.ئۆت ياللۇغى ئۆتتە تاش كېسىلى بارلار داۋالىنىش ۋە ئۇزۇقلىنىشتا دىققەت قىلدىغان ت

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

 



.ئۆت ياللۇغى ئۆتتە تاش كېسىلى بارلار داۋالىنىش ۋە ئۇزۇقلىنىشتا دىققەت قىلدىغان تەرتىپلەر.
 ماي، خولېستېرىن يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى- مەسىلەن: سېمىز گۆش، قايماق، تۇخۇم سېرىقى،  ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزاسى قاتارلىقلار ئاز ئىستىمال قىلىشى. مايدا پۇشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلماسلىقى، ھاراق ئىچمەسلىكى كېرەك. 
2. ئەگەردە قورساقنىڭ ئۈستى ئوڭ تەرىپى ئاغرىسا، گۆشسىز تاماقلىنىش،  تۆۋەن ئوڭ تەرىپى ئاغرىسا، دوختۇرنىڭ رېتسىپى بۇيىچە سپازمىنى بوشىتىش ۋە ياللۇغ قايتۇرۇپ ئۆت سۇيۇقلۇقىنى راۋانلاشتۇرىدىغان دورىلارنى ئىچىش كېرەك.
3. ئەگەردە قورساقنىڭ ئۈستى ئوڭ تەرىپى قاتتىق ئاغرىسا، ھەمدە دۈمبىنىڭ ئوڭ تەرىپىمۇ ئاغرىپ، كۆڭلى ئېلىشىپ، ياندۇرۇپ، قىزىپ ھەتتا چىرايى سارغىيىپ كەتسە چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ سەۋەبىنى تېپىش كېرەك، ئۆزى قالايمىقان دورا يەپ ئاغرىق توختىتىشقا  بولمايدۇ.
4. B تىپلىق ئاپپاراتقا(B چاۋ) چۈشۈش، ئۆت ياللۇغى ۋە ئۆتكە تاش چۈشۈشنى تەكشۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بۇلۇپ، ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا يېيىش ۋە  قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك.
5. ئۆت ياللۇغى، ئۆتكە تاش  كېسىلى بار بىمارلار كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانماي تەكرار قوزغالسا ، ئامال بار بالدۇر ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش ، باشقا ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۆت خالتىسى تېشىلىپ كېتىش،ئۆت يولىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشى قاتارلىق  كېسەل ئالامەتلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
6. ئۆتكە تاش چۈشۈشنى داۋالاشنىڭ  ھەر خىل ئۇسۇللىرى بار،  دورا ئارقىلىق داۋالاش، تەۋرىتىش ئارقىلىق تاش چۈشۈرۈش، لاپاروسكوپ ئوپېراتسىيىسى قىلىش(قورساق ئەينىكى ئارقىلىق تاشنى سۈمۈرۈپ ئېلىش ئوپېراتسىيىسى)، قورساقنى يېرىپ ئوپېراتسىيە قىلىش قاتارلىقلار، بۇلارنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە بىمار ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا قاراپ  تاللاش كېرەك.
7.ئۆتكە تاش چۈشكەن بىمارلار ئوزۇقلىنىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. دورا بىلەن داۋالانغۇچىلار دورا ئىشلىتىش مەزگىلىدە ئەتىگەنلىك ناشتىنى بالدۇر قىلىش ئىمكانىيىتى يار بەرگەن ئەھۋالدا سەھەردىكى ناشتىلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش،قۇۋۋەتلىك ئاسان ھەزىم بولدىغان يېمەكلىكلەرنى يىيىش كېرەك. چۈشتە نورمال ئادەتتىكىدەك، ئەمما كەچتە ئېھتىيات بىلەن مايلىق، تەستە ھەزىم بولدىغان يېمەكلىكلەرنى يىيىشتىن  پەرھىز تۇتۇش كېرەك.
 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1281 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01