سەكتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋاش

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


1.سەكتە كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئوتتۇرا ياش ئەڭ ھالقىلىق ۋاقىت. بۇ مەزگىلدە سەمىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تاماكا چەكمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك، ماي مىقدارى يۇقىرى بولغان گۆشلەرنى يېمەسلىك كېرەك. مايسىز، تۇزسىز، پىششىق، يۇمشاق يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىپ بېرىشى. كەيپىياتىنى تۇراقلىق تۇتۇش، تۇرمۇشى رىتىملىك بۇلۇش، بولۇپمۇ چوڭ تەرەتنىڭ راۋانلىغىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. چۈنكى دائىم قەۋزىيەت بولدىغان كىشلەردە ھەزىمنىڭ ياخشى بولماسلىغى، چىقىرىندى ماددىلارنىڭ جوغلۇنۇپ قېلىشى بىلەن ھەر خىل ئەگەشمە كېسەللەر پەيدا بۇلۇپ ئەسلىدىكى كېسەل ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ.
2. جىددى قوزغالغان مەزگىلدە كارىۋاتتا يېتىپ ئارام ئېلىشى كېرەك، يۆتكىلىشكە،بولۇپمۇ باش تەرىپى يۆتكەلسە قەتئىي بولمايدۇ.
3.سەكتە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا يېرىم پالەچ كۆپ كۆرۈلىدۇ. پالەچ بولغاندىن كىيىن پۇت-قولنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. كېسەللىك ئەھۋالى تۇراقلاشقاندىن كىيىنكى داۋالاش ئەڭ ھالقىلىق ۋاقىت بۇلۇپ ،بۇ مەزگىلدىكى داۋالاشتا ئۇۋىلاپ بېرىش،ئىمكانىيىتىچە پۇت قوللارنى ھەركەتلەندۇرۇش، تەرتىپلىك، قەرەللىك چېنىقتۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە فىزىكىلىق داۋالاش، يىڭنە سانجىشنى بىرگە ئېلىپ بارسىمۇ بۇلىدۇ. تەرتىپ بۇيىچە قەدەممۇ-قەدەم پۇت-قولىنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقىنى ئېلىپ بېرىش،بۇ ئارقىلىق سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ، كىيىن ئۆزلىگىدىن ئاستا-ئاستا ھەرىكەت قىلىپ، مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
4 يۇقىرى قان بېسىمى، دىئابىت كېسىلى قاتارلىق كېسەللەرنى ئاكتىپلىق بىلەن داۋالاپ، سەكتە كېسىلىنىڭ قايتا قوزغىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
5.ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش،دوختۇرنىڭ داۋالىشىغا ماسلىشىش،تىرشىپ ھەركەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. بۇ خىل ھەركەت ۋە مەشىقنىڭ سەكتە كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرىنى ئازايتقىلى بولىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنى تۇغۇزۇش بەك مۇھىم.

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 780 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01