.ئاشقازان، ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسىغا گىرىپتار بولغۇچىلار

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


.ئاشقازان، ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسىغا گىرىپتار بولغۇچىلار :
1.جىددى قوزغىلىش مەزگىلىدە ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىش ، خىزمەت بىلەن دەم ئېلىشنى مۇۋاپىق تەڭشەش ، جىددىيلىشىشتىن ساقلىنىش، كەيپىياتنىڭ تۇراقلىق بۇلۇشىغا، ياخشى ساغلام روھى ھالەتنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
2.ئاشقازاننى غىدىقلايدىغان، تەستە ھەزىم بولدىغان يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك. مەسىلەن، ياغداقورۇلغان يېمەكلىكلەر،زىيادە قاتتىق، سوغاق، ئاچچىق،چۈچىمەل يېمەكلىكلەر، قېنىق چاي ،قەھۋە قاتارلىق يېمەكلىكلەر. ئۇنىڭدىن باشقا زىيادە تاتلىق يېمەكلىكلەرمۇ ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى بىمارلىرىنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كەلمەيدۇ.
3.ھاراق-تاماكىنى تاشلاش. ھەر خىل تۇردىكى سوغاق ئىچىملىكمۇ ئاشقازان ياللۇغىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ۋە جاراھەتنىڭ ساقىيىشىنى كېچىكتۈرۋېتىدۇ.
4.تەرتىپلىك قەرەلىك غىزالىنىش، بەك تويغىچە تاماق يېۋىلىشتىن ساقلىنىش، تاماقنى ئاز –ئازدىن قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ يېيىش، ئاسان ھەزىم بولىدىغان، يۈمشاق، سۈيۇقراق تاماقلارنى كۆپرەك يېيىش كېرەك. ئىككى ۋاق تاماقنىڭ ئارلىغىدا مۇۋاپىق مىقتاردا قوشۇمچە يېمەكلىك يىسە بولىدۇ.
5.پۇرچاق،سۈت تۈرىدىكى ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك، چۈنكى بۇنداق ئىچىملىكلەر قورساقنى كۆپتۈرۈپ بىئارام قىلىدۇ.
6.دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى دورا ئىشلىتىش، دورىنى قەرەلىدە يېيىش كېرەك. ئاشقازان شىللىق پەردىسىگە زىيانلىق دورىلارنى - مەسىلەن، ئاسپىرىن، ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى، فىنىلبوتازون تىپىدىكى قىزىتما قايتۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش دورىسى قاتارلىقلارنى ئىمكان بار ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش، ناۋادا زۇرۇريەت بولغاندا بۇ خىل دورىلارغا ئاشقازان شىللىق پەردىلەرنى قوغدىغۇچى دورىلارنى قوشۇپ ئىشلىتىش كېرەك.
7.قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش،دورىلارنى تەڭشەپ ئىستىمال قىلىش، كېسەللىك ئالامەتلىرىگە قاراپ دوختۇرنىڭ كورسەتمىسى بويىچە دورا ئۆزگەرتىش.ئەھۋال ئېغىرلاشسا دەرھال يېتىپ مۇنتىزىم داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1066 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01