ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

سۇۋەيش قانىلى ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


قانالدىكى ھەيۋەتلىك دولقۇن

 

سۇۋەيش قانىلى ئۇرۇشى

  

   سۇۋەيش قانىلى ئۇرۇشى ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ مىسىرغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئۇرۇش ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە ئۆز مۇستەملىكلىرىدىكى مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئىسرائىلىيە بىلەن بىرلىشىپ مىسىرغا قوزغىغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى، يەنى ئىككىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
   1952- يىلى مىسىردا ئىيۇل ئىنقىلابىي ئىيۇل ئىنقىلابىي يۈز بېرىپ، فېئودال فەرۇق سۇلالىسى ئاغدۇرۇپ تاشلاندى. 1953- يىلى 6- ئاينىڭ 18- كۈنى مىسىر جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. 1956- يىلى 6- ئايدا ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلەر قوشۇنى مىسىردىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقتى، بۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ 74 يىللىق ئىشغالىيەت تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى. بىراق، مىسرنىڭ ئىقىتىسادىي جان تومۇرىنى كونترول قىلىدىغان سۇۋەيىش قانىلى شىركىتى يەنىلا ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ چاڭگىلىدا ئىدى. 1956- يىلى 7- ئاينىڭ 26- كۈنى مىسىر زۇڭتۇڭى ناسىر سۇۋەيش قانىلىنى دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈردى. ۋە قانالدىكى سۇ يولىنى مىسىرنىڭ باشقۇرىدىغانلىقىنى، قانال شىركىتىنىڭ كىرىمى بىلەن ئاسۋان توسمىسى ياسايدىغانلىقىنى جاكارلىدى، ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ قارشىلىشىپ بېقىپمۇ ئاقتۇرالمىغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە بىلەن مەخپى پېلان تۈزۈپ، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىسرائىلىيە بىرلىشىپ مىسىرغا تاجاۋۇز قىلىش كېلىشىمىنى ھاسىل قىلىپ، تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى باشلىدى.
   1956- يىلى 10- ئاينىڭ 19- كۈنى ئىسرائىلىيىنىڭ 45 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى تۆت يولغا بۆلۈنۈپ مىسىرغا ۋە سىناي يېرىم ئارىلىغا بېسىپ كىرىپ، مىسىر قوشۇنلىرى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلدى. 10- ئاينىڭ 30- كۈنى ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە «سۇۋەيش قانىلىنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكىنى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداش نامىدا مىسىر ۋە ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئۇرۇش توختىتىپ ئارىغا چېكىنىپ، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە قوشۇنلىرىنىڭ ۋاقتىنچە قانال بويلىرىدا تۇرۇشىغا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلىپ، مىسىر بىلەن ئىسرائىلىيىگە ئۇلتىماتۇم ئەۋەتتى. مىسىر بىلە ئىسرائىلىيە بۇ تەلەپنى رەت قىلدى. 10- ئاينىڭ 31- كۈنى ئەنگلىيە، فرانسىيە قوشۇنلىرى مىسىرغا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى، ئۇلارنىڭ دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيىلىرى قاھىرە، ئىسكەندەرىيە، پورت-سەئىد، سۇۋەيش قاتارلىق شەھەرلىرىنى قاتتىق بومباردىمان قىلدى. زۇڭتۇڭ ناسىر ئەنگلىيە، فرانسىيە ئارمىيىلىرىنىڭ سىناي يېرىم ئارىلىدا مىسىر ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچىنى يوقىتىش غەرىزىدە بولۇۋاتقانلىقىنى بايقىغاندىن كىيىن، قوشۇنلىرىنى دەرھال سىناي ئارىلىدىن چېكىندۈرۈپ، قانال رايونىغا يۆتكەپ، ئەسكىرىي كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەنگلىيە، فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا زەربە بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېمىلەرنى سۇغا چۆكتۈرۈش يولى بىلەن قانالنى قامال قىلىپ، ئەنگلىيە-فرانسىيە ھەربىي كېمىلىرىنىڭ قامالدىن ئۆتۈشىنى توستى. 11- ئاينىڭ 6- كۈنى ئەنگلىيە، فرانسىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ 22 مىڭ كىشىلىك دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قوشۇنى پورت-سەئد ئەتىراپىدا قۇرۇقلۇققا چىقتى. مىسىردىكى ئارمىيە ۋە خەلق پورت-سەئدنى قوغداش ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرۇپ،80 مىڭ كىشىلىك ئەنگلىيە، فرانسىيە دېڭىز قۇرۇقلۇق، ھاۋا ئارمىيىلىرىنىڭ ھۇجۇمىنى چېكىندۈردى.
   ئۇرۇش مەزگىلىدە ئەرەب ئەللىرى خەلقى مىسىر خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچىلارغا قارشى كۈرىشىنى قوللاش بويىچە قىزغىن دولقۇن قوزغىدى. ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە خەلقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن دۇنيا خەلقىمۇ ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىسرائىلىيە تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، مىسىر خەلقىنىڭ ھەققانىي كۈرىشىگە تۈرلۈك شەكىلدە مەدەت بەردى. ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە ھەربىي جەھەتتە قاقشاتقۇچ زەربىگە ئۇچرىدى. سىياسىي جەھەتتە مىسلىسىز دەرىجىدە يېتىم قالدى. ئىقتىسادىي جەھەتتىمۇ كۈنسايىن مۈشكىلات ئىچىدە قالدى. ئىچكى جەھەتتە ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى تېز سۈرئەتتە يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. 11- ئاينىڭ 6- كۈنى ئىچكى، تاشقى قىيىنچىلىققا بوغۇلۇپ قالغان ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن فرانسىيە ھۆكۈمىتى ب د ت نىڭ دەرھال ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدىكى قارارىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولدى. 7- كۈنى ب د ت نىڭ جىددىي ئومۇمىي يىغىنى ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىغا قويغان ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرىنىڭ مىسىردىن چېكىنىپ چىقىشىنى تەلەپ قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھىسىنى ماقۇللىدى. 12- ئاينىڭ 22- كۈنى ياپونىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە قوشۇنلىرى مىسىردىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقتى. ئىككىنچى يىلى 3- ئاينىڭ 8- كۈنى ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرى غازا رايونىدىن ۋە ئاقابا قولتۇقى ئەتىراپىدىكى رايونىدىن چېكىنىپ چىقتى.
   شۇنداق قىلىپ، مىسىر خەلقى چەت ئەللەرنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش كۈرىشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى. سۇۋەيىش قانىلى ئۇرۇشىنىڭ ئاياغلاشقانلىقى ئەنگلىيە، فرانسىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ يېمىرىلگەنلىكىدىن دېرەك بەردى. بىراق، ئامېرىكا بىلەن سۇۋەيىش ئىتتىپاقى ئوتتۇرا شەرق رايونىدا كەسكىن كۈچ سىنىشىشىقا باشلاپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى زىددىيەت تىخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتتى. بۇ رايوننىڭ ۋەزىيىتى داۋاملىق تۈردە داۋالغۇپ تۇردى.
 

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1045 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01