ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

يەر ئىنقىلابىي ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


 

يېزىلار ئارقىلىق شەھەرنى قورشاش

 

يەر ئىنقىلابىي ئۇرۇشى

  

   بۇ جۇڭگونىڭ 2- قېتىملىق ئىچكى ئىنقىلابىي ئۇرۇشى، يەنى جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە جاھانگىرلار، فېئوداللار مەدەت بېرىۋاتقان جاڭ جېشىنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئىنقىلابىي ئۇرۇشى.
   1927- يىلى جاڭ جېشى «12- مارت» سىياسىي ئۆزگىرىشىنى قوزغىغاندىن كېيىن، داغدۇغىلىق بۈيۈك ئىنقىلاب مەغلۇپ بولدى. جۇئېنلەي، جۇدې، خې لۇڭ، يې تىڭ، قاتارلىق كىشىلەر ئىنقىلابنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسىنىڭ 30 مىڭ كىشىلىكتىن ئارتۇق قوشۇنغا باشچىلىق قىلىپ، 1927- يىلى 8- ئاينىڭ 1- كۈنى جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ شىچاڭ شەھىرىدە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى بىرىنچى پاي ئوقىنى ئاتتى، بۇ جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسىنىڭ ئىنقىلابىي كۈرەشكە مۇستەقىل رەھبەرلىك قىلىشنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، 8- ئاينىڭ 1- كۈنى كېيىنچە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى قۇرۇلغان ئارمىيە بايرىمى بولۇپ قالدى. 1927- يىلى 8- ئاينىڭ 7- كۈنى جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسى خەنكۇدا مەركىزى كومىتېتىنىڭ جىددىي يىغىنى چاقىرىپ، چېن دۇشيۇنىڭ ئوڭچىل تەسلىملىچىلىكىنى تەنقىد قىلىپ ۋە تۈزىتىپ، يەر ئىنقىلابىنى يولغا قويۇش فاڭجېنىنى تۈزۈپ چىقتى. قوراللىق كۈرەش ئارقىلىق گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش باش فاڭجېنىنى بەلگىلىدى.
   جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسى نەنچاڭ قوزغىلىڭىدىن كېيىن يەنە 1927- يىلى 9- ئايدىكى خۇنەن-جياڭشى چېگرىسىدا كۆتۈرۈلگەن كۈزلۈك يىغىم قوزغىلىڭىغا ۋە 12- ئايدىكى گۇاڭجۇ قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلدى، جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيىسىنى قۇرۇپ، يەر ئىنقىلابى ئۇرۇشىدىن ئىبارەت يېڭى تارىخى باسقۇچقا قەدەم قويدى. 1927- يىلى 10- ئايدا يولداش ماۋزېدۇڭ باشچىلىقىدىكى كۈزلۈك يىغىم قوزغىلىڭى قىسىملىرى جىڭگاڭشەن تېغىغا يېتىپ بېرىپ، ئامىمىنى پارتىزانلىق ئۇرۇشىغا قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى. ئىشچى-دېھقانلار ھاكىمىيىتىنى ئورنىتىپ، يەر ئىنقىلابى ئېلىپ باردى، جۇڭگو بويىچە تۇنجى يېزا ئىنقىلاب بازىسى (كېيىن تەرەققىي قىلىپ مەركىزى ئىنقىلاب بازىسى بولۇپ قالدى) بەرپا قىلىپ، يېزىلارنى قورشاش ھەمدە ئەڭ ئاخىرىدا شەھەرلەرنى ئېلىشتىن ئىبارەت توغرا يولنى ئاچتى. 1930- يىلىنىڭ بېشىغا قەدەر جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسى جياڭشى، خۇنەن، خۇبېي، فۇجيەن، جېجياڭ، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، خېنەن، ئەنخۈي، گەنسۇ، شەنشى، جياڭسۇ ۋە سچۈەن قاتارلىق ئۆلكىلەردە 15 ئىنقىلاب بازىسى قۇردى. 13 جۈندىن تەركىپ تاپقان 60 مىڭ كىشىلىكتىن ئارتۇق رەسمىي قىزىل ئارمىيە قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقتى. 1930- يىلى 12- ئايدىن 1931- يىلى 9- ئايغىچە ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيىسى ماۋزېدۇڭنىڭ رەھبەرلىكىدە جاڭ جېشى قوشۇنلىرىنىڭ مەركىزى ئىنقىلاب بازىسىغا قاراتقان ئۈچ قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش»ھەرىكىتىنى تارمار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقا بازىلارمۇ گومىنداڭغا قارشى كۈرەش جەريانىدا غەلىبە قازاندى. 1932- يىلى 6- ئايدىن 1933- يىلى 3- ئايغىچە مەركىزى قىزىل ئارمىيە جۇئېنلەي، جۇدېلارنىڭ قۇماندانلىقىدا ماۋزېدۇڭنىڭ ئىستىراتېگىيىلىك تاكتىكا پىرىنسىپى بويىچە ئۇرۇش قىلىپ، 4- قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش» قا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى. بىراق، 5- قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش» قا قارشى كۈرەش جەريانىدا ۋاڭ مېڭنىڭ «سولچىل» ئاغمىچىلىق خاتالىقى تۈپەيلىدىن مەركىزى قىزىل ئارمىيە ئېغىر چىقىمدار بولوپ، ئىنقىلاپ بازىسى كۈنسايىن تارىيىپ كەتتى. 1934- يىلى 10- ئايدا مەركىزى قىزىل ئارمىيىە تەخمىنەن 30 مىڭ كىشىلىك قىزىل ئارمىيە قوشۇنىنى مەركىزى بازىدا پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشقا قالدۇرۇپ، قالغان 80 مىڭ كىشىلىك ئاساسىي قوشۇننى يۆتكەپ، ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلاندۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى. باشقا كۆپ ساندىكى ئىنقىلاپ بازىلىرىدىكى قىزىل ئارمىيە قوشۇنلىرىمۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلاندى. مەركىزى قىزىل ئارمىيە تاغ-دەريالارنى كېزىپ، 11 ئۆلكىدە، 25 مىڭ چاقىرىملىق مۈشكۈل مۇساپىنى بېسىپ، تارىخىتا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىستىراتېگىيىلىك چوڭ يۆتكىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنياغا مەشھۇر ئۇزۇن سەپەرنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى. 1936- يىلى 10- ئايدا قىزىل ئارمىيە 2-،4- يۆنىلىش جۈنىمۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شىمالىي شەنشىگە يېتىپ باردى.
   1931- يىلى ياپونىيە «18- سېنتەبىر» ۋەقەسىنى پەيدا قىلىپ، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، 1935- يىلى يەنە شىمالىي جۇڭگو ۋە ئىچكى موڭغۇللارغا غالجىرلىق بىلەن تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. مىللەت مۇنقەرز بولۇپ، خەۋپكە دۇچ كەلگەن بۇ ئاچقۇچلۇق پەيتتە جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسى ئىچكى ئۇرۇشنى توختىتىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا ئورتاق قارشى تۇرۇش چاقىرىقىنى چىقاردى. 1936- يىلى 12- ئاينىڭ 12- كۈنى شىئەن ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، جاڭ جېشى ئىچكى ئۇرۇشنى توختىتىپ، كومپارتىيە بىلەن بىرلىشىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشقا قوشۇلۇشقا مەجبۇر بولدى. 1937- يىلى 2- ئايدا جاڭ جېشى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىشتەك زور بېسىمى نەتىجىسىدە گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ 5- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى 3- ئومۇمىي يىغىنىنى چاقىرىپ، ئىچكى ئۇرۇشنى توختىتىش ۋە گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيە ھەمكارلىشىش پىرىنسىپىنى ئاساسىي جەھەتتىن بېكىتتى. بۇ چاغدا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىكسەپ ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنگەن بولۇپ، جۇڭگو ئىنقىلابى يەر ئىنقىلابى ئۇرۇشى باسقۇچىدىن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش باسقۇچىغا ئۆتكەنىدى.
 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 410 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01