ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

ھىندىچىننىڭ فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


 

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا خەلقىنىڭ تىز پۈكمەي
كۈرەش قىلىشى

ھىندىچىننىڭ فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى

   بۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ۋېتنام، لائوس، كامبودژا خەلقىنىڭ فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى.
   1945- يىلى 8- ئايدا ياپونىيە شەرتسىز تەسلىم بولغاندىن  كېيىن، ۋېتنامدا ھىندىچىننى كوممونىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئاۋغۇست ئىنقىلابى پارتلاپ، خانۇي، شۈنخۇا ۋە سايگون قاتارلىق شەھەرلەر قايتۇرۇۋېلىندى. 9- ئاينىڭ 2- كۈنى خۇجىمېڭ رەئىسلىكىدىكى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ۋېتنام دېمۇكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەمدە فرانسىيە بىلەن بولغان مۇستەملىككە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى. شۇنىڭ بىر ۋاقىتتا كامبودژا لائوسنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىمۇ كۈنسايىن ئەۋج ئالدى. 10- ئايدا لائوس مۇستەقىللىق جاكارلىدى. بىراق، فرانسىيە ئۆزىنىڭ ھىندىچىندىكى مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىدىن ۋاز كېچەلمىدى. فرانسىيە ھۆكۈمىتى ۋېتنامنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلمىدى. فرانسىيە ئارمىيىسى 1945- يىلى 9- ئاينىڭ 23- كۈنى ئامېرىكىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا سايگۇننى ئىشغال قىلىپ مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقى ئاپپاراتى تەسىس قىلدى، ۋېتنام خەلقى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن فرانسىيە مۇستەملىكچىلىرىگە قارشى مۈشكۈل ئۇرۇشنى قانات يايدۇردى. فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرى ۋېتنام خەلقىنىڭ قەتئىي قارشىلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا 1946- يىلى 2- ئايدا ۋېتنام دېمۇكراتىك جۇمھۇرىيىتى بىلەن سۆھبەتلىشىشكە مەجبۇر بولدى. ئىككى تەرەپ 3- ئاينىڭ 6- كۈنى فرانسىيە-ۋېتنام دەسلەپكى كېلىشىمىنى ئىمزالىدى. كېلىشىمگە ئاساسەن ، فرانسىيە ۋېتنامنىڭ ئەركىن دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. ۋېتنام فرانسىيە ئىتتىپاقىغا كىرىشكە ماقۇل بولدى. بىراق، فرانسىيىنىڭ بۇ ھەرىكىتى پەقەتلا ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش تاكتىكىسى ئىدى. 11- ئاينىڭ 19- كۈنى ئۇرۇش تەييارلىقىنى پۈتكۈزۈۋالغان فرانسىيە كېلىشىمنامىنى ئوچۇق-ئاشكارە يىرتىپ تاشلاپ، خەيفاڭ بىلەن لياڭشەننى بېسىۋالدى. 12- ئاينىڭ 19- كۈنى يەنە خانويغا ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، فرانسىيە ئارمىيىسى 10- ئايدا كامبودژىنى بېسىۋالدى. يىل ئاخىرىدا لائوسقا بېسىپ كىردى. شۇنىڭ بىلەن ھىندىچىندىكى ئۈچ دۆلەت خەلقى مىللىي مۇستەقىللىقنى قوغداش يولىدا فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشىنى ئومۇمىيۈزلۈك قانات يايدۇردى.
   ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ۋېتنامدىكى ئارمىيە ۋە خەلق مۇداپىئە كۆرۈش ۋە پارتىزانلىق ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ بىرلا ھۇجۇم بىلەن ۋېتنامنى بويسۇندۇرۇشتەك ئىستىراتېگىيىسىنى بەربات قىلدى. 1947- يىلى 10- ئايدا ۋېتنامدىكى ئارمىيە ۋە خەلق 30 مىڭ كىشىلىكتىن ئارتۇق فرانسىيە تاجاۋۇزچىلار قوشۇنىنىڭ شىمالىي ۋېتنام رايونىدىكى فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى بازىنىڭ مەركىزىگە قاراتقان زور كۆلەملىك ھۇجۇمىنى غەلىبىلىك چېكىندۈردى ھەمدە داشى، يىگۇاڭلارنى ئىشغال قىلىپ، خانوينىڭ يېقىن شەھەر رايونىغىچە ھۇجۇم قىلىپ باردى. جەڭ مەيدانىدا غەلىبە قازىنالمايدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەن فرانسىيە ۋېتنامنى پارچىلاش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئۆز قورچىقىنى يۈلەپ تۇرۇغۇزۇش ۋاستىسىنى قوللاندى. 1949- يىلى 6- ئاينىڭ 15- كۈنى باۋدا فرانسىيە ئىشغالىيىتىدىكى سايگوندا قورچاق پادىشاھ بولدى. 1949- يىلى جۇڭگو ئىنقىلابى غەلىبە قازىنىپ، ۋېتنام خەلقىنىڭ فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كۈرىشى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق شارائىت ھازىرىلاندى. 1950- يىلى 9- ئايدا ۋېتنام خەلق ئارمىيىسى چېگرا ئۇرۇشى قوزغاپ، فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرىنى ئېغىر چىقىمدار قىلىپ، ئۇزۇنلۇقى 750 كىلومېتىر كېلىدىغان جۇڭگو-ۋېتنام چېگرىسىنى ئېچىپ، شىمالىي ۋېتنام ئۇرۇش مەيدانىدا ئىستىراتېگىيىلىك تەشەببۇسكارلىق ھوقوقىنى تىكلىدى. 1951- يىلى 3- ئايدا ھىندىچىندىكى ئۈچ دۆلەت ئىتتىپاق يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۈچ دۆلەت خەلقىنىڭ فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى بىرلىكسېپىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى. 1954- يىلى 3- ئايدا ۋېتنام خەلقى ئارمىيىسى جۇڭگو خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا مەشھۇر ديەنبيەنفۇنى ئازاد قىلدى. بۇ ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى پۈتكۈل ھىندىچىندىكى فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، فرانسىيە ھۆكۈمىتىنى شۇ يىلى 7- ئاينىڭ 21- كۈنى جەنۋە كېلىشىمىنى ئىمزالاپ، ۋېتنام، لائوس، كامبودژالارنىڭ ئىگىلىك ھوقوقىغا، مۇستەقىللىق، بىرلىكىگە، زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ھىندىچىنا تىنىچلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كاپالەت بېرىشكە مەجبۇر بولدى.
   ھىندىچىننىڭ فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىنكى دەسلەپكى مەزگىلىدە ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسىمى، ھىندىچىنى خەلقى باتۇرلۇق بىلەن تىز پۈكمەي قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بۇ ئۈچ دۆلەتتىكى مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىغا ئاخىر خاتىمە بەردى.
 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 811 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01