ئاياللاردا كۆكسى ئاغرىقىغا ۋە سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغۇچىلار نىمىلەرگە دىقق

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


ئاياللاردا كۆكسى ئاغرىقىغا گىرىپتار بولغۇچىلار توۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك:

1. كۆكسى نى ئۆزى تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋېلىشى ھەم داۋاملىق تەكشۈرۈپ تۇرۇش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا سۈت بېزى كېسەللىكلىرىنى بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالىغىلى بولىدۇ.
2. ئىككى كۆكسىنى شارائىت بولسا ئايدا بولمىسا پەسىلدە بىر قېتىم تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك.
ئۆزىنى ئۆزى تەكشۇرۇش ئۇسۇلى: تۈز يېتىپ قۇلىنى كۆكسىنىڭ يان تەرىپىگە قۇيۇپ، رەت بۇيىچە كۆكسىنىڭ ھەممە يېرىنى ئوۋلاپ مۇنەك بار يوقلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. نورمال ئەھۋالدا ئىككى تەرەپ سۈت بېزىنىڭ چوڭ كىچىكلىكى، ئاساسەن ئوخشاش ھەم يۇمشاق بولىدۇ، مونەك، تۈگۈنچىلەر بولمايدۇ، تۇتسا ئاغرىمايدۇ. بولۇپمۇ كۆكسىنىڭ ئۈستى تەرىپى، قولتۇققا يېقىن بولغان تەرىپىنى دائىم تەكشۇرۇپ تۇرۇشنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك. قولتۇق ئاستىدىكى لىمفا تۈگۈنىنىڭ ئىششىپ قالغان قالمىغانلىقىغا، بېسىپ تەكشۇرگەندە ئاغرىقنىڭ ئېغىر يېنىكلىكىگىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك. بار يوقلۇقىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
3. تۇغۇتتىن كىيىن، كۆكسىدە نورمالسىزلىق ئەھۋالى كۆرۇلگەندە ئالاھىدە دىققەت قىلش كېرەك.بالا ئېمىتىشتىن بۇرۇن ئىسسىق سۈ بىلەن كۆكسىنى پاكىز سۈرتۈپ بېرىش، بالا ياخشى ئېمەلمىگەندە سۈت سېغىش نەيچىسى بىلەن سۈتنى ۋاقتى قەرەلىدە سېغىۋېتىش، ئاغرىشتىن قورقماي سۈت كانالچىلىرىنىڭ ۋاقتىدا ئېچىلىشىغا، سۈتنىڭ راۋان چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، بوۋاقنى زورلاپ تۇرۇپ ئېمىشكە ئادەتلەندۇرۇش. كوكسى ئاغرىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم.
بالا ئېمىتىش يالغۇز سۈت بېزى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي، تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، بالياتقۇنىڭ قىسقىرىشى، ئىچكى ئاجىراتما سېسستىمىسىنىڭ تەڭشىلىشىدىمۇ رولى بەك چوڭ.

4. بالا ئېمىتمەيدىغان ئاياللارنىڭ ئەمچەك توپچىسىدىن سۇيۇقلۇق ئېقىپ چىقىدىغان، لىپتىك، كوينەكلەردە داغ پەيدا بۇلۇپ قالسا، ياكى تەكشۈرۈش جەريانىدا، كۆكسى ئەتراپىنى سىققاندا، تۈگۈنچە بولسا ياكى رەڭگى ئۆزگەرگەن، غەيرى پۇراقلىق سۇيۇقلۇق ئەمچەك توپچىسىدىن ئېقىپ چىقسا، سەل قارىماسلىق دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش سەۋەبىنى ئېنىقلاش، كېسەللىك ئەھۋالىغا قارتا ۋاقتىدا چارە تەدبىر قوللىنىش كېرەك.
5. ئاياللاردا ئادەت مەزگىلىدە ھېيىزنىڭ ئالدى كەينىدە كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىيدىغان، ئادەت توختىغاندىن كىيىن ئۆزلىگىدىن ياخشى بۇلۇپ قالدىغان ئەھۋاللارمۇ بار بۇنداق ئەھۋال كۆرۇلۇپ قالسا، جۇڭيىچە ۋە غەربچە ھەيىز تەڭشەيدىغان دورىلارنى ئىچىش ئارقىلىق داۋالىنىپ، ئاغرىق ئاسارىتنى يېنىكلەتكىلى، كېسەلنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
6. 40ياشتىن ئاشقان ئاياللار، ئېرسىيىتىدە يەنى جەمەتىدە سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغانلار بولسا، ھەر پەسىلدە بىر قېتىم ئەڭ بولمىغاندا، يىلدا بىر قېتىم ئاياللار بۆلۈمىگە بېرىپ ئۆزىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى لازىم.
بۇنداق بولغاندا بۇ خىل كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، بالدۇر بايقاپ، ۋاقتىدا داۋالىغىلى بولىدۇ.
7. كۆكسىدە مۇنەك ياكى تۇگۈنچە پەيدا بۇلۇپ قالسا، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ، تەكشۇرتۇشكە سەل قارىماسلىق كېرەك.
ئادەتتە ئېنىقلىق دەرجىسى يۇقۇرى ئىشەنچلىك تەكشۇرۇش ئۇسۇلى، يەرلىك ئۇرۇندىن توقۇلما ئېلىپ پاتولوگىيىلىك ياپىلاقلاپ تەكشۇرۇش ۋە ئانالىز قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، توغرا دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ.
8.سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغۇچىلار ئەڭ ياخشىسى بالدۇر بايقاش، بالدۇر ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش ئارقىلىق بۇ خىل كېسەلنى ئۈزىل كېسىل تەل-تۈكۈس داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ. شۇڭا دەرھال ئوپراتسىيە قىلدۇرۇش لازىم.
ئوپېراتسيەدىن كىيىنكى بىر يىلدا ھەر ئايدا بىر قېتىم تەكشۈرتۈپ تۇرۇش بىلەن بىللە ئارام ئېلىشقا كەيپىياتنىڭ تۇراقلىق بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئۇزۇقلىنىشقىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
9.ئۇزۇقلىنىشتا دىققەت قىلدىغان تەرەپلەر: بېلىق، تاسما بېلىق،راك قاتارلىق ئۇزۇقلۇق تەكىبى مول ئاسان ھەزىم بولدىغان يېمەكلىكلەر كۆپ يىيىش، لامنارىيە(خەيدەي) ،موگو قاتارلىقلارنى، پۇرچاق تۇردىكى يېمەكلىكلەرنىمۇ كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ تۇرۇش كېرەك.
10. سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغانلار يېيىش،ئىچىشكە بولمايدىغان يېمەكلىكلەر: ھاراق، تاماكا، قەھۋە ھەر خىل سوغاق ئىچىملىكلەر. ئاچچىق لازا زەنجىۋېل، ئۇنىڭدىن باشقا غىدىقلاش خۇسۇسىيىتىدىكى يېمەكلىكلەر. سېمىز گۆش، مايلىق تاماق، ئىچىتىلغان، تۈزلانغان يېمەكلىكلەر. تۇخا گۆشىدىن خوراز گۆشى قاتارلىقلار.
11.سۈت بېزى راكى كېسەللىكىنىڭ سەۋەبى مۇرەككەپ، يۇشۇرۇن ۋاقتى ئۈزۈن بۇلۇپ، ۋاقتى قەرەلىدە بايقاپ، ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىش تەسرەك. ئاساسلىق سەۋەپلىرىدىن: شەھەر مۇھىتىدىكى،تەرەققى قىلغان رايۇنلاردىكى، كەسىپچانلىغى كۈچلۈك، كەسپى جەھەتتە مۇۋەپپەققىيەت قازانغان، ئىقتىسادى جەھەتتە كۆزگە كۆرۇنگەن، خىزمەت سىجىللىغى ئېغىر، بەك ئالدىراشچىلىق ئىچىدە يۇردىغان، روھى كەيپىياتى تۇراقسىز، دائىم چۈشكۈن،روھسىز يۇردىغان دەرتمەن ئاياللاردا، كۆپ ئۇچىرايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كىچىكىپ توي قىلغان، پەرزەنت كۆرۇش يېشى بەك چوڭ ئاياللاردا، ئاز تۇققان، ئۈزۈن مەزگىل تۇغۇت چەكلەش دۇرىسى يىگەنلەردىمۇ ، جەمەتىدە ئوخشاش كېسەلگە گىرىپتار بۇلۇش تارىخى بارلاردىمۇ بۇ خىل كېسەل كۆپ ئۇچىرايدۇ.

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1216 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01