ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

ئامېرىكا تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ۋېتنام ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


 

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى تاجاۋۇزچىلىققا قارشى
ئەڭ ئۇزاق داۋاملاشقان ئۇرۇش

 

ئامېرىكا تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ۋېتنام ئۇرۇشى

  

   بۇ ۋېتنام خەلقىنىڭ ئامېرىكا تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى بولۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ شىددەتلىك، ئەڭ ئۇزاق داۋاملاشقان ئۇرۇشلارنىڭ بىرى.
   1954- يىلى 7- ئايدا ھىندىچىندا تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى جەنۋە كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن كېيىن، فرانسىيە ئارمىيىسى ۋېتنامدىن چېكىنىپ چىقتى.ھالبۇكى، ئامېرىكا ھىندىچىننى ئۆزىنىڭ يېڭى مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇش ۋە ئاسىيا ئەللىرىگە تاجاۋۇز قىلىدىغان بازىسى قىلىۋېلىش ئۈچۈن، ۋېتنامنىڭ ئىشلىرىغا چات كېرىشكە باشلىدى. 1955- يىلى 10- ئايدا ئامېرىكا ۋۇتىڭيەن گۇرۇھىنى يۈلەپ فرانسىيە پەرەس پادىشاھ باۋتەينى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ۋېتنامدا ۋۇتىڭيەن باشچىلىقىدىكى ئامېرىكا پەرەس ھاكىمىيەتنى ئورنىتىپ، دېمۇكراتىك ۋەتەنپەرۋەر كۈچلەرنى دەھشەتلىك باستۇرۇشقا قۇتراتتى. شۇنىڭ بىلەن ۋېتنام خەلقى قولىغا يېڭىۋاشتىن قورال ئېلىپ، كۈرەشنى قانات يايدۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. 1960- يىلى 12- ئايدا جەنۇبىي ۋېتنام مىللىي ئازادلىق فرونتى قۇرۇلدى، ئارقىدىنلا يەنە بىرلىككە كەلگەن جەنۇبىي ۋېتنام خەلق ئازادلىق قوراللىق قوشۇنى قۇرۇلدى. 1961- يىلى 1- ئايدا يېڭىلا تەختكە چىققان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى كېننىدى غۇلاپ چۈشۈشكە ئاز قالغان ۋۇتىڭيەن گۇرۇھىنىڭ ئەكسيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە قورال-ياراغ چىقارغان ۋە بىۋاستە قۇماندانلىق قىلغان «ئالاھىدە ئۇرۇش» نى قوزغاپ، ۋېتنام خەلقىنىڭ قوراللىق كۈرىشىنى باستۇردى. ۋېتنام خەلقى قوراللىق كۈچلىرى جانلىق ئىسىتىراتېگىيىلىك تاكتىكا قوللىنىپ، دۈشمەننىڭ «ئومۇمىيۈزلۈك ھۇجۇم» لىرىنى ۋە «نۇقتىلىق تازىلاش» لىرىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلدى. ئامېرىكا ۋېتنامنى يەنىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش ئۈچۈن 1963- يىلى 11- ئايدا سىياسىي ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. سىياسىي ئۆزگىرىشتە ۋۇتىڭيەن ئۆلتۈرۈلدى، ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ۋېتنام ھاكىمىيىتى كۆپ قېتىم ئالماشتۇرۇلدى ۋە ئۆزگەرتىپ تەشكىللەندى.
   ئامېرىكا ۋېتنامدا يۈرگۈزگەن «ئالاھىدە ئۇرۇش» ئىستىراتېگىيىسى ئۈنۈم بەرمىگەندىن كېيىن، ئۇرۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى قارار قىلدى. 1964- يىلى 8- ئايدا ئامېرىكا «بېيبۇۋەن قولتۇقى ۋەقەسى» نى باھانە قىلىپ شىمالىي ۋېتنامنى بومباردىمان قىلىشقا باشلىدى. 1965- يىلى 3- ئايدا ئامېرىكىنىڭ زور بىر تۈركۈمدىكى دېڭىز ئارمىيە قوشۇنلىرى شيەنگاڭ پورتىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، ۋېتنامغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىغا بىۋاستە قاتناشتى. بۇنىڭ بىلەن تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى «ئالاھىدە ئۇرۇش» تىن «قىسمەن ئۇرۇش» دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى. ۋېتنام خەلقىمۇ ئامېرىكا تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئۇرۇشىنى ئومۇمىيۈزلۈك قانات يايدۇردى. 1968- يىلى1- ئاينىڭ 31- كۈنىدىن باشلاپ جەنۇبىي ۋېتنامدىكى ئارمىيە ۋە خەلق ئەتىيازلىق ھۇجۇمىنى قوزغىدى. 45 كۈن داۋام قىلغان بۇ ھۇجۇمدا دۈشمەننىڭ 150 مىڭ ئادىمى يوقىتىلدى. ئامېرىكىنىڭ «قىسمەن ئۇرۇش»ئىستىراتېگىيىسىمۇ مەغلۇپ بولدى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى كۈنسايىن ئەۋج ئالدى. قېيىن ئەھۋالدا قالغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 1968- يىلى 3- ئايدا شىمالىي ۋېتنامنى بومباردىمان قىلىشنى توختاتقانلىقىنى جاكارلاشقا مەجبۇر بولدى. 5- ئايدا ئامېرىكا بىلەن ۋېتنام دېمۇكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىككى تەرەپ سۆھبىتى پارىژدا ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىدى. 1969- يىلى جەنۇبىي ۋېتنام قوراللىق كۈچلىرى 5 تىن 4 قىسىم زېمىنىنى ۋە 4 تىن ئۈچ قىسىم ئاھالىنى ئازاد قىلدى، شۇ يىلى 6- ئايدا جەنۇبىي ۋېتنام جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى. پارىژدىكى ۋېتنام بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىككى تەرەپ سۆھبىتى كېڭىيىپ، ۋېتنام مىللىي ئازادلىق فرونتى ۋە سايگۇن رۇەن ۋېنشاۋ ھاكىمىيىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت تەرەپ سۆھبىتىگە ئۆزگەردى. 1969- يىلى 6- ئايدا ئامېرىكا نىكسون ھۆكۈمىتى «ئۇرۇشنى ۋېتناملاشتۇرۇش» سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشكە باشلىدى. 1973- يىلى 1- ئايدا ئامېرىكا ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرۇپ، ۋېتنامدا تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەزمۇنىدىكى پارىژ كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇپ، قوشۇنلىرىنى جەنۇبىي ۋېتنامدىن چېكىندۈرۈپ چىقىپ كەتتى. 1975- يىلى 3- ئاينىڭ بېشىدا جەنۇبىي ۋېتنامدىكى ئارمىيە ۋە خەلق رۇەن ۋېنشاۋ گۇرۇھىغا قارشى ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغاپ، 4- ئاينىڭ 30- كۈنى سايگۇەننى ئازاد قىلدى. 5- ئاينىڭ1- كۈنى جەنۇبىي ۋېتنام تولۇق ئازاد بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئۇرۇشى غەلىبىلىك ئاخىرىلاشتى. 1976- يىلى 6- ئاينىڭ 24- كۈنىدىن 7- ئاينىڭ 3- كۈنىگىچە خانويدا چاقىرىلغان بىرلىككە كەلگەن دۆلەت مەجلىس يىغىنىدا جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكى رەسمىي جاكارلاندى.
   بۇ ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسى ئاجىز، كىچىك دۆلەتلەرنىڭ چوڭ دۆلەتنىڭ تاجاۋۇزى ئۈستىدىن غەلىبە قازانغانلىقىنىڭ يەنە بىر شانلىق ئۈلگىسى بولۇپ، ئاسىيا، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئېزىلگۈچى مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئازادلىق كۈرىشىگە زور ئىلھام بولدى. ئامېرىكا بۇ ئۇرۇش جەريانىدا 138 مىليارد 900 مىليون دوللار سەرپ قىلدى. ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ 56 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمى جەڭدە قازا قىلدى. 300 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمى يارىدار بولدى. ئامېرىكىنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ئامېرىكا تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن كۆلەمگە يېتىپ، ئامېرىكىنى ئېغىر سىياسىي، ئىقتىسادىي بوھرانغا دۇچار قىلدى.
 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1415 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01