ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

ئىران-ئىراق ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 7 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


ئىككى تەرەپنى 50 مىليون دوللار زىيان تارتقۇزغان ئۇرۇش

 

ئىران-ئىراق ئۇرۇشى

  

   بۇ ئۇرۇش مۇشۇ ئەسىرنىڭ 80- يىللىرى ئىراق بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن زور كۆلەملىك ئۇرۇش.
   ئىراق بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى مۇرەككەپ زىددىيەتلەر ۋە توقۇنۇشلار بولۇپ كەلگەنىدى. بىرىنچىدىن، چېگرا تالاش-تارتىشى، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 204 كىلومېتىر كېلىدىغان ئەرەب دەرياسى بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرىسى ئىدى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بۇ دەريانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكى مەسىلىسى ئۈستىدە باشتىن ئاياغ ئىختىلاپ بولۇپ كەلگەنىدى. ئىككىنچىدىن، مىللىي زىددىيەت، ئىراقتىكى ئاساسىي مىللەت ئەرەبلەر بىلەن ئىراندىكى ئاساسىي مىللەت پارىسلار ئوتتۇرىسىدا تارىختا كۆپ قېتىم ئۇرۇش بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئىككى مىللەت بىر-بىرىگە چۇڭقۇر ئاداۋەت تۇتۇپ كەلگەنىدى. شۇنداقلا خورمۇز بوغۇزى ئەتىراپىدىكى ئۈچ ئارال-ئەبۇموسا، چوڭ تومبو ۋە كىچىك تومبولارنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى ئۈستىدە ئۈزۈلدۈرمەي تالاش-تارتىش قىلىپ كەلگەن بولۇپ، 1971- يىلى ئىران قوشۇنلىرى بۇ ئۈچ ئارالنى ئىشغال قىلىۋالغانىدى. ئىراننىڭ خۇززىستان ئۆلكىسىدىكى ئاھالىنىڭ %99 ى ئەرەبلەر بولۇپ، ئىراق ئۇزۇندىن بۇيان مەزكۇر رايۇندىكى ئەرەبلەرنىڭ ئاپتونومىيىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتىنى قوللاپ كەلدى. ئىككى دۆلەت بىر-بىرىدىكى كورتلارنىڭ ئۆز دۆلىتى ھۆكۈمىتى بىلەن قارشىلىشىشىنىمۇ قوللايتتى. ئۈچىنچىدىن، دېنىي ئىختىلاپ، ئىرانمۇ، ئىراقمۇ مۇسۇلمان دۆلەت. بىراق، ئىراقتا ھاكىمىيەت ئىسلام دىنىنىڭ سۈنئىي مەزھىپىدىكىلەرنىڭ قولىدا، ئىران ھاكىمىيىتى بولسا شىئە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ قولىدا ئىدى.
   1975- يىلى 3- ئايدا ئالجىرىيىنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرۈشى ئارقىسىدا ئىراق بىلەن ئىران ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئالجىر كېلىشىمنامىسىنى ئىمزالىدى. شەرتنامىدە ئىراق ئەرەب دېڭىزىنىڭ جەنۇبىي بۆلىكىدىكى 102 كىلومېتىرلىق مەركىزى لىنىيىنى ئىككى دۆلەتنىڭ سۇ ئۈستى چېگرىسى قىلىشقا، ئىران بولسا ئىراق كورتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلىرىنى قوللىماسلىققا قوشۇلدى. بىراق، 1979- يىلى 2- ئايدىن كېيىن ئىراق بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت يەنە كەسكىنلىشىپ كەتتى. 1980- يىلى 4- ئايدىن باشلاپ ئىران بىلەن ئىراق ئوتتۇرىسىدا پات-پات چېگرا توقۇنۇشى بولۇپ تۇردى. 1980- يىلى 9- ئاينىڭ 17- كۈنى ئىراق زۇڭتۇڭى سادام ئالجىر شەرتنامىسىنى بىكار قىلىپ، ئەرەب دەرياسىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋالغانلىقىنى جاكارلىدى. 9- ئاينىڭ 22- كۈنى ئىراق ئايروپىلانلىرى ئىراننى بومباردىمان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىراق-ئىراق ئۇرۇشى پارتلىدى.
   ئۇرۇشنىڭ دەسلىپىدە ئىراق ئومۇمىيۈزلۈك ھۇجۇم قىلىپ، 1980- يىلى 10- ئايغا قەدەر ئىراننىڭ ئون شەھىرى ۋە بازىرىنى ئىشغال قىلىپ، 20 مىڭ كۋادرات مېتىر زېمىنىنى ئۆز كونتروللىقىغا ئالدى. 1982- يىلى 4- ئايدىن باشلاپ ئىران ئومۇمىيۈزلۈك قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، 25 كۈن داۋاملاشقان مۇقەددەس شەھەر ئۇرۇشىدا غەلىبە قازىنىپ، غولامشەھەر قاتارلىق جايلارنى قايتۇرۇۋالدى. 6- ئايدا ئىراق ئارمىيىسى چېگرىغا چېكىنىپ باردى. 7- ئايدىن باشلاپ ئىران ئارمىيىسى ئىراق چېگرىسىغا كۆپ قېتىم بۆسۈپ كىرىپ ھۇجۇم قوزغىدى، ئەمما كۆپ ئىلگىرىلىيەلمىدى. 1987- يىلى 7- ئاينىڭ 20- كۈنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىراق بىلەن ئىراننىڭ ئۇرۇش توختىتىپ ئۇرۇش توختىتىپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى تەلەپ قىلىنغان، 598- نومۇرلۇق قارارىنى ماقۇللىدى، ئىراق 7- ئاينىڭ 22- كۈنى قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق، ئىران قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى. 1988- يىلى ئەتىيازدا ئىراق ئومۇمىيۈزلۈك قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، 1982- يىلى يىلدىن بۇيان ئىران تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغان بارلىق زېمىنىنى قايتۇرۇۋالدى. 1988- يىلى 7- ئاينىڭ 18- كۈنى ئىران 598- نومۇرلۇق قارارىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. 8- ئاينىڭ 18- كۈنى ئىران بىلەن ئىراق رەسمىي ئۇرۇش توختاتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۇرۇش ئاياغلاشتى.
   سەككىز يىل داۋاملاشقان ئىران-ئىراق ئۇرۇشىدا ئىككى تەرەپتىن تەخمىنەن 1 مىليون ئادەم ئۆلدى، تەخمىنەن 1 مىليون 700 مىڭ ئادەم يارىدار بولدى. بۇ ئۇرۇشتا ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغانلار سانى بۇ ئىككى دۆلەت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن %4.5 نى ئىگىلەيدۇ. ئۇرۇش مەزگىلىدە ئىران بىلەن ئىراقنىڭ ھەربىي خىراجەت چىقىمى ۋە ئىقتىسادىي زىيىنى 50 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتتى. بۇ ئۇرۇش ئىككى تەرەپنى زور زىيانغا ئۇچرىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ئېغىر دەرىجىدە توسالغۇ بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ئۇرۇش پارىس قولتۇقىنىڭ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ۋەزىيىتىگە زور تەسىر كۆرسەتتى.
 

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 7

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 2727 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01