ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

ئۆكتەبىر ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


 

يەڭگىلى بولماسلىق رىۋايىتىنىڭ بەربات بولۇشى

 

ئۆكتەبىر ئۇرۇشى

  

   ئۆكتەبىر ئۇرۇشى تۆتىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىنى، يەنى 1973- يىلى 10- ئايدا مىسىر ۋە سۈرىيە قوشۇنلىرى باشقا ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتنىڭ ماسلىشىشى ئارقىسىدا قوزغىغان ئىسرائىلىيىگە قايتۇرما زەربە بېرىش ئۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇرۇش پارتلىغان 10- ئاينىڭ 6- كۈنى يەھۇدىي دىنىنىڭ «گۇناھىنى يۇيۇش كۈنى» گە، ئۇرۇش مەزگىلى ئىسلام دىنىنىڭ «رامىزان ئېيىن» غا توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ ئۇرۇش يەنە «گۇناھىنى يۇيۇش كۈنىدىكى ئۇرۇش» ياكى «رامىزان ئۇرۇشى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
   ئالتە كۈنلۈك ئۇرۇشتىن كېيىن، ئىسرائىلىيە ئۆزى ئىشغال قىلىۋالغان ئەرەب ئەللىرى زېمىنىنى بېسىپ يېتىشتا چىڭ تۇرۇۋالغاچقا، ئەرەب-ئىسرائىلىيە ئارىسىدا ئۇزۇن مۇددەت «يا ئۇرۇشماسلىق، يا ياراشماسلىق» تەك ۋەزىيەت شەكىللەندى. بۇنداق ۋەزىيەتتە مىسىر ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بېرىۋاتقان زور ھەربىي خىراجەت چىقىمىنى كۆتۈرەلمەي قالدى. سىياسىي جەھەتتە بولسا ئىچكى زىددىيەت ئۇلغىيىپ كەتتى. 1970- يىلى ۋەزىپىگە ئولتۇرغان مىسىر زۇڭتۇڭى سادات چەكلىك ئۇرۇش قىلىش، ئۇرۇش ئارقىلىق ئىسرائىلىيىنى سۈلھى قىلىشقا مەجبۇرلاش ئىستىراتېگىيىلىك ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 1973-يىلىنىڭ بېشىدا مىسىر بىلەن سۈرىيە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ توسۇشلىرىغا قۇلاق سالماي ئىسرائىلىيىگە ئورتاق زەربە بېرىش ئۇرۇشى قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە مەخپى مەسلىھەتلىشىپ، مىسىر سۈرىيە ھەربىي بىرلەشمە كومىسىيىسى قۇرۇپ، ئۇرۇش پىلانىنى تۈزدى ھەمدە نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ پائال قوللىشىغا ئېرىشتى.
   ئەستايىدىل تەييارلىق كۆرۈش ئارقىلىق، 1973- يىلى 10- ئاينىڭ 6- كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دىن 5 مىنۇت مىسىر ۋە سۈرىيە قوشۇنلىرى ئىسرائىلىيىگە بىرلا ۋاقىتتا ھۇجۇم قىلدى. ئۇرۇشنىڭ دەسلىپىدە مىسىر قوشۇنلىرى تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ئۇسۇلىدا سۇۋەيىش قانىلىدىن ئۆتۈپ، ئىسرائىلىيىنىڭ «يىمىرىلمەس» پەلىف مۇداپىئە سېپىنى بىرلا ھۇجۇمدا بۆسۈپ ئۆتۈپ، سىناي رايونىغا كېڭىيىپ ۋە ئىلگىرىلەپ ھۇجۇم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سۈرىيە ئارمىيىسىمۇ ئىراق، ئىئوردانىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئارمىيىلىرىنىڭ ماسلىشىشى ئارقىسىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ مۇداپىئە سېپىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، گولان ئېگىزلىكىنىڭ كۆپ قىسىمىنى قايتۇرۇۋالدى. پەلەستىن پارتىزانلىرى بولسا ئىشغالىيەت رايۇنلىرىدا تىنماي ھۇجۇم قىلىپ، دۈشمەننىڭ ئەسكىرى كۈچىنى تۇتۇپ تۇردى. نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەرەب دۆلەتلىرى بولسا ئىسرائىلىيە ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا نېفىت ئىمبارگوسى يۈرگۈزدى. ئىسرائىلىيە ھەربىي جەھەتتىلا ئېغىر چىقىم تارتىپ قالماستىن، سىياسىي جەھەتتىمۇ قىيىنچىلىققا پېتىپ قالدى. ۋەھالەنكى، مىسىر-سۈرىيە قوشۇنلىرى «چەكلىك ئۇرۇش ئارقىلىق ئىسرائىلىيىنى سۈلھى قىلىشقا مەجبۇرلاش» تەك ئىستىراتېگىيىلىك ئىدىيىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن ئۇرۇش نەتىجىلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا كېڭەيتىلمىدى، ئەكسىچە ھۇجۇمنى توختىتىپ، ئىسرائىلىيىگە پۇرسەت تۇغدۇرۇپ بەردى. 10- ئاينىڭ 9- كۈنىدىن باشلاپ ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى مىسىر-سۈرىيە قوشۇنلىرىغا قايتۇرما ھۇجۇم قىلدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى ئالدى بىلەن زور ئەسكىرىي كۈچ توپلاپ، شىمالىي سەپتە سۈرىيە ئارمىيىسىنىڭ ئىستىھكاملىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، گولاند ئېگىزلىكىنى ۋە مۇھىم بازا كونايتىللانى ئىشغال قىلىپ، دەمەشىققە يول ئاچتى. ئاندىن ئامېرىكىدىن زور مىقداردا ھەربىي قورال-ياراغ تەمىناتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، پۈتۈن كۈچىنى توپلاپ، مىسىر قوشۇنىغا تاقابىل تۇردى. 10- ئاينىڭ 16- كۈنى ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرى سۇۋەيىش قانىلىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈپ، مىسىر ئارمىيىسىنىڭ ئارقا سېپىگە كىرىۋېلىپ، مىسىر ئارمىيىسىنىڭ تەمىنات لىنىيىسىنى ئۈزۈپ تاشلىدى ۋە قاھىرىگە بىۋاستە تەھدىت سالدى. 10- ئاينىڭ 22- كۈنى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھەر كىم ئۆز جايىدىلا ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدىكى 338- نومۇرلۇق قارارىنى ماقۇللىدى. مىسىر بىلەن سۈرىيە ئۇرۇش توختىتىش تەلىپىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا قوبۇل قىلدى. 22- كۈنى ئىسرائىلىيىمۇ قوبۇل قىلدى. ئۇرۇش شۇنىڭ بىلەن ئاياغلاشتى.
   ئۇرۇش نەتىجىسىدە مىسىر سىناي يېرىم ئارىلىدىكى 3000 كۋادرات مېتىر زېمىنىنى قايتۇرۇۋالدى، ئىسرائىلىيە بولسا قانالنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى 1900 كۋادرات مېتىر زېمىنىنى ئىشغال قىلىۋالدى. سۈرىيە گولاند ئېگىزلىكىنى قايتۇرۇۋېلىپ، يەنە تاتتۇرۇپ قويغاندىن باشقا، يەنە 770 كۋادرات مېتىر زېمىنىدىن مەھرۇم بولدى. ھالبۇكى، ئۆكتەبىر ئۇرۇشى ئىسرائىلىيە «يېڭىلمەستۇر» دېگەن رىۋايەتنى يىمىرىپ تاشلاپ، شۇنىڭدىن كېيىنكى ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىق ئۈستىدە سۆھبەتلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن شەرت-شارائىت ھازىرلاندى.
 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1138 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01