىلىسى   <<ئاتا ھوقۇقى>> ئاساسلىق ئورۇندا تۇرغان پەدەرىي خاراكتېرگە ئىگە ئىدى. بىر ئۇرۇغ دىنى بولغان توتېمىزمدا مۈلۈك ئورتاقلىقى بولىدۇ، تۈركىي قەۋملەردە بولسا خۇسۇسىي مۈلۈك چوڭ رول ئوينىغان.

2- توتېمىزمدا  ئوخشاش بىر توتېمغا مەنسۇپ بولغانلار ئۆزئارا تۇغقان ھېساپلىنىدۇ. ھالبۇكى، بۇ،  تۈركىي قەۋملەردە قانداشلىققا تايانغان. 

3- توتېمچى ئۇرۇغلار ئىقتىساد جەھەتتىن ئوۋچىلىق ۋە يىغمىچىلىقنى ئاساس قىلغان تەييار ئىقتىسادقا تايانغان. تۈركىي قەۋملەرنىڭ ئىقتىسادى چارۋىچىلىق ۋە دىھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان.

4- توتېمچى  ئىنسان توپلىرىدا ھەر بىر ئۇرۇغنىڭ ئەجدات دەپ تۇنۇيدىغان ئايرىم بىر توتېمى بولىدۇ. تۈركىي قەۋملەردە بولسا پۈتۈن بىر مىللەت مۇقەددەس ھېساپلايدىغان بىرلا ھايۋان مەۋجۈت ئىدى. توتېمىزمدا يالغۇز ھايۋانلا ئەمەس، بەلكى يەنە  بىر تال تاش ۋە يامغۇر سۈيى، ھەتتا ھايۋاننىڭ قۇيرىقى، تىلى، تاپىنى، تۈكىمۇ  توتېم ھېساپلىنىدۇ.  تۈركىي قەۋملەرنىڭ بۆرىگە ھۆرمەت كۆرسىتىشى بولسا ئۇنىڭ نەچچە يۈز مىڭ ھايۋان پادىسى ئوتلايدىغان بوزقىرلاردىكى قورقۇنچلىق ھايۋانغا ئايلىنىشىدىن  بولۇپ، بۇنىڭغا دىنىي بىر تەسەۋۋۇرنى ئاساس قىلىپ كۆرسىتىش قىيىن.  بۆرە رىۋايىتىنىڭ بىرلەشتۈرگۈچى بىر خاراكتېرگە ئىگە بولۇشى كلان-- ئائىلىلەرنى بىر بىرىدىن ئايرىدىغان ۋە ئۇلارنى بىر بىرىگە قارىمۇ –- قارشى قىلىپ قويىدىغان توتېم چۈشەنچىسىگە زىت كىلىدۇ.

5- توتېمىزمدىكى ئۇرۇغلاردا ھەر بىر كىشى توتېمنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدۇ. ھالبۇكى تۈركىي قەۋملەردە ھەر بىر كىشىنىڭ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئايرىم ناملىرى بارئىدى.  ئۇلاردا <<بۆرە ئاتا>> ياشىغان يەر دەپ قوبۇل قىلىنغان غارلاردا بەلگىلىك مۇراسىملارنى ئۆتكۈزۈش ئەنئەنىسى بۆرىنىڭ ۋۇجۇدى(تېنى) بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆتمۈشى قاراڭغۇ تارىخقا ئايلانغان قەدىمىي بىر خاتېرىنىڭ جانلاندۇرۇلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.   

 6- توتېمىزمدا ھەر بىر ئۇرۇغ   توتېمغا چوقىدۇ. لېكىن، تۈركىي قەۋملەر بۆرىگە چوقۇنغان ئەمەس. 

7- كىشىنىڭ ئالدىغا ئۇچرىغان ھەر قانداق نەرسىنى مۇقەددەسلەشتۈرىدىغان <<مانا>>(سىرلىق بىر كۈچ--ئا) چۈشەنچىسى  توتېمىزمنىڭ  گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى ھېساپلىنىدۇ. تۈركىي قەۋملەردە بۇ چۈشەنچە بولمىغىنىدەك، توتېمىزمدىكى روھنىڭ ئۆلمەسلىكىگە ئىشەنمەيدىغان ئېتىقادقا قارشى ھالدا كائىناتنىمۇ روھلار دۇنياسى سۈپىتىدە بىلگەن قەدىمكى تۈركىي قەۋملەردە  دىنىي ئېتىقادنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرى روھنىڭ مەڭگۈلۈككە ئىگە بولىشى ئىدى. شۇ سەۋەپتىن ئەجداتلارنىڭ روھىغا ئاتاپ نەزىرە  بىرىلەتتى ۋە قۇربانلىق قىلىناتتى.(4)‏‏يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تۆزلەرمۇ ئەجداتلارنىڭ سىمۋولى ئىدى. ئومۇمەن، تىلشۇناسلىققا ئائىت تەتقىقاتلارمۇ تۈركىي قەۋملەردە توتېمىزمنىڭ مەۋجۇت بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.  ئەمەلىيەتتىمۇ تۈركىي قەۋملەرنىڭ ئېتىقاد شەكىللىرى توغرىسىدا ئەڭ ئىشەنچىلىك مەلۇماتلارنى بىرىدىغان<<ئورخۇن ئابىدىلىرى>> بىلەن << دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك>> تە توتېم ھەققىدە ھېچقانداق بىر گەپ – سۆزنىڭ ئۇچرىماسلىقى بۇ مىللەت تۈركىمىدە توتېم چۈشەنچىسىنىڭ يوقلىقىدىن تولۇق بىشارەت بىرىدۇ. << ئوغۇزنامە>> داستانىدىكى ئوغۇز قاغانغا يول باشلىغان كۆك بۆرىنىڭ تەڭرى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلىكى، يەنى بۇ بۆرىنىڭ  كۆكتىن چۈشكەن نۇرنىڭ ئىچىدىن پەيدا بولغانلىقى ھەققىدىكى بايانلاردىنمۇ  تۈركىي قەۋملەرنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ  بۆرە چۈشەنچىسىدە توتېم ئىزناسىنىڭ يوقلىقىنى بىلگىلى  بولىدۇ.

      شۇنى ئىزاھلاپ ئۆتۈش زۆرۈركى، خەنزۇ مەنبەلىرىدە بۈيۈك ھۇن تەڭرىقۇتى باتۇر ئائىلىسىنىڭ <<ئەجدەرھا (لۈۋەنت) نەسلى>> دەپ ئاتىلىشى ئۇ دەۋرلەردە خەنزۇلار تەرىپىدىن ھۆكۈمدار ئائىلىرىگە كۆپۈنچە ھايۋاننى ئاساس قىلىپ بىر مۇنچە ئەجداتلارنى(شەندۇڭ ئۆلكىسىدە شۈن دەپ ئاتىلىدىغان پىل شەكىللىك تەڭرى، ئەنخۇي ئۆلكىسىدە يۈ دەپ ئاتىلىدىغان توڭگوز شەكىللىك تەڭرى، خۇبېيدە كالا شەكىللىك تەڭرى، باشقا جايلاردا ئېيىق شەكىللىك تەڭرى چۈشەنچىلىرى بار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى مەلۇم بىر ئائىلىنىڭ توتېم ئېتىقاتىدىكى ئەجداتلىرى ئىدى.) ئويدۇرۇش ئادىتىنىڭ نەتىجىسى بولسا كىرەك. ئەجدەرھا ئۇلاردا تەبىئەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان تەڭرىلەردىن بىرى بولغانلىقتىن، خۇددى ئىرانلىقلارنىڭ تۇران قەھرىمانى ئالپ ئەرتۇڭانى <<ئاپراسىياب>>(ئەسلى شەكلى فراڭراسيان بولۇپ، ھىندى-- ئىران ئۇرۇش تەڭرىسىنىڭ نامى) دېگىنىگە ئوخشاش، ئەجدەرھانىڭمۇ باتۇرنىڭ ئائىلىسىگە ناھايىتى ئاسانلا تېڭىلغانلىقى كۆرۈلمەكتە.

يۇقىرىدىكى بايانلارنىڭ كۆرسىتىپ بەرگىنىدەك، تۈركىي قەۋملەرنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى توتېمىزم ئاساسىدا راۋاجلانغان ئەمەس. توتېمىزم كۆرۈلمىگەن بىر جەمئىيەتتە توتېمنىڭمۇ  بولماسلىقى ناھايىتى ئېنىق. توتېمىزم ئۆز ئالدىغا بىر سىستېمىدۇر، توتېممۇ پەقەت ئۇنىڭ بىر پارچىسىدىن ئىبارەت. بۇ جەھەتتىن قارىغاندا،  بۆرىنى توتېم سۈپىتىدە ئىتىراپ قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئومۇمەن، توتېمىزم ئىپتىدائىي ئىنسان توپلىرىغا خاس بىر ئېتىقاد سىستېمىسى ھېساپلىنىدۇ. لېكىن، تۈركىي قەۋملەر بولسا ئىپتىدائىي توپ(توپلۇق-- جەمئىيەت)  بولۇش خاراكتېرىنى تارىخنىڭ قاراڭغۇ دەۋرلىرىدىلا بېسىپ بولغانىدى. ھۇن ۋە كۆكتۈرك دەۋرىدە ئىلغار بىر جەمئىيەت سەۋىيەسىگە يۈكسىلىپ بولغان. شۇ سەۋەپلىك، بۆرىگە كۆرسىتىلگەن ھۆرمەتنىڭ توتېمىزم بىلەن، بۆرىنىڭمۇ توتېم بىلەن ھىچ بىر مۇناسىۋىتى يوق.

<<جامىئۈتتەۋارىخ>>(<<تارىخلار توپلىمى>> دېگەن مەنىدە) دېگەن ئەسەردە ئوغۇزلارنىڭ 24 قەبىلىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئونگۇن قۇشلىرىنىڭ كۆرسىتىلىشى تۈركىي قەۋملەر ئارىسىدا ئونگۇن يەنى توتېمنىڭ بارلىقىغا دەلىل ھېساپلانمايدۇ. <<جامىئۈتتەۋارىخ>> ئىلخانىيلار ۋەزىرى راشىدىننىڭ يىتەكچىلىكىدە تۈزۈلگەن بىر دۇنيا تارىخى. بۇ ئەسەردە تۈركىي قەۋملەرنىڭ ۋە موڭغۇللارنىڭ تارىخى راشىدىننىڭ تەھرىرلىشىدىن ئۆتكەن. مىلادى 14- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يېزىلغان بۇ ئەسەردە موڭغۇل مەدەنىيەت مۇھىتىنىڭ ئىزلىرى كۆرۈلگەن. بۇنىڭدىن باشقا ئىلخانىيلار ئەمدىلا قوبۇل قىلغان ئىسلامىيەتنىڭ تەسىرىمۇ ئەسەردە ئىپادىلەنگەن. مەسىلەن، بۇ ئەسەر ئوتتۇرىغا چىقىشتىن بۇرۇنلا ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن  كۆچۈرۈلگەن <<ئوغۇزنامە>> داستانى << جامىئۈتتەۋارىخ>> تا كۆكبۆرە موتىفىدىن خالى قالدۇرۇلغان شەكىلدە، يەنى بىر قارىماققا بۇرمىلانغان ھالدا كىرگۈزۈلگەن. شۇ ۋەجىدىن راشىدىننىڭ ئوغۇزلارغا ئونگۇن(توتېم) يۈكلىشىگە قارىتا ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىش كىرەك. ئۇيغۇر  مەدەنىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەسەرلىرىدىن بىرى بولغان <<دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك>>تە ئوغۇزلارنىڭ ھەر بىر قەبىلىسىگە ئائىت بەلگە ۋە ماللىرىغا باسىدىغان تامغىلىرى ئېنىق بىرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئوغۇز قەبىلىلىرىگە سىمۋول ھېساپلىنىدىغان  قۇشلارنىڭ ئونگۇن--توتېم سۈپىتىدە  كۆرسىتىلمەسلىكى دىققەتنى تارتىدۇ. ئوغۇزلارنىڭ تارىخىدا توتېم دەۋرىنىڭ بولغانلىقىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئوغۇزلارنىڭ ئونگۇن  قۇشلىرىنىڭ بولغانلىقى ھەققىدە باشقا ئەسەرلەردە ھېچقانداق بىر مەلۇمات يوق. شۇ سەۋەپلىك ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ ئونگۇنلىرى  بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان مەلۇماتلارنىڭ توغرىلىقىدىن گۇمانلىنىش ئورۇنلۇقتۇر.(5)  بۇ ئەھۋال ئوغۇز قەبىلىلىرىگە ئونگۇن -- توتېملارنىڭ يۈكلىنىشىنىڭ كېيىنكى دەۋرنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. <<ئونگۇن>> دېگەن ناممۇ بۇنىڭ يەنە بىر دەلىلىدۇر.  بۇ نامنىڭ يىلتىزى بولغان <<ئوڭ>> سۆزى تۈركچىدە <<تەلەي، دورۇست، ئوڭ تەرەپ>> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.(6)  ئەمما، بۇ يىلتىزدىن شاخلانغانلىقى مەلۇم بولغان <<ئونگۇن>> نامى بولسا موڭغۇل دەۋرىدىن بۇرۇنقى تۈرك مەدەنىيەت   ئەسەرلىرىدە ئۇچرىمايدۇ. بۇنىڭدىن تۈركىي قەۋملەرنىڭ ئونگۇن-- توتېم  ئوقۇمىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى، بۇ نامنىڭ كېيىن ۋاقىتلاردىكى موڭغۇل تەسىرى بىلەن ئوغۇز قەبىلىلىرىگە  مال قىلىنغانلىقىنى ياكى ئۇلارغا زورلاپ تېڭىلغانلىقىنى ئېيىتىشقا بولىدۇ.

تۈركىي قەۋملەرنىڭ ئەكسىچە موڭغۇللار بىر ئورمان قەۋمى بولۇپ، ئاسالاك -- تەييار ئىقتىسادقا تايىنىدىغان، ئانا ھوقۇقى ۋە توتېم چۈشەنچىسى كۈچكە ئىگە بولغان، يەنى توتېمىزمنىڭ پۈتۈن ئامىللىرى كۈرۈلگەن بىر توپلۇق ئىدى. ئىلخانىيلار موڭغۇل ئىمپېرىيەسىنىڭ مەركىزىدىن يىراقتا قۇرۇلغان بولىشىغا قارىماي، موڭغۇللارنىڭ  مەدەنىيەت ئامىللىرىنى كۈچلۈك دەرىجىدە مۇھاپىزەت قىلغان. شۇنىڭدەك تۈرك ۋە ئىسلام  مەدەنىيەت مۇھىتىنىڭ تەسىرىگىمۇ كۈنسېرى ئىچكىرلەپ كىرىشكە باشلىغانىدى. بۇ ئۈچ خىل  مەدەنىيەت بىر بىرى بىلەن ئارىلىشپ كەتكەن بىر دەۋردە موڭغۇل توتېم چۈشەنچىسىنىڭ ئوغۇزلارغىمۇ تېڭىلغانلىقىدىن يىدىرقاشنىڭ ھاجىتى يوق. ئونگۇن قۇشلىرىنىڭ  يازىجىئوغلۇنىڭ <<تارىخى ئالى سەلچۇق>>  ۋە  ئەبۇلغازى باھادىرخاننىڭ <<شەجەرى تەراكىمە>>  قاتارلىق ئەسەرلىرىدىمۇ ئورۇن ئېلىشى ئارتۇقچە بىر مەنا ئىپادە قىلمايدۇ. چۈنكى، ھەر ئىككى ئەسەر <<جامىئۈتتەۋارىخ>> دېگەن ئەسەردىن پايدىلىنىپ يېزىلغان.

19  - ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشايدىغان بەزى تۈركىي قەۋملەر ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردا كىگىزدىن ۋە ھايۋان تىرىسىدىن ياسالغان بەزى نەرسىلەر تېپىلغان. بۇ نەرسىلەرگە دىنىي بىر مەنا بىرىلىپ بۇت-- فېتىش شەكلىدە خاراكتىرلەندۈرۈلگەن. شۇنىڭدەك بۇ توتېمىزمدىكى شۇرىنگا بىلەن ئوخشاش تۈردىن دەپ قارىلىپ، تۈركىي قەۋملەر ئارىسىدىكى توتېمىزمنىڭ ئىزلىرى ئۈستىدە  ئىزدىنىش باشلانغان. بۇ خىل ئىزدىنىشلەر  ئىلىم دۇنياسىدا خېلى كۆپ تەرەپدارلارغا ئىرىشىپ، تۈركىي قەۋملەرنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا تۆتېمىزمنىڭ بولغانلىقىنى تەكىتلەيدىغان قاراشنى كەڭ يايغان. شۇنى ئېيتىش كىرەككى، بىر تار دائىرىدىكى تېپىلمىلارنىڭ پۈتۈن بىر مىللەتكە ۋە ئۇنىڭ ئۇزۇن تارىخىغا  مال قىلىۋىتىلىشى، قەدىمكى مەدەنىيەتكە بۇ جەھەتتىكى مەنانىڭ يۈكلىنىشى خاتا بىر مېتودتىن باشقا نەرسە ئەمەس.  شۇڭا، بۇ ئەستائىدىل توختىلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلىدۇر. بولۇپمۇ قەدىمكى تۈركىي قەۋملەردىكى <<تۆز>> چۈشەنچىسى ۋە ئەجداتلارغا چوقۇنىش مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىش بۇ جەھەتتىكى قاراشلارنىڭ ئايدىڭلىشىشىغا تولىمۇ پايدىلىقتۇر.

فېتىش-- ئىنسانغا ئامەت –- تەلەي ئاتا قىلىدىغان ۋە كىشىلەر تەبىئەت ئۈستى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە  دەپ قاراپ جوقۇنىدىغان نەرسە  ياكى ھايۋاننى كۆرسىتىدۇ. بۇ نامدىن ياسالغان فېتىشىزم بولسا تۇنجى قېتىم غەربىي ئافرىقا خەلقلىرىنىڭ  دىنىنى ئىپادە قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلغان. بۇ ئېتىقاد تۈرىنىڭ ئانىمىزم بىلەن بەلگىلىك باغلىنىشى بار.  ئاساسى نىگىزىدىن قارىغاندا فېتىشىزم دۇنيانىڭ سېھرىي نوقتىدىن چۈشۈنىلىشىگە باغلىنىدۇ. لېكىن فېتىشىزمنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنسان توپلىرى ئارىسىدا كۈچكە ئىگە بولغانلىقىغا دائىر ئىسپات يوق. شۇنداقتىمۇ تۈركىي قەۋملەردە تۆز ئۇقۇمى راۋاجلانغان. تۆز پەلسەپەدە << ئۆزگەرگەن نەرسىلەرنىڭ ھېچبىر ئۆزگىرىشكە ئۇچرىمايدىغان قىسمى، يەنى جەۋھەر ياكى سۇبىستانسىيە>>(7) سۈپىتىدە چۈشەندۈرىلىدۇ. ئانادولۇ(ئاناتولىيە)دىكى تۈرك خەلقى ئارىسىدا  <<ئۇل>>، <<ئاساس>> مەنىسىدە قوللىنىلىدۇ. تۆز سۆزى مەنا جەھەتتىن  <<ئەسلى>>، <<يىلتىز>>، <<مەنبە >>، <<ماھىيەت>> دېگەنلىك بولىدۇ. ئىدىقۇت خانلىقى ۋە قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە ۋە كېيىنچە چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدا مۇشۇ مەنىنى ساقلىغان. ياقۇتلاردا بولسا تۆز <<تانگارا>> دەپ ئاتالغان. ئالتايلىقلار قوغدىغۇچى روھلارنى <<تۆس>>دەپ ئاتايتتى. (8) تۈركىي قەۋملەر ئەجداتلىرىنىڭ تەسۋىرىنى ياساپ ساقلايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەجداتلىرىنىڭ روھى كونكىرت بىر خاتىرىگە ئايلىناتتى. روبرۇك ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇنداق خاتېرىنى كۆرگەن.   بۇ ھەقتە رۇبرۇك مۇنداق دەپ يازغان : << ئۇيغۇرلار بىر تەڭرىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. تەڭرىنىڭ ئىنسان ياكى باشقا جىسىم شەكلىدە تەسەۋۋۇر قىلىنىشىنى قوبۇل قىلمايدۇ. <ئۇنداق بولسا نىمە ئۈچۈن بۇنچە كۆپ بۇت ياسىدىڭلار> دەپ سورىسام، ئۇيغۇر راھىبى <بىز بۇتلارنى تەڭرىنىڭ تەسۋىرى دەپ قارىمايمىز. بىزدە بىرسىنىڭ ئوغلى، ئايالى ياكى باشقا بىر ئادەم ئۆلۈپ كەتسە ئۇنىڭ ھەيكىلىنى ياساپ بۇ يەرگە تىزىپ قويىدۇ. بىزمۇ بۇلارنى ئۆلگۈچىنىڭ خاتېرىسى سۈپىتىدە قەدىرلەپ ساقلايمىز> دەپ جاۋاپ بەردى. >>(9)  تۈركىي قەۋملەردىكى ئەجداتلارغا چوقىنىشنى باشقىلار يىتەرلىك دەرىجىدە تۇنۇپ يىتەلمىگەن. شۇنىڭ  ئۈچۈن خەنزۇ مەنبەلىرىدىمۇ تۆز <<تەڭرىنىڭ تەسۋىرى>> سۈپىتىدە بىلدۈرۈلگەن. بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارمۇ بۇ خاتېرىلەرگە تايىنىپ تۆزنى فېتىشنىڭ دەل ئۆزى دەپ قارىغان. ھالبۇكى تۈركىي قەۋملەرنىڭ بۇت-- فېتىشكە چوقۇنغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق ھۆججەت ئۇچرىمىدى.(10)

تۈركىي قەۋملەرنىڭ ھوقۇق چۈشەنچىسىدە ئاتا ھوقۇقى كۈچكە ئىگە ئىدى. بۇنىڭ دىن ساھەسىدىكى بەلگىسى بولسا ئۆلۈپ كەتكەن چوڭ(ئۇلۇغ) كىشىلەرگە ۋە ئەجداتلارغا ھۆرمەت كۆرسىتىش ئىدى. ئەجدات روھلىرىغا قۇربانلىق قىلىش، ئەجداتلارغا مۇناسىۋەتلىك خاتېرىنى ئىپادىلەيدىغان مۇقەددەس غارلاردا مۇراسىملارنى ئۆتكۈزۈش دەل ئەجداتلارغا چوقۇنۇش ئېتىقادىنىڭ ئىپادىلىرى ئىدى. تۈركىي قەۋملەر تۆزگە ئىلاھىي بىر مەنا يۈكلىمىگەن. ئەكسىچە بۇنى ئۆلۈپ كەتكەن چوڭلارنىڭ(ئەر  ياكى ئايال) خاتېرىسىنى جانلىق ھالدا ساقلايدىغان بىر سىمۋول سۈپىتىدە كۆرگەن.  بۇنىڭدىن  موڭغۇللاردىكى <<ئونگۇن>> ئاتالغۇسى بىلەن تۈركىي قەۋملەردىكى <<تۆز>> ئاتالغۇسى ئوتتۇرىسىدىمۇ پەرقنىڭ بارلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. ھەر ئىككى ئاتالغۇدىكى ماھىيەت بىر بىرىگە پۈتۈنلەي زىت ئىدى. مىلادى 13- ئەسىردە بۇددىست ئۇيغۇرلارنىڭ (تۇرپاندا) ئىبادەتخانىلىرىدا بۇ تۆزلەر بار ئىدى. ھالبۇكى ئۇيغۇرلارنىڭ توتېمىزم بىلەن ھېچبىر مۇناسىۋىتى يوق ئىدى. ئۇيغۇرلار تۆزلەرنى شۆبھىسىزكى تەڭرى تەسۋىرى سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئۆلۈپ كەتكەن يېقىن ئادەملىرىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ياساپ ئىبادەتخانىلاردا ساقلىغان.(11)  ئەبۇل غازى باھادىرخانمۇ ئۆز ئەسىرىدە تۆز بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىلىپ <<بىر كىشىنىڭ يېقىن بىر ئادىمى ئۆلۈپ كەتكەندە، ئۇنىڭ سۈرىتىنى ياساپ ئۆيدە ساقلايتتى>> دېگەن شەكىلدىكى بىر ئىپادىنى قوللانغان. دېمەك، بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن فېتىش  دەپ قارالغان تۆزنىڭ ئەسلىدە ئەجداتلارنىڭ تەسۋىرى ئىكەنلىكى ۋە ئەجداتلارغا چوقۇنىشنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى مەلۇم. يەنى تۆزنىڭ فېتىش، توتېم ۋە ئونگۇن بىلەن ئوخشاشلىقى يوق. شۇ ۋەجىدىن تۆزلەر ئىچىدە ئۇچرايدىغان بۆرە تەسۋىرلىرىنىمۇ توتېم سۈپىتىدە خاراكتېرلەندۈرگىلى بولمايدۇ. بۇ تەسۋىرلەر ئەجدات سۈپىتىدە بۆرىگە بولغان ھۆرمەتنىڭ سىمۋوللاشتۇرىلىشىدۇر.

توتېم تېمىسىدا  يەنە شۇنىمۇ بىلدۈرۈپ ئۆتىشىمىز كىرەككى، <<ئوغۇزنامە>> داستانىدا كۆك بۆرە ئوغۇز قاغاننى يۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇنىڭ قوشۇنىغا يول باشلاپ ماڭىدۇ. يەنى قوشۇنغا يىتەكچىلىك قىلىدۇ. بۇ يىتەكچىلىك ۋەزىپىسى ئوغۇز قاغاننىڭ دۇنياۋىي دۆلەت قۇرۇشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن كۆك بۆرە قايتا تىلغا ئېلىنمايدۇ.  ئەگەر كۆك بۆرە توتېم  بولغان بولسا بىر ۋەزىپىنى ئاخىرلاشتۇرۇپلا غايىپ بولمايتتى، بەلكى دائىم ھەمرا بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقاتتى. دېمەك، داستانلاردا ۋە سەنئەت ئەسەرلىرىدە مۇھىم بىر   موتىف سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن بۆرىنىڭ تۇتېم بىلەن مۇناسىۋىتى يوقتۇر.    

 ئەمدى بۇ يەردە  بۆرە (كۆكبۆرە) تۈركىي قەۋملەردە  توتېم قىلىنمىغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ ھايۋان  بۇ مىللەت تۈركىمىنىڭ روھىيىتىدە  زادى قانداق بىر مەنانى  ئىپادە قىلاتتى؟ دېگەن بىر سۇئال ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

قەدىمكى تۈرك داستانلىرىدىكى بۆرە موتىفىدىن شۇنداق بىر خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇكى،  بۆرە تۈركىي قەۋملەر تەرىپىدىن قۇتقازغۇچى، نەسىلنى داۋاملاشتۇرغۇچى (يېڭى بىر ئەۋلادنىڭ تۇنجى ئاتىسى ياكى ئانىسى) ۋە يول كۆرسەتكۈچى (رەھبەر) سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان. شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، بىر مىللەتنىڭ تالاي ئەسىر تارىخ سەھنىسىدە پۇت دەسسەپ تۇرالىشى پەقەت مۇشۇ خىل سالاھىيەت بىلەن مۇمكىنلىككە ئىرىشىدۇ. يەنى بىر مىللەت مەۋجۇتلىقىنى ساغلام ۋە كۈچلۈك ھالدا مۇھاپىزەت قىلالىشى، مىللىي بىر رەھبەرگە ئىگە بولىشى ۋە  بېشىغا كەلگەن ھەر قانداق ھالاكەتتىن قۇتۇلۇشنى بىلىشى كېرەك. تۈركىي قەۋملەرنىڭ داستانلىرىدىكى بۆرە، نۇر ۋە قۇتلۇق تاغ موتىفلىرى شۆبھىسىزكى بىر خىل سىمۋول. بۆرە  ياشاش ئىقتىدارىنىڭ، مىللىي رەھبەرنىڭ ۋە قۇتۇلۇشنىڭ، ھۆر ۋە مۇستەقىل ياشاشنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان. بۆرە ھەققىدىكى بۇ داستانلاردا  مىللەتنىڭ  زورىيىش، كۈچىيىش ۋە كېڭىيىش  يولىدا ئىجرا قىلىش زۆرۈر بولغان  پىرىنسىپلارنىڭ بەلگىلىرى ماددىي ئامىللار بىلەن ئىپادە قىلىنغان. بۆرە ئارقىلىق سىمۋولىزمغا ئايلانغان بۇ  چۈشەنچە مىللىي بىرلىكنى ساقلايدىغان ۋە ئۇنىڭ كۈچىيىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان بىر پىكىر ئىدى. مىللەت بۇ پىكىرگە ئىشىنىپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغاندا، ھاكىمىيىتىنى ۋە ئۈستۈنلىكىنى قوغدىيالىغان، بۇ پىكرىدىن ئايرىلغان چاغدا  ھالاكەتكە دۇچ كەلگەن. ئۇلارنى بۇ ھالاكەتتىن يەنە بۆرە قۇتقۇزغان. بۇنىڭدىن بىلىشكە بولىدۇكى، تارىختىن بۇرۇنقى ۋە تارىختىن كېيىنكى نۇرغۇن مىللىي قەھرىمانلارنىڭ ۋە مىللىي رەھبەرلەرنىڭ ئوبرازى بۆرە –- كۆكبۆرىگە سىمۋول قىلىش ئارقىلىق ئىپادە قىلىنغان. 

مەلۇمكى، بۆرە تۈركىي قەۋملەرنىڭ ھاياتى بىلەن  زىچ باغلانغان  ھايۋان ئىدى. يەنە كېلىپ ئۇنىڭ خاراكتېرى  ھەر قانداق بىر ھايۋاندىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇ ناھايىتى ئەقىللىق، چاققان، جەسۇر، تاقەتلىك ۋە تەۋەككۈلچىلىك روھى ئۈستۈن ئالاھىدە بىر ھايۋان. بۆرە دەخلىسىز ، ئەركىن  ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا، ئۇنى بويسۇندۇرغىلى ۋە قولغا ئۈگەتكىلى بولمايدۇ. بۆرە توپلىشىپ(ئۆم) تەشكىللىك ياشايدۇ، ئۆز توپىغا سادىق ۋە ۋاپادار بولىدۇ، سەركىسىگە قەتئىي ئەگىشىدۇ.  سىرىتقا قارىتا ھەر ۋاقىت ئىنتايىن سەزگۈر تۇرىدۇ  ھەم نەزىرىنى يىراققا تىكىدۇ.  ياشاش ئىقتىدارى ۋە ماسلىشىش روھى  ئىنتايىن ئۈستۈن. ئىنسانلارنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنى ھەرگىز ئۇنۇتمايدۇ. مەغلۇبىيەتتىن قەتئىي ئۈمىتسىزلەنمەيدۇ ۋە نىشاندىن ئاسان ۋاز كەچمەيدۇ.  بۆرە باشقىلاردىن ھىممەت كۈتمەيدۇ ۋە ھەر قانداق شارائىتتا ھىيلە ئىشلەتمەيدۇ. شۇڭا، ئاچ قالغان تەقدىردىمۇ تۈلكىنىڭ گۆشىنى يىمەيدۇ. دېمەك، بۆرە بىر ھايۋان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ئىنسانلارنىڭ  مۇكەممەللىشىشى ئۈچۈن ئەڭ  زۆرۈر روھ جۇغلانغان. بۆرىنى تەتقىق قىلغانلارمۇ ئۇنىڭ ئىگىلمەس روھقا ۋە ئەركىن ھاياتقا سىمۋول بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئوتتۇرا ۋە شىمالىي ئاسىيادا بۆرە بىلەن ئەڭ ئاۋۋال ۋە ئەڭ كۆپ ئۇچراشقان تۈركىي قەۋملەرنىڭ بۆرىنىڭ ئاشۇ خۇسۇسىيەتلىرىنى تۇنۇپ يىتىشى ۋە ئۇنى ئۆزلىرىگە سىمۋول قىلىپ تاللىشى تەبىئىي ئىدى. دېمەك، بۆرە توتېم بولماستىن بەلكى، بىر پىكىر ۋە ئىدىئولوگىيەنىڭ، يەنى ئىجتىمائىي ھايات نىزامىنىڭ ئەكىس ئېتىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.  شۇ سەۋەپلىك، بۆرىگە كۈچلۈك ھۆرمەت كۆرسىتىلگەن. بۇ خىل ھۆرمەت تۈرلۈك سىمۋوللار ئارقىلىق ئىپادە قىلىنغان. مەسىلەن، بەزىدە بىر تۆز سۈپىتىدە، بەزىدە ئوغۇز  قاغاننىڭ <<بۆرە بولسۇن بىزگە ئوران>> دەپ خىتاپ قىلغىنىدەك ئۇرۇش شۇئارى سۈپىتىدە،  يەنە بەزىدە بايراق (ئالتۇن رەڭلىك بۆرە بېشى چۈشۈرۈش) سۈپىتىدە ئىپادىلەنگەن. بولۇپمۇ بۆرە باشلىق  بايراق ۋە تۇغلار ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدۇ. بۆرە باشلىق بايراق ھاكىمىيەتنىڭ ۋە مۇستەقىللىقنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغانىدى. بايقال كۆلى ئەتراپىدا مىلادىدىن بۇرۇنقى 1000-يىللارغا مەنسۇپ بىر قەبرىدىن تۇنچتىن ياسالغان بۆرە بېشى شەكلىدىكى بىر بايراق تېپىلغان. (12) ئوبۇل قاسىم فىردەۋسى<<شاھنامە>> داستانىدا ئىرانلىقلار بىلەن ئۇرۇشقان تۇران پادىشاھى ئاپراسىيابنىڭ بۆرە باشلىق بايرىقىنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالغان.(13)  مىلادى 10- ئەسىردە ھازىرقى جەنۇبىي شىنجاڭدا ئىسمى نامەلۇم بىر ئۇيغۇر شائىرى تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن <<ئوغۇزنامە>> داستانىدا، ئوغۇز قاغاننىڭ قوشۇنىنىڭ كۆك رەڭلىك بايرىقى ئۈستىگە بۆرىنىڭ باش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەنلىكى سۆزلىنىدۇ.(14)  ھۇنلارغا ئائىت نوئىنئۇلا قورغىنىدىن تېپىلغان نەرسىلەر ئىچىدە بۆرە باشلىق بىر بايراق بار.(15)  كۆكتۈركلەرنىڭ ئوردىنى قوغدىغۇچى قىسىملىرى <<بۆرە>> دەپ ئاتالغىنىدەك، ئوردا دەرۋازىسىغىمۇ بۆرە باشلىق بايراق ئېسىلغان. ئالتاي تاغلىرىدا <<بۆرە تېغى>> دەيدىغان بىر مۇنچە چۇقا بار ئىدى. چېپى قاغاننىڭ بۆرە تېغى ۋىلايىتىگە ۋالى بولغانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇرلارنىڭ بۈيۈك قاغانى مويۇنچۇر تاڭ سۇلالىسىنىڭ بىر  گېنېرالىنى بۆرە باشلىق بايراققا مەجبۇرى تازىم قىلدۇرغان.(16)   ئېتنىك مەنبەسى  مىلادى461 -465- يىللاردا ياۋروپاغا كۆچكەن ئۇيغۇر(ئوغۇر) قەبىلىلىرىگە باغلىنىدىغان باشقىرتلار(ئەسلى شەكلى باشقۇرت)دا تاكى 18- ئەسىرگىچە بۆرە باشلىق بايراق ساقلىنىپ  كەلگەن. 1704-1740 - يىللاردا ئورالنىڭ شىمالىدا ياشايدىغان باشقىرتلار رۇسلارغا قارشى ئۇرۇش قىلغاندا بۆرە باشلىق بايراق ئىشلەتكەنىدى.(17)   مىلادى 6- 8- ئەسىرلەرگە ئائىت كۇچا تام رەسىملىرى ئىچىدە بۆرە باشلىق گۈرزە ۋە بايراق كۆتۈرۋالغان ھۆكۈمدار ۋە ئالپلار رەسىمى سىزىلغان.  تۇرپاندىكى تام رەسىملىرى ئىچىدىمۇ بۆرە باشلىق بايراقنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇ شەكىلدىكى تەسۋىرلەر ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى مىنياتۈرلەردىمۇ ئۇچرايدۇ.(18)  بۇنىڭدىن باشقا كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەر داۋامىدا كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشىدا بۆرە باشلىق ئىككى موتىق بايقالغان. ئالىملار بۇنىڭ بۆرە باشلىق ئەجدەرھا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. بۆرە باشلىق بۇ ئىككى تەسۋىرنىڭ ئوتتۇرىسىغا كۆكتۈرك قاغانلىقىنىڭ تامغىسى ئىشلەنگەن. بۇ تامغا بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشىدىمۇ بار. قىزىلدىكى ناگا – راگاھ دېگەن يەردىكى كۆكتۈرك ياكى ئۇيغۇرلار دەۋرىگە مەنسۇپ تام رەسىمىدىكى قاغاننىڭ بۆرە باشلىق بايرىقىنى كۆتۈرگەن ئالپنىڭ بۆركىدە كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشىدىكى بۆرە باشلىق موتىفقا ئوخشايدىغان بىر تەسۋىر بار. تام رەسىملىرىدىكى بۆرە باشلىق بايراقلار باشقا يەرلەردىمۇ ئۇچرايدۇ. كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشىدا كۆرۈلگەن ۋە دۆلەت بەلگىسى قىلىنغان بۆرە باشلىق تەسۋىرلەر  ئۇيغۇرلاردىكى  بىلگە قاغاننىڭ نامىغا تىكلەنگەن ۋە ئالپ باغا ئىنانچۇ تارقاننىڭ ئەسىرى ھېساپلانغان بىتىگ تاشنىڭ ئۈستىدىمۇ بار. تابغاچ تۈركلىرىنىڭ قەبرە تاشلىرىدىمۇ كۆرۈلگەن بۆرە باشلىق بۇ موتىفلار 6-8- ئەسىرلەر ئارىسىدا  ياسالغان  قىرغىز قورغانلىرىدىن بىرىدە ساقلانغان تاش لەۋھە ئۈستىگىمۇ ئىشلەنگەن. قىرغىز قورغىنىدىكى موتىف كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشىدىكى بۆرە باشلىق موتىفكە بەكلا ئوخشايدۇ.  مانا بۇلار بۆرە ( كۆكبۆرە) نىڭ ھوقۇقىي خاراكتېرگە ئىگە سىمۋوللاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بىرىدۇ.  1987- يىلى خېجىڭ جابغا قەبرىستانلىقىدىن بۇنىڭدىن 2800 يىل بۇرۇنقى دەۋرگە مەنسۇپ <<تۆگۈلمە بۆرە نۇسخىلىق مىس كۆرگۈ>> تېپىلغان. بۆرە موتىفى ۋە سەنئەت تارىخى تەتقىقاتىدا ئالاھىدە مۇھىم بىر ئورۇن تۇتىدىغان بۇ ئەسەر ھازىر  شىنجاڭ موزىيىدا ساقلىنىۋاتىدۇ.  ئومۇمەن، تارىخى  خاتېرىلەرنىڭ ئەڭ دەستلەپكى بەلگىلىرىدىن تارتىپ كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى تۈرلۈك ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىدە ساك ۋە ھۇن دەۋرىدىن ئىتىبارەن بۆرىنىڭ دىنىي ماھىيەتنى ئىپادىلىمىگەنلىكى ۋە دىنىي بىر سىمۋول(توتېم ياكى ئونگۇن) ئەمەسلىكى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈلگەنىدى. شۇ ۋەجىدىن، بۆرە تۈركىي قەۋملەر قوبۇل قىلغان تۈرلۈك دىنلار بىلەن  زىت بىر ھالەت شەكىللەندۈرمىگەن. چۈنكى، مىللىي بىر سىمۋول سۈپىتىدىكى بۆرە دىن بىلەن بىر كاتېگورىيىدە ئورۇن ئالمىغان. تۈرك مىفلىرى ھەققىدە ناھايىتى ئەتراپلىق تەتقىقات ئېلىپ بارغان تۈركىيە ئالىمى ب. ئۆگەل بۆرە موتىفى ھەققىدە توختالغاندا، ھۇن دەۋرىدىلا بۆرىنىڭ بىر خىل تىلسىم ۋە دۆلەت گېربى(دۆلەت بەلگىسى)گە ئايالنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

قىسقىسى،  مەدەنىيەت تارىخىمىزدا كۆرۈلگەن بۆرە توتېمىزمغا مەنسۇپ بىر بەلگە، يەنى توتېم قىلىنغان بىر ھايۋان بولماستىن، بەلكى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي قەۋملەرنىڭ مىللەت، ھاكىمىيەت، مەۋجۇتلۇق ۋە ئىستىقبال  ئۈستىدىكى، بولۇپمۇ مىللىي داھىلىرى ھەققىدىكى پىكرىنىڭ ئوبرازلاشقان ۋە داستان شەكلىدە داۋاملاشقان بىر بەلگىسى سۈپىتىدە مىللىي سىمۋولغا ئايلانغان ئىدى. <<قۇتادغۇ بىلىگ>>تە ھۆكۈمدار ئىلىگنى ئاتاشتا <<بۆرە>> نامى بىلەن خىتاپ قىلىنىشىمۇ  بۇ چۈشەنچىنى قۇۋۋەتلەيدۇ.(19)  

تۈركىي قەۋملەردە بۇغىمۇ  بۆرىگە ياندىشىپ  مىللىي سىمۋول سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققانىدى. كۆكبۆرە ۋە قۇتلۇق تاغ داستانلىرى تۈركىي قەۋملەرنىڭ قايغۇ ۋە شاتلىقلىرىنى جانلىق شەكىلدە ئەكىس ئەتتۈرگەن. تۈركىي قەۋملەرنىڭ غەربىي تارمىقىدا بۇغا ئۈستۈن كۈچ-- قۇدرەتكە ئىگە يول باشچى سۈپىتىدە كۆرۈلىدۇ. بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە، ساك دېگەن نام <<بۇغا>> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن.(20) بۇغا توغرىسىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى يازما مەلۇمات سىماچەننىڭ <<تارىخىي خاتىرىلەر>>دە تىلغا ئېلىنغان. بۇ ئەسەردە  جۇ سۇلالىسى ھۆكۈمدارى جۇمۇۋاڭنىڭ چۈەنروڭلار(ھۇنلار- ئا) ئۈستىگە يۈرۈش قىلىپ ئاخىرىدا تۆت ئاق بۆرە بىلەن تۆت ئاق بۇغا غەنىيمەت ئېلىپ قايتقانلىقى سۆزلىنىدۇ.  بۇ يەردە  <<تۆت ئاق بۆرە بىلەن تۆت ئاق بۇغا>> دەپ ئىزاھلىنىشىنىڭ مىتولوژىك بىر چۈشەنچىگە تايانغانلىقى زور ئىھتىماللىققا ئىگە.(21)  شەرقتە ئوردوستىن غەرپتە كاسپىي دېڭىزىغىچە بولغان جايلاردا بايقالغان ئارخېئولوگىيەلىك ئەسەرلەردە بۇغا تەسۋىرىگە دائىر نۇرغۇن ئىسپاتلار بار.  ئوردوستىن تېپىلغان ھۇنلارغا ئائىت سەنئەت ئەسەرلىرى ئىچىدە  ئات ۋە بۇغىلارنىڭ  يولۋاسلارغا، ئېيىقلارغا ۋە خىيالى ھايۋانلارغا قارشى سوقۇشلىرىنى تەسۋىرلەيدىغان مىتال ياپراقچىلار، چىشى ياكى ئەركەك بۇغا  شەكلىدە ياسالغان  بايراق ياغاچلىرى  بار. (22)   ئالتاي تاغلىرىدىن بايقالغان ھۇن مەدەنىيەت ئىزلىرىدىن قولغا ئۈگىتىلگەن ياكى تاغلاردا ياشايدىغان ھەر تۈرلۈك ھايۋانلارنىڭ رەسىملىرىنى ۋە ھەيكەللىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى بىرۇنزىدىن ياسالغان. يەنە ياغاچ ئويما ئەسەرلەرمۇ بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە بۇغا  ۋە جەرەنلەرنىڭ گۈزەللىكىنى ئىپادە قىلىدىغان، سەنئەت ئەسىرى ھېساپلاشقا تىگىشلىك  بىرمۇنچە ھەيكەلچەكلەرمۇ بار. بۇ ئەسەرلەرنىڭ بەزىلىرىدە بۇغا مۇقەددەسلەشتۈرۈلگەن  ۋە قورقۇنچلىق بىر ھايۋان شەكلىگە كەلتۈرۈلگەن. مەسىلەن، ئۇزۇن ۋە ئۇچلۇق مۈڭگۈزلۈك تېكە بۇغىلارنىڭ  ئاغزى يولۋاسنىڭ ئاغزى شەكلىدە ياسالغان، تىرناقلىرىمۇ يولۋاسنىڭ  تىرنىقىدىنمۇ ئۆتكۈررەك قىلىپ كۆرسىتىلگەن. تۈركىي قەۋملەرنىڭ چۈشەنچىسىدە يېرىمى ئىنسان، يېرىمى بۇغا قىياپىتىدە كۆرسىتىلىدىغان رۇھلارمۇ بار ئىدى. بۇغا ئانادولۇدىكىگە ئوخشاش ئوتتۇرا ئاسىيادىمۇ تۈركىي قەۋملەرنىڭ زىھنىنى ۋە تۇيغۇسىنى ھەممىدىن بەكرەك  قوزغىغان ھايۋانلاردىن بىرى ئىدى. شۇڭا، بۇغا ئوتتۇرا ئاسىيا سەنئىتىنىڭ ھەر ساھەسىنى قاپلىغانىدى.(23)  بۇغىنى مۇقەددەس دەپ  قاراش چۈشەنچىسى  يەنە ھۇنلارغا ئائىت پازىرىق قورغانلىرىنىڭ بىرىدىن تېپىلغان ئاتلارنىڭ بېشىغا بۇغا شەكىللىك نىقاپلارنىڭ كىيدۈرۈلگەنلىكىدىنمۇ مەلۇم بولماقتا. كېيىنكى دەۋرلەردە بۇغىنىڭ روھىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن  ئۇنىڭ قۇربانلىق قىلىنىشى مۇشۇ قەدىمكى خۇسۇسىيەتنى مەنبە قىلغان بولۇشى مۇمكىن. بۇغا ھۇنلارغا ئائىت داستانلاردا كۆكبۆرىگە ئوخشاش يول باشلىغۇچى --   يىتەكچى ياكى ياردەم قىلغۇچى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان. ھۇنلار ياۋروپاغا كۆچكەندە بۇلارنىڭ ئالدىدا بىر بۇغىنىڭ يول باشلاپ ماڭغانلىقى سۆزلىنىدۇ.(24)  يەنە ھۇنلارنىڭ مائوتىس دەرياسىنى بىر بۇغىنىڭ ياردىمىدە كىسىپ ئۆتكەنلىكى ھەمدە مۇشۇ پەۋقۇلئاددە ئىشتىن كېيىن ھۇنلارنىڭ ياۋروپادا ھۇجۇمغا ئۆتكەنلىكى سۆزلىنىدۇ.(25)   19- ئەسىردە ياشىغان ھۇنگىر شائىرى ژ. ئارانىينىڭ 1864- يىلى يازغان <<بۇدانىڭ ئۆلۈمى>> ناملىق  12 قىسىملىق ئىپوسىدا، ياۋروپا ھۇنلىرىنىڭ بارلىققا كىلىشى ھەققىدىكى <<مۆجىزىلىك بۇغا >>رىۋايىتى داستانلاشتۇرۇلغان. بۇ داستاندا مۇنداق  دېيىلىدۇ: مىنروت بىلەن ساھىپجامال ئىنىفنىڭ ئوغۇللىرى ھۇنۇر بىلەن ماجار بىر كۈنى 50 كە يېقىن يىگىت بىلەن ئوۋغا چىقىدۇ. ئوۋدا ئۇلارنىڭ ئالدىغا بىر بۇغا ئۇچرايدۇ. ئوۋچىلار بۇغىنىڭ كەينىدىن ھەر قانچە قوغلسىمۇ، ئۇنى زادىلا تۇتالمايدۇ. ئاخىرى بۇغا ئوۋچى يىگىتلەرنى دون دەرياسى بىلەن ئازاق دېڭىزى تەرەپكە ئەگەشتۈرۈپ  كېلىپ توساتتىن غايىپ بولىدۇ. ھۇنۇر بىلەن ماجار ئوت – چۆپلىرى بولاق ئۆسكەن، سۈيى ئەلۋەك ھەم ئوۋ ھايۋانلىرىغا باي بۇ زىمىندا تۇرۇپ قالماقچى بولىدۇ. بىر كۈنى كىچىدە ئۇلار مۇڭلۇق بىر مۇزىكا ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئورنىدىن تۇرىدۇ ۋە ئاۋاز چىققان تەرەپكە بارىدۇ. ئۇلار بۇ يەردە پادىشاھ دولنىڭ دوستلىرى بىلەن سەيلى قىلىپ يۈرگەن ئىككى قىزى ۋە پادىشاھ بىلارنىڭ ئون ئىككى قىزىنى ئۇچرىتىدۇ. ھۇنۇر بىلەن ماجار پادىشاھ دولنىڭ ئىككى قىزىغا ئۆيلىنىدۇ. باشقا يىگىتلەر بولسا بىلارنىڭ ئون ئىككى قىزىغا ئۆيلىنىدۇ. ھۇنۇر بىلەن ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھۇن مىللىتى، ماجار بىلەن ئۇنىڭ دوستلىرى ئەۋلادلىرىدىن ماجار مىللىتى شەكىللىنىدۇ. بۇ ئىككى مىللەت كۆپۈيىپ پۈتۈن ئىسكىتىيەنى ئىگىلەيدۇ.(26)   يۇقىرىدا سۆزلەنگەن مەنبەلەر، سەنئەت ئەسەرلىرى، رىۋايەت ۋە داستانلاردا بۇغا  ھۇنلار ئۈچۈن سىمۋوللۇق مۇقەددەس بىر ھايۋان، يەنى ھۇنلارنىڭ رەھبىرى، يول باشلىغۇچىسى، ياردەمچىسى ۋە نىجاتچىسى سۈپىتىدە كۆرۈلگەن.

ئاق بۇغىنىڭ يەنە كۆك(ئاسمان) ئېلېمېنتىغا باغلىق ھالدا ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانلىقىنى ئۇچرىتىمىز. قىزىل ياكى قەھۋە رەڭلىك بۇغىلار بولسا كۆپۈنچە يەر ۋە يەر ئاستى ئېلېمېنتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان. تۈرك مىتولوژىسىدە ئارقىسىدىن قوغلىغان ئوۋچىنى يەر ئاستىغا (ئۆلۈم)گە ئېلىپ بارغان بۇغىلارنى تەسۋىرلەيدىغان  رىۋايەتلەرمۇ بار. يەنە بۇغا دېڭىز تەڭرىچىسى دەپ قارالغان كۆكتۈرك رىۋايىتىمۇ بار. جۇڭگو مەنبەلىرىدە خاتىرىلەنگەن بىر رىۋايەتكە ئاساسلانغاندا، كۆكتۈركلەرنىڭ ئەجدادلىرىدىن بىرى بىر غاردا ياش بىر قىز سىياقىدىكى دېڭىز تەڭرىچىسىنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. لېكىن ھۆكۈمدار بۇ قىزنىڭ ئەسلىدە بىر ئاق بۇغا ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. بىر سۈرۈك ئوۋى جەرىيانىدا قورشاۋغا ئېلىنغان ھايۋانلار ئارىسىدا يۈرگەن بىر ئاق بۇغىنى ئەسكەرلەردىن بىرى ئاتقاندا ھەقىقىي ئەھۋال ئاشكارلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن غارغا بارغان ھۆكۈمدار ئۆزى ياخشى كۆرۈپ قالغان قىزنى ئۇ يەردىن تاپالمىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەسلىدە بىر قىز سىياقىغا كىرگەن ئىلاھە  ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يىتىدۇ.(27)  كۆكتۈركلەر دەۋرىدە ئوۋلىنىپ قۇربانلىق قىلىنغان بۇغا ھۆكۈمدارلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. بۇ تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھالدا ئەمەل ئەسىن كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشىنىڭ شەرقى يۈزىدىكى قاغان تامغىسىدا كۆرۈلگەن تاغ ئۆچكىسىنى ئېھتىمال بۇغا بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ. بۇغا ئەينى زاماندا بەگ قۇتىنىڭمۇ سىمۋولى ئىدى.(28) ئەڭ بۈيۈك ۋە ئەڭ قەدىمكى تۈرك داستانى سۈپىتىدە قەدىمكى تۈرك دۆلەت ئەنئەنىلىرىنى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان <<ئوغۇزنامە>> داستانىدا كۆكبۆرە، ساماۋىي نۇر ۋە بۇغا بىرلىكتە كۆرۈلىدۇ. ئوغۇز ئۆزى ئېلىشقان ھايۋانغا قارشى بۇغىنى يەم سۈپىتىدە قوللانغان، كۆكتىن چۈشكەن نۇرنىڭ ئىچىدە پەيدا بولغان قىزغا ئۆيلەنگەن ۋە كۈن نۇرىدا پەيدا بولغان  كۆكبۆرە يىتەكچىلىگىدە دۇنيانى فەتىھ قىلىشقا چىققان.(29)  

دېمەك، يىتەكچى ۋە كۈچ-- قۇۋۋەتنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە  تەسۋىرلەنگەن بۇغا ساك  ۋە ھۇنلار تەرىپىدىن مۇقەددەس قارىلىشتەك ئورنى بىلەن كېيىنكى ۋاقىتتىكى باشقا تۈركىي قەۋملەرنىڭ چۈشەنچىسى ۋە فولكلورىدىمۇ ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن. شۇڭا، ئاتاغلىق تۈرك ئالىمى، مۇتەپەككۇر ۋە  سوتسىيالوگ زىيا گۆكئالپ يازغان << قىزىل ئالما>> دېگەن شېئىرىي داستاندىمۇ بۇغا كۆكبۆرە بىلەن بىرلىكتە تۈركىي قەۋملەرنىڭ سىمۋولى قىلىپ تەسۋىرلەنگەن.(30)

ئىزاھلار

(1)  ۋ. ئېبىرخارد: <<چىن تارىخى>> ، تۈركچە،  64-بەت، 1995-يىلى، ئەنقەرە، تۈرك تارىخ قۇرۇمى نەشرىياتى.

(2) <<تۈرك ئېنسىكلوپېدىيەسى>>(<<توتېم>> ماددىسى) تۈركچە، 30-،31- توم، 2- قىسىم، 350-بەت، 1981-يىلى، ئەنقەرە، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى. 

(3) ل.ن. گومىليېف: <<قەدىمكى تۈركلەر>>، تۈركچە، 109-بەت، 2003-يىلى، ئىستانبۇل، سېلىنگا نەشرىياتى.   

(4)  <<ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى>>(<<تۈركلەر>>ماددىسى)، تۈركچە، 12- توم،2- قىسىم، 240- بەت، 1988- يىلى. ئىستانبۇل، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.  ئىبراھىم كافەسئوغلۇ: <<تۈرك مىللىي كۈلتۈرى>>، تۈركچە، 298-،333-بەتلەر، 2004- يىلى، ئىستانبۇل ، ئۆتۈكەن نەشرىياتى.

(5) كاشگارلى ماھمۇت: <<دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك>>،  تۈركچە، 1- توم، 55-.56-،57-58 - بەتلەر، 1985- يىلى ، ئەنقەرە، تۈرك تارىخ قۇرۇمى.  فارۇق سۇمېر: <<ئوغۇزلار>>، تۈركچە، 166-بەت، 1992-يىلى، ئىستانبۇل، تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتلىرى فوندى.

(6) ئا. جافەرئوغلۇ: <<قەدىمكى ئۇيغۇر تۈركچىسى سۆزلۈكى>>، تۈركچە، 250- بەت، 1968-يىلى، ئىستانبۇل ئۈنېۋىرسىتېتى  ئەدەبىيات فاكۇلتېتى نەشرىياتى. 

(7) ئورخان خانچەرلىئوغلۇ: <<پەلسەپە سۆزلۈكى>>، تۈركچە، 419- بەت، 1996-يىلى، ئىستانبۇل، رەمزى نەشرىياتى.

(8) ب.ئۆگەل: <<تۈرك مىتولوژىسى>>، تۈركچە،1- توم،125 -، 441- بەتلەر، 1971- يىلى، ئەنقەرە، تۈرك تارىخ قۇرۇمى نەشرىياتى.

(9) ئابدۇلقادىر ئىنان: <<تارىختا ۋە بۈگۈن شامانىزم>>، تۈركچە، 43- بەت، 2000- يىلى، ئەنقەرە، تۈرك تارىخ قۇرۇمى نەشرىياتى.

(10) ئا.دوغان: <<ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تۈرك ئېتىقادىغا دائىر>>، <<تۈركلەر>>، تۈركچە، 3- توم، 305-بەت، 2002 -يىلى، ئەنقەرە، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.

 (11) ئابدۇلقادىر ئىنان : يۇقىرىقى ئەسەر، 43-بەت.

(12)  <<تۈرك ئېنسىكلوپېدىيەسى>>(<<ئۇيغۇر سەنئىتى>> ماددىسى)، تۈركچە، 33-توم، 32-بەت، 1984-يىلى، ئەنقەرە، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى. 

(13)  <<ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى>>(<<بايراق>> ماددىسى)، تۈركچە، 2- توم،403-بەت، 1979-يىلى، ئىستانبۇل، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.

(14)  <<مىللەت لۇغىتى>>، خەنزۇچە، 169- بەت، 1987- يىلى، شاڭخەي، لۇغەتلەر نەشرىياتى.

(15)  ياشار چورۇھلۇ: <<تۈرك مىتولوژىسىنىڭ ئانا  خەتلىرى>>، تۈركچە، 135-بەت، 2002- يىلى، ئىستانبۇل، كابالجى نەشرىياتى.

(16) <<تۈرك ئېنسىكلوپېدىيەسى>> (<<كۆكبۆرە>> ماددىسى)، تۈركچە، 8-توم، 8- بەت، 1976 - يىلى، ئىستانبۇل، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.  

(17)  ب.ئۆگەل: <<تۈرك كۈلتۈر تارىخىغا كىرىش>>، تۈركچە، 6- توم، 309- بەت، 2000- ئەنقەرە، مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى نەشرىياتى.

  (18)  سەنجەر دىۋىتچىئوغلۇ: <<كۆكتۈركلەر>>، تۈركچە،71- بەت، 1987- يىلى، ئىستانبۇل، ئادا نەشرىياتى.  ياشار چورۇھلۇ: يۇقىرىقى ئەسەر، 135- بەت.   ئەمەل ئەسىن : <<تۈركلەردە ماددى كۈلتۈرنىڭ شەكىللىنىشى>>، تۈركچە، 272-بەت، 2003-يىلى، ئىستانبۇل، كابالچى نەشرىياتى.

(19) ئا.جاپەرئوغلۇ: <<تۈرك تىلى تارىخى>>، تۈركچە، 2-توم، 55-بەت، 1984- يىلى، ئىستانبۇل، ئەندۇرۇن نەشرىياتى.

(20)  ۋ.پ. ئابايىف: <<ئوشت تىلى ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى>>، رۇسچە، 1-توم، 179-بەت، 1949-يىلى، موسكۋا -- لېنىنگراد ، پەن نەشرىياتى.

(21)  ئايشە ئونات، سەما ئورسوي، كونۇرئالپ ئەرجىلاسۇن: <<خەن خانىدانلىقى تارىخى-- شىئوڭنۇ (ھۇن) مونوگرافىيەسى>>، تۈركچە، 103-بەت، 2004-يىلى، ئەنقەرە، تۈرك تارىخ قۇرۇمى نەشرىياتى.

‏(22)ر.گرۇسسېت: <<بوزقىر ئىمپېرىيەسى>>، تۈركچە،41-بەت، 1996- يىلى، ئىستانبۇل، ئۆتۈكەن نەشرىياتى.

(23) ب.ئۆگەل: <<تۈرك كۈلتۈرىنىڭ تەرەققىيات چاغلىرى>>، تۈركچە، 1-قىسىم، 9-،10- بەتلەر، 1971-يىلى، ئىستانبۇل، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.

(24)  ئايدىن تانەرى: <<تۈرك دۆلەت ئەنئەنىسى>>، تۈركچە، 122-بەت، 1981- يىلى، ئەنقەرە.

(25) <<تۈرك ئېنسىكلوپېدىيەسى>>(<<ھۇنلار>> ماددىسى)، تۈركچە، 19-توم، 194- بەت، 1971- يىلى، ئەنقەرە، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.

(26)  <<تۈرك ئېنسىكلوپېدىيەسى>>(<<بالامبەر>>ماددىسى)،تۈركچە، 5-توم، 105- بەت، 1967- يىلى، ئىستانبۇل، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.

   (27)  ب.ئۆگەل: <<تۈرك مىتولوژىسى>>، تۈركچە، 2-قىسىم، 103-بەت، 1995- يىلى، ئەنقەرە، تۈرك تارىخ قۇرۇمى نەشرىياتى.   ۋ.ئېبىرخارد: <<چىننىڭ شىمالىي قوشنىلىرى>>، تۈركچە،86 -بەت، 1996-يىلى، تۈرك تارىخ  قۇرۇمى نەشرىياتى.

(28) ياشار چورۇھلۇ : يۇقىرىقى ئەسەر، 143-بەت.

(29) <<ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى>>(<<تۈركلەر>>ماددىسى)، تۈركچە، 12- توم،2- قىسىم، 254- بەت، ئىبراھىم كافەسئوغلۇ : يۇقىرىقى ئەسەر، 333-بەت.

(30)  <<تۈرك ئېنسىكلوپېدىيەسى>>(<<بۇغا>>ماددىسى) ،تۈركچە،17-توم، 320-بەت، 1969- يىلى، ئەنقەرە، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.

تۈگىدى.

 

 

 

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1290 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01