ئاتا-ئانىلار سەمىگە: بىز قانداق ئاتا-ئانا ؟؟

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

 

     ئانا بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن پەرزەنتلىرىرىمنى  ئارزۇ ئىستەكلەرگە باي، ئىتىقاد ۋە ئىرادىسى مۇستەھكەم ، تەۋەككۇل قىلىش روھى كۈچلۈك،ساغلام    تەربىيلەپ،ئۇلارنى قاتارغا قوشۇش ئويلاپ بۇ  جەريانىدىكى بۇ مەسئۇليەت ۋە مەجبۇرىيەتنى  ئادا قىلىشنىڭ ئۇنداق ئاسان ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرساممۇ، مەن بەدەل تۆلەشتىن قورقمىسام، ۋاز كېچىشنى بىلسەم، تىرىشسام بۇ ئارزۇغا يىتىش قىيىن ئەمەس دەپ ئويلىغان ئىدىم  . بەكمۇ ئېگىزى يىراقنى ئويلاپتىمەن ـ يۇ!   بۇ جەرياندىكى مۇساپىنىڭ بەك ئۇزۇنلۇقىنى پەللىنىڭ بەك يىراقلىقىنى،  مۇشەققىتىنى ئويلىماپتىمەن.      
   مەن ياخشى كۆرىدىغان كەسپىم ۋە خىزمىتىمنى تاشلاپ ئون نەچچە يىلنى ئائىلىدە بالىلىرىغا  قاراش بىلەن  ئۆتكۈزگەن ئايال . مەن ئەڭ كۆپ ۋاقتىمنى بالىلىرىمغا ، ئۇلارنى ئۆز قولۇم بىلەن بېقىشقا  سەرپ قىلغان،  تەربىيىلىنىشىگە تىرىشىپ كۈچ چىقارغان بولساممۇ،   ھازىرغىچە  بىرەر قېتىم  رازىمەنلىك بىلەن  مەن  ياخشى قىلىۋاتىمەن.، مەن لاياقەتلىك  ئانا ،لاياقەتلىك بالا تەربىيلۈگىچى دەپ باقمىدىم.  چۈنكى بالىلارنىڭ چوڭ بۇلىشى بىلەن  تەربىيىسىدە  كۆرۈلگەن مەسىلىلەردە،  ئۆزەمنىڭ قايسى جەھەتتە  كەتكۈزۈپ قويىۋاتقىنىمنى، يەنە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشىم كېرەكلىكى ئۈستىدە توختىماي ئىزدىنىپ كەلدىم .  بۇ ساھەدە ئىزدەنگەنلىرىمنى، ھېس قىلغانلىرىمنى، تەجىربىلىرىمنى ماڭا ئوخشاش پەرزەنت تەربىيىسىدە بېشى قېتىۋاتقان، ئىزدىنىۋاتقان، پەرزەنتلەرنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن باش قاتۇرۋاتقان ئاتا-ئانىلار بىلەن ئورتاقلىشىشىنى ئويلاپ قالدىم.  مەسلىھەتىمدىن، تەجىربىلىرىمدىن شۇ ئاتا-ئانىلارغا ئازراق بولسىمۇ مەنپەئەت يەتسە دېگەن ئارزۇ-ئۇمۇدتىمەن.
   پەرزەنت تەربىيىسى  سەۋرى تاقەتنى،مېھرىبانلىقنى تەلەپ قىلىدىغان ،  سەگەكلىك بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان  مۇشكۈل  ناھايىتى ئۇزۇن مەزگىللىك جاپالىق خىزمەت.  جەمئىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشى، ئىقتىسادنىڭ راۋاجلىنىشى، تۇرمۇشىمىزدا پاراۋانلىقى ياراتقان بولسا،  بۇ پاراۋانلىق ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەۋاتقان ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋاقتى ئۆزىگە تەۋە بولماي، ئائىلىسىگە پەرزەنتلىرىگە ،بېرىدىغان ۋاقتى ئازلاپ، بالىلىرىغا ئېشىنغىدەك ئىمكانىيىتى يوق ھالەتكە ئۇتۇپ قىلىۋاتىدۇ .
  ئاتا-ئانا بولغۇچىلارنىڭ بالىلىرىغا ئاجراتقان  ۋاقتىنىڭ ئاز كۆپلۈكى، بالىنىڭ ئۆزىگە ئاتا-ئانىسىنىڭ قانچىلىك كۆڭۈل بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە  يېتەرلىك پاكىت ئىدى.  كۆپ قىسم ۋاقتى  خىزمەت ، كىشىلىك مۇناسىۋەت ، يەنە قانداقتۇر كەسىپ ،غايە نامى بىلەن ئاتالغان ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۆتۈۋاتقان ئاتا-ئانىلارنىڭ  ئائىلىسىگە ئاجرىتىدىغان ۋاقتى بەكمۇ ئاز بولىۋاتىدۇ.   ئاشۇ ئازغىنە ۋاقتىدىمۇ  بالىلىرىغا كۆڭۈل بۇلۇش ، ئۇلارنىڭ قەلب سادالىرىغا قۇلاق سېلىش،  جاپالىرىغا، ئەركىلىرىگە، بالىلىقتىكى شوخلىقىغا، تەرسالىغىغا، خاتالىق سەۋەنلىكلىرىگە ، سەۋرى تاقەت  قىلىپ ، كەڭ قورساقلىق بىلەن ئەپۇ قىلغىدەك ، ئۇلارغا   مېھرى مۇھەببەت يەركۈزگىدەك  ۋاقتى   يوقنىڭ ئورنىدا  .  چۈنكى ئۇلار ئالدىراش.  خىزمەتنى تۈگىتىپ ئۆيگە كەلگەندە ، ھارغان چارچىغان.  ئارام ئالغۇسى بار. چالا قالغان ئىشلىرىنى تۈگەتكىسى بار.  بالىلىرىغا ۋاقتى زادى ئاشمايدۇ!! بۇ جاپاكەش ئاتا-ئانىلار  قانداق قىلسۇن؟؟!!
   بىزنىڭ مۇشۇنداق ۋاقىت چىقىرالماسلىغىمىز، بالىلارغا روھى جەھەتتىكى كۆڭۈل بۈلۈشىمىزنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، تەربىيەت ئۇسۇلىمىزدىكى  سەۋەنلىكلەر،  مەسئۇليەتسىزلىگىمىزدىن كېلىپ چىققان خاتا تەربىيە ۋە تەنقىدلىرمىزنىڭ پەرزەنتلىرمىزگە كەلتۈرگەن زىيىنىنى ھېس قىلغىنىمىزدا ،ئۆزىمىزنىڭ تولىمۇ كېچىكىپ قالغانلىقىمىزنى بايقايمىز.
  بىزنىڭ بالىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىمىز  بالىلارغا  باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىتىدۇ.  مەسىلىگە تۇتقان پوزىتسىيىمىزنىڭ  قانداق بولىشى، ماھىيەتتە بالىلارغا شۇ مەسىلىنى قانداق ئۇسۇلدا  ھەل قىلىشنى ئۆگەتكىنىمىز بولىدۇ.  بىزنىڭ  ئىشلارنى  بىر تەرەپ قىلىش پىرىنسىپىمىز قانداق بولسا،  بالىلار ئۆزى ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى  شۇ ئۇسۇل شۇ ئەندىزدە ھەل  قىلىدۇ.
      ئاتا-ئانىلارنىڭ  كۆيۈمچانلىقى ھەر قانداق ئۈلگىدىن تەربىيىدىن  ئۈستۈن  تۇرىدۇ.   شۇڭا ھەقىقى مۇھەببەت، كۆيۈنۈش بولسىلا،  ئەڭ پەلىپەتىش ساپاسى تۆۋەن ئائىلىدىنمۇ ئىرادىلىك تىرىشچان بالىلار چىقىدۇ.   بىزنىڭ سەۋرىسىزلىگىمىز،گەپ قىلىش ئۇسۇلىمىزدىكى  سەۋەنلىگىمىز،  تۈپەيلى ئارزۇ-ئارمانلىرىمنىڭ داۋامى بولغان بۇ يۇرەك پارىلىرىمىزنىڭ قەلبىگە قانداق جاراھەتلىرىنى قالدۇرغىنىمىزنى، سەبى قەلبىدىكى ئارزۇ ئىستەكلىرىنى  قانداق  بەربات قىلغىنىمىزنى بىلمەستىن  ئۆمۈرلۈك ئىستىقبالىغا ئولتۇرۇپ تالانتىنى ئىقتىدارىنى ئاشۇ خاتالىق سەۋەنلىكلىرىمز تۈپەيلى ئاستا -ئاستا قىرقىپ يوق قىلغىنىمىزنى  بايقىغاندا   ئۇنىڭ بەدىلىنى نەچچە ئەۋلاد تارتىشقا مەجبۇر بولىمىز.
   بالىلارنىڭ يارىماس ئادەم  بۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى: يارىماس ئادەمنىڭ قولىدا تەربىلەنگەنلىكى ۋە ناچار تەرىپلىنىش مۇھىتىنىڭ تەسىرىدىن  بولىدىغانلىقىنى ھېچقايسىمىز  ئىنكار قىلمايمىز .  يەنى يارامسىز بالا لاياقەتسىز ئاتا-ئانىنىڭ مەھسۇلاتى. باشقىلار بالىلىرىمىزنىڭ تەربىيىلىنىشى ،مىجەز خاراكتېرىگە قاراپ، بىزنىڭ قانداقراق ئاتا-ئانا ئىكەنلىكىمىزگە باھا بېرىدۇ.  ئۇنداقتا  كىمنىڭ لاياقەتسىز ئاتا-ئانا دېگەن نامنى ئالغۇسى بار؟  ھىچقايسىمىزنىڭ  بۇنداق نامدا ئاتالغۇسى يوق   ئەلۋەتتە.
     ئارزۇ ئارمان بىلەن مۇھەببەتلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ شېرىن مېۋىسى بولغان  يۇرەك پارىمىز تۇغۇلۇپ  ئۇزۇن ئۆتمەي بېقىلىش مۇشاقىتىدە بالا  باققۇچىلارنىڭ قولىغا، تەلىيى بارلار چوڭلارنىڭ بېقىشىغا ئۆتىدۇ.  ئەمدى مېڭىپ تامىقىنى يىگۈدەك بولغاندا،   يەسلىگە بېرىشكە ئالدىرايمىز.  بۇمۇ  شارائىتى ،ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى بولغان، ئاتا-ئانىلارنىڭ قولىدىن كېلىدىغان، ياخشى  بولغان تەرىپلىنىش مۇھىتى ھېسابلىنىدۇ.  بۇ يەردىن چىققاندا مەكتەپكە بەردۇق . ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قولىغا ئۇتتى بولدى.  ناۋادا يېتىشەلمىسە ئائىلە ئۇقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ بېرىمىز.  مانا مۇشۇنداق قولدىن قولغا  ئۇتۇپ ھەر خىل  مىجەز خاراكتېردىكى كىشىلەرنىڭ تەربىيىسىدە چوڭ بولىۋاتقان  بۇ ئوماقلار كىمگە ئوخشاپ؟ كىمنى دوراپ؟ چوڭ بولۇۋاتقىنىنى ئاتا-ئانىلار  ئۆزىمىز بىلمەي قالىدۇ.

      ئائىلە قۇردۇق، نىكاھ تۇرمۇشىنى باشلىدۇق، پەرزەنتلىك بولدۇق، ئەمدى بىزنىڭ ئۆزىمىزگە تەۋە ۋاقتىمىز يوق بولدى دېگەنلىك. بىز ئاشۇ ئائىلىمىزگە پەرزەنلىرىمىزگە سەرپ قىلىغان  ۋاقتىمىزنىڭ ئاشقان ئازغىنە قىسمىدىن پايدىلىنىپ تىرىشساق ئاندىن لاياقەتلىك ئانا بولۇشنىڭ قەدىمىنى باسقان بولىمىز.
       ئاتا-ئانىلار!!  پەرزەنتلىرىمىزگە،  بىز تىرىشىپ ئىشلەپ،  جاپالىق مىھنىتىمىز بىلەن ھازىرلىغان ماددى شارائىتنىلا بەرمەي،  مېھرى مۇھەببەت بىلەن تولغان يۈرىكىمىز بىلەن ۋاقتىمىزنى قوشۇپ بېرەيلى! بىز بالىلىرىمىزنىڭ قەلبىدە بىر ئەۋلىيا، بىزنىڭ راسچىللىقىمىز، سەمىمىلىكىمىز، قىيىنچىلىق ئالدىدىكى چىدام غەيرىتىمىز،  تۇرمۇشىمىزدىكى تەرتىپ ئەندىزىمىز،  بالىلىرىمىزغا  بۇ ياشاشنىڭ ئۆلچىمى، تۇرمۇشنىڭ ئەمەل قىلىش كېرەك بولغان مىزانى مۇشۇنداق ئىكەن دەپ تۇنۇتالايمىز.  
      بالىلارنىڭ  ياراتقۇچىغا بولغان چۈشەنچىسىمۇ ھەر قاچان ئاتا-ئانىسىنىڭ پەزىلىتى ئادەملىكى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. كۆيۈمچان ، ئەپۇچان ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتلىرى، ياراتقۇچىنى بەندىلىرىگە شەپقەتلىك مېھرىبان  سەۋىرچان دەپ  تونۇيدۇ.  بۇ خىل ھېس تۇيغۇ بالىلارنىڭ كىيىنكى تەربىيلىنىشى ۋە خاراكتېر يېتىلىشىنىڭ ئاساسى.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1161 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01