ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

ئەنگلىيە-ئارگېنتىنا مالۋىناس ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


زامانىۋى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ئاسماننى بىر ئېلىشى

 

ئەنگلىيە-ئارگېنتىنا مالۋىناس ئۇرۇشى

  

   بۇ 1982- يىلى ئەنگلىيە بىلەن ئارگېنتىنا ئوتتۇرسىدا مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان ئۇرۇش.
   مالۋىناس تاقىم ئاراللىرى جەنۇبىي ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىدىكى ماگېللان بوغۇزىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ، سولايدا ۋە چوڭ مالۋىناس ئارىلىدىن ھەمدە شۇ ئەتىراپتىكى تەخمىنەن 200 چە كىچىك-كىچىك ئاراللاردىن تەركىب تاپقان ، بۇ تاقىم ئاراللارنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 11.961 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. نوپۇسى 2000 غا يەتمەيدىغان مالۋىناس ئاھالىسىنىڭ %97 ى ئەنگلىيىلىك. بۇ تاقىم ئاراللارنىڭ ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، جەنۇبىي ئۇلۇق ئوكياندىن تىنچ ئوكيانغا بارىدىغان دېڭىز يولىنى بوغۇپ تۇرىدىغان مۇھىم تۈگۈن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئارال ئەتىراپىدا يەنە مول نېفىت ۋە تەبئىي گاز بايلىقلىرىمۇ بار. 16- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىسپانىيىلىكلەر ئىسپانىيىلىكلەر بۇ تاقىم ئارالنى بايقىغان. 1690- يىلى ئەنگلىيىلىك بىر كاپىتان بۇ يەرگە كېلىپ، بۇ ئاراللارنى فوركلاند تاقىم ئاراللىرى دەپ ئاتىغان. 1767- يىلى فرانسىيىلىكلەر بۇ تاقىم ئارالنى قولدىن-قولغا ئۆتكۈزۈپ ئىسپانىيىگە سېتىۋەتكەن، مالوينېي تاقىم ئارىلى دېگەن سۆزمۇ ئىسپان تىلىنىڭ تەلەپپۇزى بويىچە مالۋىناس تاقىم ئارىلى دەپ ئاتىلىدىغان بولغان. 1816- يىلى ئارگېنتىنا ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، مەزكۇر ئارالنىڭ ئىگىلىك ھوقوقىغا ۋارىسلىق قىلغانىدى. 1820- يىلى بۇ يەرگە قوشۇن ئەۋەتىپ تۇرغۇزدى. 1829- يىلى مالۋىناس قەلەمدارلار-ئەلەمدارلار بىرلەشمە ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى. ئەنگلىيە 1833- يىلى ئارگېنتىنا ئىچكى مالىمانچىلىقى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مەزكۇر ئارالنى قورال كۈچى بىلەن ئىشغال قىلىۋالدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى يېرىم ئەسىر ۋاقىت جەريانىدا ئارگېنتىنانىڭ ھەر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى ئەنگلىيە بىلەن قايتا-قايتا سۆزلىشىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقوقىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى قەتئىي تەلەپ قىلدى. ئەنگلىيە بولسا قەتئىي رەت قىلىپ كەلدى. 1965- يىلى ۋە 1973- يىلى ب د ت ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2065- نومۇرلۇق قارارىنى ۋە 3160- نومۇرلۇق قارارىنى ماقۇللاپ، ئەنگلىيە بىلەن ئارگېنتىنانىڭ بۇ ئىختىلاپنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئەنگلىيە بىلەن ئارگېنتىنا گەرچە كۆپ قېتىم سۆھبەتلەشكەن بولسىمۇ، ھېچبىر ئىلگىرىلەش بولمىدى. 70- يىللار بىلەن 80- يىللار ئارىلىقىدا مالۋىناس ئارىلىنىڭ ئەتىراپىدا زاپىسى مول نېفىت ۋە تەبئىي گاز بايقالغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپنىڭ مەيدانى تېخىمۇ چىڭىپ كەتتى.
   1982- يىلى 4- ئاينىڭ 2- كۈنى ئارگېنتىنا قوشۇنلىرىنىڭ مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، مالۋىناسنىڭ مەركىزى پورت-ستېنلىنى ئىشغال قىلىشى بىلەن ئۇرۇش باشلاندى. 4- ئاينىڭ 7- كۈنى ئارگېنتىنا مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىنى ئارگېنتىنانىڭ 24- ئۆلكىسى دەپ جاكارلىدى. 4- ئاينىڭ 2- كۈنى ئەنگلىيە ئارگېنتىنا بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزدى ھەمدە ئارگېنتىناغا قارىتا ئىقتىسادىي جازا تەدبىرلىرىنى قوللاندى ۋە تولۇق قورال-ياراغ ئىمبارگوسى يۈرگۈزدى. 4- ئاينىڭ 5- كۈنى ئەنگىلىيىنىڭ زور كۆلەمدىكى تېخون فلوتى مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا قاراپ ئاتلاندى. بۇ فلوت ئىككى ئاپتوماتكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 40 قا يېقىن كېمىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسى ھەربىي كۈچىنىڭ 3 تىن 2 قىسىمىنى ئىگىلەيتتى. 4- ئاينىڭ 12- كۈنى ئەنگلىيە مالۋىناس ئەتىراپىدىكى 200 دېڭىز مىلى دائىرسىنى «دېڭىز ئۈستى چەكلەنگەن رايونى» دەپ جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئارگېنتىنا ھەربىي پاراخوتلىرى ئەنگلىيە ئارمىيىسىنى دېڭىزدىكى قامال سېپىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە بۆسۈپ ئۆتۈپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا خادىملارنى، ئەشيالارنى توشۇشنى جىددىيلەشتۈردى. 4- ئاينىڭ 24- كۈنىگە قەدەر ئارگېنتىنانىڭ مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىدىكى قوشۇنلىرىنىڭ ئادەم سانى 10 مىڭغا يەتتى. 4- ئاينىڭ 24- كۈنى ئەنگلىيىنىڭ تېخۇن فلوتى مالۋىناس دېڭىز تەۋەلىكىگە يېتىپ كەلدى. 5- ئاينىڭ 1- كۈنى ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئايرۇپىلانلىرى، ھەربىي كېمىلىرى مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىنى نۆۋەت بىلەن بومباردىمان قىلدى، توپقا تۇتتى ھەمدە مالۋىناس ئارىلىدا قۇرۇقلۇققا چىقىشقا كۆپ قېتىم ئۇرۇندىيۇ، ئارگېنتىنا ئارمىيىسىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى. ئىككى تەرەپنىڭ دېڭىز، قۇرۇقلۇق ھاۋا ئارمىيىلىرى يەنە مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئەتىراپىدىكى دېڭىزدىمۇ شىددەتلىك جەڭ قىلدى. جەڭدە ئەڭ يېڭى تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ئىشلىتىلدى. 5- ئاينىڭ 21- كۈنى ئەنگلىيە ئارمىيىسى مالۋىناس ئارىلىدا قۇرۇقلۇققا چىققىنىدا، ئارگېنتىنا ئارمىيىسىنىڭ شىددەتلىك قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. 6- ئاينىڭ 12- كۈنى ئەنگلىيە ئارمىيىسى ئومۇمىي ھۇجۇمغا ئۆتتى. 14- كۈنى ئارگېنتىنا ئارمىيىسى تەسلىم بولدى. شۇ كۈنى ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلدى. ئەنگلىيە ئارمىيىسى مەزكۇر ئارالنى يېڭىۋاشتىن ئىشغال قىلدى، ئارگېنتىنا ئارمىيىسى چېكىنىپ چىقىپ كەتتى. بۇ ئۇرۇش ئەنگلىيە بىلەن ئارگېنتىنا ۋەزىيىتىگە، شۇنداقلا دۇنيا ۋەزىيىتىگە زور تەسىر كۆرسەتتى. ئۇرۇش مەغلۇبىيىتى ئارگېنتىنانىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى داۋالغۇتۇۋەتتى. كارتىل زۇڭتۇڭ ئىستىپا بەردى، بىر قىسىم گېنىراللارنىڭ ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلاندى. ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ غەلىبىسى گەرچە باش ۋەزىر ساچىر خانىمنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى ئورنىنى مۇستەھكەملىگەن بولسىمۇ، ئەنگلىيىنىڭ ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىنىڭ نەزىرىدىكى ئوبرازىغا نۇقسان يەتكۈزدى. ئۇرۇش مەزگىلىدە پۈتۈن دۇنيادا روشەن دەرىجىدە «جەنۇب بىلەن شىمال قارشىلىشىش» تەك ۋەزىيەت شەكىللەندى. ئامېرىكا بۇ ئۇرۇشتا ئەنگلىيىگە يان باسقانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت يامانلاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تىنچ ئوكياندىكى كۆلىمى ئەڭ زور بولغان بۇ قېتىمقى دېڭىز ھاۋا ئۇرۇشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاساسىي قورال قىلىنغان ستېرولۇق زامانىۋى دېڭىز، قۇرۇقلۇق، ھاۋا ئۇرۇشى سەۋىيىسىنى نامايەن قىلدى. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئەنگلىيە بىلەن ئارگېنتىنا ئوتتۇرسىدىكى مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقوقىنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى ئۈسىتىدىكى تالاش-تارتىش ھېلىغىچە ھەل بولماي كەلدى. 
 

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1242 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01