ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىق ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


جۇڭگو خەلقى شۇنىڭدىن باشلاپ ئورنىدىن دەس تۇردى.

 

جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىق ئۇرۇشى

  

   جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىق ئۇرۇشى يەنى 3- قېتىملىق ئىچكى ئىنقىلابى ئۇرۇش جۇڭگو خەلقى، جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش يولىدا ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى.
   1945- يىلى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قازانغانىدىن كېيىن، جاڭ جېشى كومپارتىيىگە، خەلققە قارشى ئىچكى ئۇرۇش قوزغاشقا پائال تۈردە تەييارلىق كۆردى. جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غالبىيەت مېۋىسىنى قوغداش، پرۇلېتارىيات رەھبەرلىكىدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى دېمۇكراتىك دۆلىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن جاڭ جېشىگە قارشى تىغمۇ تىغ كۈرەش قىلدى. 1945- يىلى 8- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 10- ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە ماۋزېدۇڭ جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، چۇڭچىڭدا گومىنداڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، «گومىنداڭ پارتىيىسى بىلەن كوممونىستىك پارتىيە ۋەكىللىرىنىڭ سۆھبەت خاتىرىسى» ئىمزالىدى. ئارقىدىنلا رايوندىكى ئارمىيە ۋە خەلق ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن گومىنداڭ قوشۇنلىرىغا قاقشاتقۇچ زەربە بەردى. 1949- يىلى 1- ئايدا گومىنداڭ پارتىيىسى بىلەن كوممونىستىك پارتىيە «ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى» ئىمزالىدى.
   1946- يىلى 6- ئايدا گومىنداڭ ئومۇمىيۈزلۈك ئىچكى ئۇرۇش قوزغاشنىڭ تەييارلىقىنى پۈتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن «ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى»ى يىرتىپ تاشلاپ، تەپتارتماستىن ئازاد رايونلارغا ئومۇمىيۈزلۈك ھۇجۇم قىلدى. ئىچكى ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە گومىنداڭ ئۈستۈن ئەسكىرى كۈچىگە تايىنىپ، ئومۇمىيۈزلۈك ھۇجۇم قىلىش، تىز ئۇرۇش قىلىپ، تېز ھەل قىلىش ئىستىراتېگىيىلىك فاڭجېنىنى قوللىنىپ سەككىز ئاي كۆرەش قىلىش ئارقىلىق دۈشمەننىڭ ئومۇمىيۈزلۈك ھۇجۇمىنى غەلىبە بىلەن تارمار قىلىپ، گومىنداڭنى 1947- يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا مۇھىم نۇقتىلارغا ھۇجۇم قىلىش فاڭجېنىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر قىلدى. نەتىجىدە دۈشمەننىڭ نۇقتىلىق ھۇجۇملىرىمۇ ئازادلىق ئارمىيە تەرىپىدىن چېكىندۈرۈلدى. 1946- يىلى 7- ئايدىن باشلاپ بىر خىل بىر يىل ئىچىدە ئازادلىق ئارمىيە دۈشمەننىڭ جەمئىي 1 مىليون 120 مىڭ ئادىمىنى ئۆلتۈرۈپ، دۈشمەنگە قاقشاتقۇچ زەربە بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقى رايونىدىكى خەلقنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك دېمۇكراتىيە ھەرىكىتى كۈنسايىن يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈپ، ئازاد رايوندىكى قوراللىق كۈرەشكە ماسلاشقان ئىككىنچى سەپ بولۇپ شەكىللەندى. 1947- يىلى 7- ئايدىن 9- ئايغىچە خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئۈچ قوشۇنى خۇاڭخې دەرياسىنى كېسىپ ئۆتۈپ، جەنۇپقا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئىستىراتېگىيىلىك مۇداپىيىدىن ئىستىراتېگىيىلىك ھۇجۇمغا ئۆتتى. 1948- يىلى 6- ئايغا قەدەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، دۈشمەننىڭ ئومۇمىيۈزلۈك مۇداپىئە كۆرۈش ۋە رايونلارغا ئايرىپ مۇداپىئە كۆرۈش پىلانىنى تارمار قىلىپ، دۈشمەننىڭ 1 مىليون 530 مىڭ ئادىمىنى يوقاتتى. قولدىن كەتكەن  مۇتلەق كۆپ قىسىم زېمىنىنى قايتۇرۇۋېلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇرۇش سېپىنى چاڭجياڭ ۋادىسى ۋە ۋېيشۈي دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقى رايونىغىچە كېڭەيتتى. خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ كۆلىمىمۇ تېز سۈرئەتتە زورايدى. 1948- يىلى كۈزدە خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئادەم سانى 2 مىليون 800 مىڭ كىشىگە يەتتى. گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ ئادەم سانى بولسا ئازىيىپ، 3 مىليون 650 مىڭغا چۈشۈپ قالدى. جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى گومىنداڭ ئارمىيىسىگە قارشى ئىستىراتېگىيىلىك ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن 1948- يىلى 9- ئايدىن 1949- يىلى 1- ئايغىچە خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ئارقا-ئارقىدىن لياۋشېن جېڭى، خۇەيخەي جېڭى ۋە پىڭجىن جېڭىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ جەڭنى قانات يايدۇرۇپ، دۈشمەننىڭ 1 مىليون 540 مىڭ ئادىمىنى يوقاتتى. گومىنداڭنىڭ ئىچكى ئۇرۇش قىلىشتا تايىنىدىغان ئاساسىي كۈچ قىسىملىرى تەلتۆكۈس يوقىتىلدى، شەرقىي شىمالدىكى، شىمالىي جۇڭگودىكى، شەرقىي جۇڭگودىكى، ئوتتۇرا جۇڭگودىكى، غەربى شىمالدىكى ئازاد رايونلار بىر-بىرىگە تۇتاشتى. چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىنىنىڭ شىمالىدىكى رايونلار ئازادلىققا ئېرىشتى. خەلق ئازادلىق ئۇرۇشى ھەل قىلغۇچ غەلىبىگە ئېرىشتى. 1949- يىلى 4- ئاينىڭ 20- كۈنى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالاشنى رەت قىلدى. 2- كۈنى خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ مىليون كىشىلىك قوشۇنى غەربتە خۇكۇ شەھىرىدىن، شەرقتە جياڭيىن شەھىرىدىن باشلانغان مىڭ چاقىرىم ئۇزۇنلۇقتىكى پۈتۈن بىر سەپ بويىچە چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتتى. 4- ئاينىڭ 23- كۈنى خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى بىرلا ھۇجۇم بىلەن نەنجىڭنى ئېلىپ، ئەكسىيەتچىل گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ - جاڭ جەمەتى سۇلالىسىنىڭ گۇمران بولغانلىقىنى جاكارلىدى. ئارقىدىن ھەر قايسى سەپلەردە  دۈشمەنگە داۋاملىق تۈردە قوغلاپ زەربە بەردى. 1949- يىلى 12- ئايدا شىزاڭدىن باشقا پۈتكۈل جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى ئازاد بولدى (شىزاڭ 1951- يىلى تىنچ يول بىلەن ئازاد بولدى). 1949- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۇنياغا كەلدى. جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇمھۇرىيىتى دۇنياغا كەلگەنلىكى جاكارلاندى. جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىق ئۇرۇشى غەلىبىگە ئېرىشتى.
   جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى جۇڭگو يېڭى دېمۇكراتىك ئىنقىلابىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسىدىن دېرەك بەردى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى نەتىجىسىدە دۇنيادىكى سىياسىي كۈچلەرنىڭ سېلىشتۇرمىسىدا مۇھىم ئۆزگىرىش بولۇپ، ئاسىيا، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىسى رايونلىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
 

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 995 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01