ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

چاۋشيەننىڭ ۋەتەننى ئازاد قىلىش ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


 

ئىسسىق قان بىلەن يۇغۇرۇلغان جۇڭگو-چاۋشىيەن دوستلۇقى

 

چاۋشيەننىڭ ۋەتەننى ئازاد قىلىش ئۇرۇشى

 

   بۇ چاۋشيەن خەلقىنىڭ ئامېرىكا تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە بىرلىكىنى قوغداش يولىدا ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى.
   1945- يىلى 8- ئايدا ياپونىيە تەسلىم بولۇش ھارپىسىدا، ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى كېڭىشىش ئارقىلىق، شىمالىي كەڭلىكى 38 گرادۇس سىزىقىنى چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ياپونىيە قوشۇنىنىڭ تەسلىمىنى ئىككى دۆلەت ئايرىم-ئايرىم قوبۇل قىلىدىغان پاسىل سىزىقى قىلىپ بېكىتتى. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىلىرى شۇ يىلى 9- ئاينىڭ 8- كۈنى  ۋە 9- ئاينىڭ 15- كۈنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھالدا 38 گرادۇس سىزىقىنىڭ جەنۇبىغا ۋە شىمالىغا كىردى. 1948- يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە 1949- يىلى 6- ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى قوشۇنلىرى بىلەن ئامېرىكا قوشۇنلىرى چاۋشيەننىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا چېكىنىپ قىلىپ كەتتى. 1948- يىلى 8- ئاينىڭ 15- كۈنى ئامېرىكا يۈلەپ تۇرغۇزغان لى سىنمان گۇرۇھى چاۋشيەننىڭ جەنۇبىي قىسىمىدا «بۈيۈك كورىيە دۆلىتى قۇردى» نى قۇردى. 9- ئاينىڭ 9- كۈنى كىم ئېرسىن رەئىسلىكىدىكى چاۋشيەن دېمۇكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى چاۋشيەننىڭ شىمالىدا قۇرۇلدى. بۇنىڭ بىلەن چاۋشيەندە جەنۇب بىلەن شىمال بۆلۈنۈپ تۇرۇشتەك ۋەزىيەت شەكىللەندى. 1949- يىلى جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ تولۇق غەلىبىگە ئېرىشىشى، ئاسىيادا ئۆزىنىڭ خوجايىنلىق ھوقوقىنى تىكلەش غەرىزىدە بولۇپ كەلگەن ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە كۈچلۈك زەربە بولدى. ئامېرىكا ئۆزىنىڭ يېراق شەرقتىكى مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمەي، تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغاشقا پائال تەييارلىق كۆردى.
   1950- يىلى 6- ئاينىڭ 25- كۈنى چاۋشيەن ئۇرۇشى پارتلىدى. شۇ كۈنى ئامېرىكا ب د ت يىغىنىغا سوۋېت ئىتتىپاقى قاتناشمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى كونترول قىلىۋېلىپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە چاۋشيەن دېمۇكراتىك جۇمھۇرىيىتىنى «تاجاۋۇزچى» دەپ ئاتاپ قارار ماقۇللاتقۇزدى. 6- ئاينىڭ 27- كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تروممىن بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ جەنۇبىي چاۋشيەن ئارمىيىسىگە «ياردەم» بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ 7- ئىسكادراسىغا تەيۋەن بوغۇزىغا كىرىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. 7- ئاينىڭ 7- كۈنى ئامېرىكا قاتارلىق 15 دۆلەت ئارمىيىسىدىن «بىرلەشكەن دۆلەتلەر قوشۇنى» تەشكىللەندى. ماك ئارتور بۇ قوشۇنغا باش قوماندان بولدى. چاۋشيەننىڭ ئىچكى ئۇرۇشى شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىغا ئايلىنىپ كەتتى. ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە چاۋشيەن خەلق ئارمىيىسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ 6- ئاينىڭ 28- كۈنى سېئولنى ئالدى. 8- ئاينىڭ باشلىرىغىچە جەنۇبىي چاۋشيەننىڭ %90 تىن ئارتۇقراق قىسىمىنى ۋە ئاھالىسىنى ئازاد قىلىپ بولدى. لى سىنمان ئارمىيىسى جىنشەن تېغىغىچە چېكىنىپ باردى. 9- ئاينىڭ 15- كۈنى ئامېرىكا 40 مىڭ كىشىلىكتىن ئارتۇق قۇرۇقلۇق قوشۇنى ۋە 300 دىن ئارتۇق ھەربىي كېمە، 500 دىن ئارتۇق ئايرۇپىلان توپلاپ، چاۋشيەننىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى رېنچۈەندە قۇرۇقلۇققا چىقاردى. چاۋشيەن خەلق ئارمىيىسى شىمالغا چېكىندى. 9- ئاينىڭ 30- كۈنى ئامېرىكا قوشۇنلىرى سىئولنى ئىشغال قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا ئارمىيىسى جۇڭگونىڭ تەكلىپى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشىغا پىسەنت قىلماي، 38 گرادۇس سىزىقىدىن ئۆتۈپ، زور كۆلەمدە شىمالىي چاۋشيەنگە ئاتلىنىپ، ئۇرۇش ئوتىنى جۇڭگو-چاۋشيەن چېگرىسىدىكى يالۇجىياڭ دەرياسى ۋە تۇمىنجياڭ دەرياسى بويلىرىغىچە تۇتاشتۇردى. 1950- يىلى 10- ئاينىڭ 25- كۈنى پېڭ دېدېخۇي قوماندانلىقىدىكى جۇڭگو خەلق پىدائىلىرى قوشۇنى يالوجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، چاۋشيەن خەلق ئارمىيىسى بىلەن بىرلىكتە مۈرىنى مۈرىگە تېرەپ جەڭ قىلدى. 1950- يىلى 10- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 1951- يىلى 5- ئاينىڭ 21- كۈنىگىچە چاۋشيەن-جۇڭگو قوشۇنلىرى ئۇدا بەش قېتىم زور كۆلەملىك جەڭ قىلىپ، تاجاۋۇزچىلار قوشۇنىنى 38 گىرادۇس سىزىقىنىڭ يېنىغىچە قوغلاپ ئاپاردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇرۇش سېپى 38 گىرادۇس سىزىقىنىڭ يېنىغا مۇقىملاشتى. 1951- يىلى 7- ئايدا ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىگە كىرىشتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىككى تەرەپ ئىككى يىل جەڭ قىلغاچ سۆھبەت ئۆتكۈزدى، 1953- يىلى 7- ئاينىڭ 27- كۈنى چاۋشيەندە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئاخىر ئىمزالاندى.
   ئۈچ يىل داۋاملاشقان بۇ ئۇرۇش ئامېرىكىنى «يەڭگىلى بولمايدۇ» دەيدىغان ئەپسانىنى يوققا چىقىرىپ، دۇنيادىكى ئېزىلگۈچى خەلقنىڭ ئازادلىق كۈرىشىگە زور دەرىجىدە ئىلھام بەردى ۋە تۈرتكە بولدى.
 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1242 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01