Bتىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغۇچىلار نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك.

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


  

1.B تىپلىق جىگەر ياللۇغى  HBVۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان يۇقۇملۇق كېسەل بۇلۇپ ۋىرۇس ئاساسەن Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ ۋە   HBV ۋىرۇسنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ قېنىدا بولىدۇ.

2. ئادەتتە بۇ خىل كېسەللەرنىڭ يۇقۇش يولى: قاندىن يەنى قان سېلىش، يۇقۇملانغۇچى ئىشلەتكەن  ئۇكۇل يىڭنىسىنى تەكرار ئىشلىتىش،  ئانىدىن بالىغا  يەنى Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان ئانا ئارقىلىق بوۋاققا يۇقىدۇ.  ئۇنىڭدىن باشقا ئاز بىر قىسىم  بىمارلارنىڭ شۆلگىيى، سپېرمسى قاتارلىق ئاجىراتمىلاردىنمۇ يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ. بىراق  ئادەتتە بۇ  ئەھۋال ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.

3. Bتىپلىق جىگەر ياللۇغىنى بالدۇر بايقاپ، ۋاقتىدا  داۋالاتمىغاندا ئاسانلا ئاستا  ئاستا خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغىغا ئۆزگۇرۇپ ۋاقىت ئۇزىراپ داۋالىنىش مۇۋاپىق بولمىغاندا، جىگەر قېتىشقا، جىگەر راكىغا ئايلىنىش ئېھتىمالى چوڭ بولىدۇ.  Aتىپلىق جىگەر ياللۇغىغا قارىغاندا خەتىرى چوڭراق بولۇپ، ۋاقتىدا  سېستىمىلىق داۋالىتىش، جىگەر خىزمىتىنىڭ ناچارلاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم.   

4. تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەن قاننى ئىشلەتمەسلىك، چىش چوتكىسى، ساقالئالغۇچ قاتارلىقلارنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك، بۇلۇپمۇ سىرتتا ئاممىۋى سورۇنلاردىكى تۇرمۇش بۇيۇملىرنى ئىمكان بار ئورتاق ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش، بەدەنگە گۈل چىكىش، كۆز قاشقا چەكتۈرۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.

5. ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرنى قوللىنىش، Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى  HBVئېلىپ يۈرگەن بىمارلاردىن باشقىلار ئامال بار Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئۇرغۇزۇش كېرەك. ئۇكۇل ئۇرغۇزغاندىن كىيىنكى ئۈنۈم ۋاقتى 3 ـ 5يىلغىچە بولىدۇ.

6. Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى كېسەللىرى ياكى Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر قان تەقدىم قىلىشقا بولمايدۇ، ئاغرىپ قالغاندا، ئاكتىپلىق بىلەن بىر قېتىملىق داۋالىنىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتش، كېسەلنىڭ باشقىلارغا يۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر، ھەر پەسىلدە ياكى يېرىم يىلدا بىر قېتىم  جىگەر ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش كېرەك.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1124 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01