ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

پەلەستىن ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


بىرىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى

 

پەلەستىن ئۇرۇشى

  

   بۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەب ئەللىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن بىرىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى.
   1947- يىلى 11- ئاينىڭ 29- كۈنى ب د ت ئومۇمىي يىغىنى پەلەستىننى 15 مىڭ كۋادىرات مېتىردىن ئارتۇق كۆلەمدىكى يەھۇدىيلار دۆلىتى ۋە 11 مىڭ كۋادىرات مېتىر كۆلەمدىكى ئەرەب دۆلىتىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت قىلىپ ئايرىش؛ ئىروسالىمنى ب د ت تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان مۇستەقىل گەۋدە قىلىش توغرىسىدىكى پەلەستىننى بۆلۈپ ئىدارە قىلىش قارارىنى ماقۇللىدى. پەلەستىندىكى ئەرەبلەر ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى بۇ قارارنى رەت قىلدى. 1948- يىلى 5- ئاينىڭ 14- كۈنى مەزكۇر قارارغا ئاساسەن ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلدى. ئامېرىكا بۇ دۆلەتنى دەرھال ئېتىراپ قىلدى. بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەبلەنگەن ئەرەب دۆلەتلىرى «غازات» قىلىشنى قارار قىلدى ۋە 5- ئاينىڭ 15- كۈنى، يەنى ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلۇپ، 2- كۈنى ئىسرائىلىيىگە جەڭ ئېلان قىلدى. ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا مىسىر، تاشقى ئىئوردانىيە، ئىراق، سۈرىيە، لىۋان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قوشۇنلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا پەلەستىنگە كىردى، شۇنىڭ بىلەن زور كۆلەملىك ئەرەب-ئىسرائىلىيە ئۇرۇشى پارتلىدى.
   ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئەرەب دۆلەتلىرى قوشۇنى ئادەم سانى، قورال-ياراغ ۋە جەڭگىۋارلىق جەھەتلەردە مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغاچقا، ئارقا-ئارقىدىن غەلىبە قازىنىپ، پەلەستىن زېمىنىنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنىنى ئىشغال قىلدى. ئىسرائىلىيە پەقەت ئاك، خەيفا، تېل-ئاۋىۋ قاتارلىق دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەرنىلا كونترول قىلىپ تۇردى. ئېروسالىم يېڭى شەھىرىدىن ئوتتۇرا يەر دېڭىزىغىچە بولغان ئۇزۇنچاق يەر بىلەن شىمالدىكى ناسال ۋە ناسال ئەتىراپىدىكى رايونلار خەۋپلىك ئەھۋالدا قالدى. 5- ئاينىڭ 29- كۈنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەرەبلەر بىلەن ئىسرائىلىيىنىڭ تۆت ھەپتە ئۇرۇش توختىتىپ تۇرۇش لايىھىسىنى ماقۇللىدى. 6- ئاينىڭ 11- كۈنىدىن 7- ئاينىڭ 9- كۈنىگىچە ئۇرۇش توختىتىش مە‍زگىلىدە ئىسرائىلىيە ھەربىي كۈچىنى تولۇقلاپ ۋە كېڭەيتىپ، چەت ئەلدىن ئايرۇپىلان، تانكا، زەمبىرەك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قورال-ياراغ، ئوق-دورىلارنى زور مىقداردا كىرگۈزۈپ، جەڭ قىلىش ئىقىتىدارىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتتى. ئەرەب دۆلەتلىرى بولسا يەنە بىر باسقۇچلۇق جەڭنى ئۈنۈملۈك رەۋىشتە ئورۇنلاشتۇرمىدى. ئەكسىچە ئىچكى زىددىيەتلىرى ئاشكارىلاندى ۋە ئاينىدى. بۇ ھال ئۇلارنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتتى. 7- ئاينىڭ 9- كۈنى ئۇرۇش توختىتىش قەرەلى توشقاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە دەرھال ئەرەب قوشۇنلىرىغا تۆت سەپ بويىچە ئومۇمىيۈزلۈك ھۇجۇم قوزغاپ، جەڭ مەيدانىدا تېزدىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، لامالا، لىدا ۋە غالىلى رايونلىرىنى ئىگىلىدى. 7- ئاينىڭ 15- كۈنى خەۋپسىزلىك كېڭىشى يەنە ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان مۇددەتسىز مۇددەتسىز ئۇرۇش توختىتىش لايھىسىنى ماقۇللىدى. 2- قېتىملىق ئۇرۇش توختىتىش لايھىسىنى ماقۇللىدى. 2- قېتىملىق ئۇرۇش توختىتىش مەزگىلىدە ئىسرائىلىيە ھەربىي قورال-ياراغلىرىنى ۋە ئەسكىرى كۈچىنى يەنىمۇ تولۇقلىدى. ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى زىددىيەت بولسا كۈچەيسە كۈچەيدىكى، زادىلا ئازايمىدى. 10- ئاينىڭ 15- كۈنى ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئەرەب دۆلەتلىرىگە يەنە بىر قېتىم ھۇجۇم قوزغاپ، نېگېفقا بېسىپ كىردى. 12- ئاينىڭ ئاينىڭ ئاخرىدا ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرى يەنە سىناي يېرىم ئارىلىغا بېسىپ كىرىپ، جەڭ مەيدانىدا ئومۇمىيۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. ب د ت نىڭ مۇرەسسەلەشتۈرۈشى ئارقىسىدا ئىسرائىلىيە 1949- يىلى 2- ئايدىن 7- ئايغىچە ئايرىم-ئايرىم ھالدا مىسىر، لىۋان، تاشقى ئىئوردانىيىلەر بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش ئاخىرىلاشتى.
   بۇ قېتىمقى ئۇرۇش نەتىجىسىدە ئىسرائىلىيە ب د ت نىڭ بۆلۈپ ئىدارە قىلىش قارارىدا ئەرەبلەرگە بۆلۈپ بېرىلگەن 4850 كىلومېتىر زېمىنىنى بېسىۋالدى، بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل پەلەستىننىڭ %80 تىن ئارتۇق زېمىنىنى ئىشغال قىلىۋالدى. 960 مىڭ پەلەستىنلىك يۇرت ماكانىدىن ھەيدەپ چىقىرىلىپ، ماكانسىز مۇساپىرلاردىن بولۇپ قالدى. ئۇرۇش جەريانىدا مىسىر غازا رايونىنى ئىشغال قىلدى. تاشقى ئىئوردانىيە ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى ئۆزىگە قوشۇۋالدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئەرەب-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى بارغانسېرى كەسكىنلەشتى، ئوتتۇرا شەرق دۇنيادا ئۇرۇش ئوتى ئۆچمەي كەلگەن بىر رايون بولۇپ قالدى.
 

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1252 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01