ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

چاكو ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


ئىككى قاغا يەم تالاشسا، ئوۋچىغا پايدا بوپتۇ

 

چاكو ئۇرۇشى

  

   چاكو ئۇرۇشى مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بولىۋىيە بىلەن پاراگۋاينىڭ ئىككى دۆلەتكە تۇتىشىدىغان چاكو رايونىنىڭ شىمالىي قىسىمىنى تالىشىش يولىدىكى ئۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ.
   چاكو جەنۇبىي ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، شىمالدا بولىۋىيە، جەنۇبتا پاراگۋاي بىلەن تۇتىشىدىغان، بولىۋىيە بىلەن پاراگۋاي ئوتتۇرىسىدا ئېنىق چېگرىسى ئايرىلمىغان رايون، بۇ يەرنىڭ تۇپرىقى مۇنبەت، بايلىقى مول بولۇپ، بولۋىيىمۇ، پاراگۋايمۇ بۇ يەرنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش كويىدا ئىدى. 1864- يىلىدىن 1870- يىلىغىچە ئېلىپ بېرىلغان پاراگۋاي ئۇرۇشىدىن كېيىن جەڭدە غەلىبە قىلغان برازىلىيە، ئارگېنتىنالار بۇ رايوننىڭ بىر قىسىمىنى ھەر بىرى ئۆز ئالدىغا ئىشغال قىلىۋېلىشتى. بولىۋىيە بىلەن پاراگۋاي چاكونىڭ قالغان شىمالىي قىسىمىدىكى تەخمىنەن 260 مىڭ كۋادىرات مېتىر زېمىنىنى بۆلۈشۈۋېلىش توغرۇلۇق كۆپ قېتىم كېڭىشىپ باققان بولسىمۇ نەتىجە چىقمىدى. ھەر ئىككى تەرەپ شىمالىي چاكونىڭ ئىگىلىك ھوقوقىنى ئۆزىگە مەنسۈپ دەپ قارايتتى. 1926- يىلى مەزكۇر رايوندىن نېفىت تىپىلغاندىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىش بارغانسېرى جىددىيلەشتى. 1928- يىلى ئىككى تەرەپ قوشۇنى ئوتتۇرىسىدا بۇ يەردە قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەردى. كېيىن خەلقئارا ئىتتىپاق ۋە بەزى ئامېرىكا دۆلەتلىرىنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرۈشى بىلەن توقۇنۇش سەل پەسەيدى.
   بىراق، بولىۋىيە 1932- يىلى 6- ئاينىڭ 15- كۈنى ئامېرىكىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا قوشۇن چىقىرىپ، شىمالدىكى چاكو قۇملۇقىدىكى بوكساكانى ئىشغال قىلىپ، ئۇرۇشنىڭ8 مۇقەددىمىسىنى باشلىۋەتتى. پاراگۋاي شۇنىڭدىن كېيىنلا پۈتۈن مەملىكەتنى ئومۇمىيۈزلۈك سەپەرۋەر قىلدى. 1933- يىلى 5- ئاينىڭ 10- كۈنى ئەنگلىيىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا بولىۋىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. پاراگۋاي ئارمىيىسى كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغاپ، ئارقا-ئارقىدىن غەلىبە قىلدى. 1935- يىلى 6- ئايدا شىمالىي چاكونىڭ كۆپ قىسىمىنى كونترول قىلدى. ئامېرىكا، ئارگېنتىنا، بىرازىلىيە، چىلى، پىرو، ئوروگۋاي قاتارلىق ئامېرىكىدىكى ئالتا دۆلەتنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرۈشى ئارقىسىدا، بولىۋىيە بىلەن پاراگۋاي 1935- يىلى 6- ئايدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى توختاتتى. 1938- يىلى 7- ئاينىڭ 21- كۈنى ئىككى تەرەپ بۇئېنۇس-ئايرېستا تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. شەرتنامىگە ئاساسەن، پاراگۋاي شىمالىي چاكونىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسىمىغا ئېرىشتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پاراگۋاي دەرياسىنىڭ ساھىلىدىن پورت سۈپىتىدە بىر كارىدور چىقىرىلىپ، بولىۋىيىنىڭ پايدىلىنىشىغا ئايرىپ بېرىلدى. بۇ ئۇرۇش بولۋىيىنىمۇ، پاراگۋاينىمۇ ئېغىر چىقىمدار قىلدى، ئىككى تەرەپتىن 120 مىڭ كىشى ئۆلدى، 150 مىڭ كىشى يارىدار بولدى. ئۇرۇشتا ھەر ئىككى دۆلەت نۇرغۇن مال-دۇنياسىنى سەرپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى، شۇڭا، ئۇرۇشتىن كېيىن ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقىتىسادىي كىرزىسقا دۇچ كەلدى ۋە سىياسىي ۋەزىيىتى داۋالغۇپ تۇردى. ئۇرۇش جەريانىدا ھەر بىرى بىردىن تەرەپنى قوللىغان ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە مونوپول كاپىتالىستلىرى توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلاپ، جەنۇبىي ئامېرىكىغا قاراتقان كونتىروللۇقىنى ۋە تەسىرىنى كۈچەيتتى.
 

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 574 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01