ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


ھازىرقى زامان دۇنيا تەرەققىياتنىڭ نامايەندىسى

 

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى

  

   بۇ گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە قاتارلىق فاشىست ئوق مەركىزى دۆلەتلەر بىلەن فاشىزىمغا قارشى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ۋە دۇنيادىكى فاشىزىمغا قارشى كۈچلەر ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىنسانىيەت تارىخىدىكى يەر شارى كۆلەملىك 2- قېتىملىق ئۇرۇش.
   ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە فاشىېتلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ۋە كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشى ئارقىسىدا قوزغالدى. كۆپ قېتىملىق قىسمەن  ئۇرۇش ئارقىلىق پەيدىنپەي ئومۇمىيۈزلۈك ئۇرۇشقا ئاتلاندى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان دۆلەتلەر ۋېرسال-ۋاشىنگتون سىستېمىيسىنى بەرپا قىلدى. ھالبۇكى، كاپىتالىزىمنىڭ تەرەققىياتى تەكشى بولماسلىق قانۇنىيىتىنىڭ رول ئوينىشى بىلەن ئەمەلىي كۈچى ئەسلىگە كەلگەن ۋە ئۇلغايغان گېرمانىيە، ياپونىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر دۇنيانى يېڭىۋاشتىن بۆلۈشۈۋېلىشنى تەلەپ قىلدى. 1929- يىلىدىن 1933- يىلىغىچە پۈتكۈل كاپىتالىزىم دۇنياسىنى قاپلىغان چوڭ ئىقتىسادىي بۆھران كاپىتالىزىم جەمىئىيىتىدىكى تۈرلۈك زىددىيەتلەرنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى ۋە گېرمانىيە، ياپونىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى فاشىستلارنىڭ قەتئىي تۈردە ئۇرۇش ۋاستىسى ئارقىلىق ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە ئامېرىكا بىلەن تەسىر دائىرسىنى ۋە دۇنياغا خوجايىنلىق قىلىش ھوقوقىنى تالىشىش، ۋېرسال-ۋاشىنگتون سىستېمىسى بويىچە بەلگىلەنگەن خەلقئارا تەرتىپنى ئۆزگەرتىش قارارىغا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. 30- يىللارنىڭ بېشىدا ياپونىيە ۋە گېرمانىيىنى مەركەز قىلغان يېراق شەرق ۋە ياۋرۇپا ئۇرۇشى سىياسىتىنى پىلانلىغۇچى مەنبەلەر ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا گېرمانىيە، ياپونىيە، ئىتالىيىلەردىكى ئۇرۇش خۇمار فاشىستلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بىر قاتار تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى قوزغىدى. 1931- يىلى ياپونىيە «18- سېنتەبىر ۋەقەسى» نى پەيدا قىلىپ، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىنى بېسىۋالدى. 1937- يىلى 7- ئاينىڭ 7- كۈنى يەنە جۇڭگوغا ئومۇمىيۈزلۈك تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغىدى. گېرمانىيە ئاۋسترىيە بىلەن چېخوسلوۋاكىيىنى (1938- يىلىدىن 1939- يىلىغىچە) يۈتۈۋېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئىتالىيە بىلەن بىرلىشىپ، ئىسپانىيىنىڭ ئىچكى ئۇرۇشىغا قوراللىق ئارىلاشتى. (1936- يىلىدىن 1939- يىلىغىچە) ئىتالىيە بولسا ئېفئوپىيىنى (1936- يىلى) ۋە ئالبانىيىنى (1939- يىلى) ئىشغال قىلدى. ئۈچ فاشىستك دۆلەت سىرتقا تاجاۋۇزچىلىق قىلىش ۋە كېڭەيمىچىلىك قىلىش جەريانىدا پەيدىنپەي تاجاۋۇزچىلار گۇرۇھى بولۇپ شەكىللەندى. 1936- يىلى 11- ئايدا گېرمانىيە بىلەن ئىتالىيە «كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئۇنالغا قارشى تۇرۇش كېلىشىمنامىسى» ئىمزالىدى، بىر يىلدىن كېيىن، ئىتالىيىمۇ بى كېلىشىمنامىگە قاتناشتى. 1940- يىلى 9- ئاينىڭ 27- كۈنى بۇ ئۈچ دۆلەت بېرلىندا يەنە «ئۈچ دۆلەت ئىتتىپاق شەرتنامىسى» ئىمزالاپ، بېرلىن-رىم-توكيو ئوق مەركىزىنى شەكىللەندۈردى. گېرمانىيە، ياپونىيە، ئىتالىيە فاشىستلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى تاجاۋۇز قىلىنغۇچى دۆلەتلەردىكى خەلقنىڭ باتۇرانە قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى دۇنيادا فاشىزىمغا قارشى زور كۆلەمدىكى تۇنجى جەڭ مەيدانىنى ئاچتى. ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرى گېرماىيە، ياپونىيە، ئىتالىيە فاشىستلىرىنىڭ كۈنسايىن ئەشەددىيلىشىۋاتقان تاجاۋۇزچىلىقى ۋە كېڭەيمىچىلىكىگە قارىتا مۇرەسسە ماداراچىلىق سىياسىتىنى قوللىنىپ، كىچىك دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئۆزىنى قوغداپ قېلىش غەرىزىدە فاشىستلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتتى، نەتىجىدە ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتكەن يولۋاس ئۆزلىرىگە ئېتىلىپ، بېشىغا بالا بولدى. گىتلېرنىڭ ناتسېتلار گېرمانىيىسى شەرقتىن شەپە بېرىپ قويۇپ، غەربكە تۇتۇش قىلىپ، ئالدى بىلەن ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىگە ھۇجۇم قىلدى.
   1939- يىلى 9- ئاينىڭ 1- كۈنى گېرمانىيە پولشاغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. 9- ئاينىڭ 3- كۈنى ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ گېرمانىيىگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىشى بىلەن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئومۇمىيۈزلۈك پارتلىدى. 1940- يىلى گېرمانىيە غەربىي سەپتە چاقماق تېزلىكىدە ھۇجۇم قىلىپ، 4- ئايدا دانىيە بىلەن نورۋىگىيىنى ئىشغال قىلدى. گېرمانىيە قوشۇنلىرى ئارقىدىنلا ماكىنو مۇداپىئە سېپىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، فرانسىيە زېمىنىغا بېسىپ كىرىپ، ئەنگلىيە بوغۇزىغا ئېتىلدى. 6- ئاينىڭ 3- كۈنى دۇنگېرك ئومۇمىي چېكىنىشىدە 338 مىڭ كىشىلىك ئەنگلىيە قوشۇنى ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر قوشۇنى دۇنگېرك ساھىلىدىن ئەنگلىيىگە چېكىنىپ باردى. ئۇمنىڭدىن كېيىن گېرمانىيە قوشۇنلىرى پارىژغا قىستاپ باردى. 6- ئاينىڭ 10- كۈنى ئىتالىيە ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىگە قارشى جەڭ ئېلان قىلدى، 6- ئاينىڭ 22- كۈنى فرانسىيە تەسلىم بولۇپ، فرانسىيە 3- جۇمھۇرىيىتى مۇنقەرز بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن گېرمانىيە ئارمىيىسى ئەنگلىيە زېمىنىنى شىددەتلىك بومباردىمان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بالقان دۆلەتلىرىگە قاراتقان تاجاۋۇزچىلىقىنى جىددىيلەشتۈردى. ئىتالىيە بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ ئوتتۇرا يەر دېڭىزى ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى مۇستەملىكلىرىنى تارتىۋالدى.
   1941- يىلى 6- ئاينىڭ 22- كۈنى گېرمانىيە سوۋېت ئىتتىپاقىغا تۇيۇقسىز پۈتۈن سەپ بويىچە ھۇجۇم قىلدى، بۇنىڭ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى-گېرمانىيە ئۇرۇشى پارتلىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى دۇنيا فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانى بولۇپ قالدى. 1941- يىلنىڭ ئارىدىن 1942- يىلىنىڭ بېشىغىچە داۋاملاشقان موسكۋا ئۇرۇشى جەريانىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇپ، گېرمانىيىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنى چاقماق تېزلىكىدە ئېلىش تاكتىكىسىنى بەربات قىلدى. 1941- يىلى 12- ئاينىڭ 7- كۈنى ياپونىيە پيورل-خاربور پورتىدىكى ئامېرىكا فلوتىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلدى. 2- كۈنى ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا ياپونىيىگە جەڭ ئېلان قىلدى، گېرمانىيە بىلەن ئىتالىيە ئامېرىكىغا جەڭ ئېلان قىلدى، شۇنىڭ بىلەن تىنچ ئوكيان ئۇرۇشى پارتلىدى. 1942- يىلى 1- ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، قاتارلىق 26 دۆلەت ۋاشىنگتوندا ئورتاق خىتابنامە ئېلان قىلدى. بۇ ھال فاشىزىمغا قارشى دۇنياۋى ئىتتىپاقنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بەردى. ياپونىيە 1942- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا مالايسىيە، سىنگاپور، فىلىپپىن، ھىندونېزىيە، بېرما ۋە تىنچ ئوكياندىكى ئاراللارنى ئىشغال قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئاسىيا ئەللىرىدە ياپونىيە فاشىستلىرىغا قارشى مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى كۈنسايىن يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى.
   1942- يىلى 8- ئاينىڭ 23- كۈنىدىن 1943- يىلى 2- ئاينىڭ 2- كۈنىگىچە داۋاملاشقان ستالىنگراد ئۇرۇشىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ 1 مىليون 500 مىڭ ئادىمىنى يوقاتتى. ئەجەللىك زەربىگە دۇچ كەلگەن گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچى ئىستىراتېگىيىلىك مۇداپىئىگە ئۆتۈشكە مەجبۇر بولدى. 1943- يىلى 5- ئايدا ئامېرىكا، ئەنگلىيە قوشۇنلىرى ئافرىقا جەڭ مەيدانىدا گېرمانىيە، ئىتالىيە قوشۇنلىرىنى پۈتۈنلەي تازىلىدى. 9- ئاينىڭ 3- كۈنى ئىتالىيە تەسلىم بولدى. 1944- يىلىدىن ئېتىبارەن سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيىسى ئىستىراتېگىيىلىك ئومۇمىي قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، گېرمانىيە ئارمىيىسىگە ئەجەللىك زەربە بېرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئىشغالىيەت زېمىنلىرىنى قايتۇرۇۋېلىپلا قالماستىن، بەلكى تاجاۋۇزچىلارغا قوغلاپ زەربە بېرىپ، ياۋرۇپا ئەللىرىنىڭ فاشىزىمغا قارشى ئازادلىق كۈرىشىگە ماسلاشتى. 1944- يىلى 6- ئايدا ئەنگلىيە، ئامېرىكا قوشۇنلىرى فرانسىيىنىڭ نورماندىيە دېگەن يېرىدە قۇرۇقلۇققا چىقىپ، ياۋرۇپادا ئىككىنچى جەڭ مەيدانىنى ئاچتى. شۇنىڭدىن كېيىن فاشىستلارغا ئىتتىپاقنىڭ قوراللىق كۈچلىرى شەرق، غەرب، جەنۇب تەرەپلەردىن فاشىستلار گېرمانىيىسىگە قورشاپ ھۇجۇم قىلدى. 1945- يىلىنىڭ بېشىدا سوۋېت ئىتتىپاقى قوشۇنلىرى ۋە ئەنگلىيە ئامېرىكا قوشۇنلىرى گېرمانىيىگە بۆلۈنۈپ ھۇجۇم قىلدى. 5- ئاينىڭ 2- كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقىي ئارمىيىسى بېرلىننى ئالدى. 5- ئاينىڭ 8- كۈنى گېرمانىيە تەسلىم بولۇپ، گېرمانىيە 3- ئىمپېريىسى بەربات بولدى ھەمدە ياۋرۇپانىڭ فاشىستلارغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى.
   1944- يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى جۇڭگو خەلقى قىسمەن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ 350 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمىنى يوقاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا، ئەنگلىيە قوشۇنلىرىمۇ تىنچ ئوكيان ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا ياپونىيە ئارمىيىسىگە قارشى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى. 1945- يىلى 8- ئاينىڭ 6- كۈنى ۋە 9- كۈنى ئامېرىكا ئارمىيىسى ياپونىيىنىڭ خروسما ۋە ناگاساكى شەھەرلىرىگە ئاتوم بومبىسى تاشلىدى. 8- ئاينىڭ 8- كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى ياپونىيىگە جەڭ ئېلان قىلدى. 9- كۈنى مىليونلىغان كىشىلىكتىن تەشكىل تاپقان سوۋېت ئىتتىپاقى قوشۇنى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىغا قاراپ ئىلگىرىلىدى. شۇ كۈنى يولداش ماۋزېدۇڭ «ياپون قاراقچىلىرىغا قارشى ئەڭ ئاخىرقى ئۇرۇش» چاقىرقىنى ئېلان قىلدى. جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ئازاد رايونلىرىدىكى قوراللىق كۈچلەر ياپون قوشۇنلىرىغا قارشى پۈتۈن سەپ بويىچە ئۇمۇمىيۈزلۈك قايتۇرما ھۇجۇمغا ئاتلىنىپ، كەڭ رايونلارنى تېز سۈرئەتتە ئازاد قىلدى. 8- ئاينىڭ 14- كۈنى ياپونىيە تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىدى. 9- ئاينىڭ 2- كۈنى تەسلىمنامىگە ئىمزا قويدى. فاشىستلارغا قارشى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە فاشىستلىرىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇبىيىتى ۋە پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى.
   فاشىزىمغا قارشى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بىر قېتىملىق مىسلى كۆرۈلمىگەن زور كۆلەمدىكى ئۇرۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئۇرۇش دۇنيانىڭ قىياپىتىدە غايەت زور ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلدى، ئۇ ئىنسانىيەت تارىخىدا روسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىنكى يەنە بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولدى. ئەلۋەتتە بۇ ئۇرۇشمۇ دۇنيا خەلقىنىڭ ئورنىنى تولدۇرغۇسىز مىسلى كۆرۈلمىگەن بالايىئاپەتكىمۇ دۇچار قىلدى. بۇ قېتىمقى دۇنيا ئۇرۇشىغا ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ، 60 نەچچە دۆلەتتىن دۇنيا نوپوسىنىڭ بەشتىن تۆت قىسىمىنى تەشكىل قىلىدىغان ئاھالە (1 مىليارد 700 مىليون كىشى) قاتناشتى. ئىككى تەرەپ 110 مىليون كىشىلىك قوشۇننى ئىشقا سالدى، ئۇرۇشتا قازا قىلغانلار 50 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى. بىۋاستە ھەربىي خىراجەت 1117 مىليارد دوللارغا يەتتى. ئۇرۇشقا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ ماددىي ئەشيالار ئومۇمىي زىيىنى 4 تىرىليۇن دوللارغا يەتتى. يېڭى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ يەنە بىر قېتىم يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش پۈتكۈل دۇنيا خەلقىنىڭ ئىزچىل ۋە ئومۇمىيۈزلۈك كۈچلۈك تەلىپى بولۇپ قالدى.
 

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 977 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01