ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


شىمالدىكى ئەجنەبىي مىللىتارىستلارنىڭ يوقىلىشى

 

شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى

  

   بىز جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسىنىڭ تەسىرى ۋە تۈرتكىسىدە جۇڭگو خەلقىنىڭ جاھانگىرلار ۋە فېئودال مىللىتارىستلار ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش يولىدىكى ئىنقىلابىي ئۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ.
   1924- يىلى 1- ئايدا جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسىنىڭ ياردىمىدە سۈ جۇڭسەن گۇاڭجۇدا گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ 1- قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنى چاقىرىپ، «سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىشىش، كوممونىستىك پارتىيە بىلەن بىرلىشىش، ئىشچى دېھقانلارغا يار-يۈلەك بولۇش» تىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ سىياسەتنى بەلگىلىدى. گومىنداڭ پارتىيىسىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، گومىنداڭ-كومپارتىيە ھەمكارلىقىنى يولغا قويۇپ، ئىنقىلابىي بىرلىك سەپ بەرپا قىلىپ، ئاندىن كېيىن گۇاڭدۇڭدىكى ئىنقىلاب ئىنقىلاب بازىلىرىنى پەيدىنپەي مۇستەھكەملىدى ۋە بىرلىككە كەلتۈردى. 1925- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى گۇاڭجۇدا رەسمىي قۇرۇلدى. ئەينى ۋاقىتتا شىمالىي جۇڭگودىكى كەڭ رايونلار شىمالىي ئەجنەبىي مىللىتارىستلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغانىدى. شىمالدىكى ئەجنەبىي مىلللىتارىستلار ئاساسەن ئۈچ چوڭ گۇرۇھقا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەسىر دائىرسى ئايرىم-ئايرىم مۇنداق بۆلۈنگەنىدى. ياپونپەرەس جاڭ زولىن شەرقىي شىمالدىكى ئۆلىكىلەرنى، بېيجىڭ، تىيەنجىن شەھەرلىرىنى كونترول قىلىپ تۇراتتى. ئامېرىكا پەرەس ۋۇپېيفۇ كۈچلىرى ئاساسەن خۇنەن، خۇبېي ۋە خېنەندىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكىگە مەركەزلەشكەنىدى. ئەنگلىيە پەرەس سۈ جۈەنفاڭ جياڭشى، ئەنخۇي، جياڭسۇ، جېجياڭ فۇجيەندىن ئىبارەت بەش ئۆلكىنى ۋە شاڭخەي شەھىرىنى ئىگىلىۋالغانىدى. بۇ فېئودال مىللىتارىستلار تاشقى جەھەتتە جاھانگىرلار بىلەن ئېغىز- بۇرۇن يالىشىپ، ئىچكى جەھەتتە مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقنى يۈرگۈزەتتى ھەمدە زېمىن تالىشىپ ئۇزاق مۇددەت قالايمىقان ئۇرۇش قىلىشىپ كەلگەنىدى. شۇڭا، شىمالدىكى ئەجنەبىي مىللىتارىستلارنى يوقىتىش پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بىردەك ساداسى بولۇپ قالدى.
   گومىنداڭ ھۆكۈمىتى 1926- يىلى 7- ئايدا جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسىنىڭ تۈرتكىسىدە شىمالغا يۈرۈش قىلىش خىتابنامىسى ئېلان قىلدى، 7- ئاينىڭ 9- كۈنى گومىنداڭ ئىنقىلابىي ئارمىيىسى رەسمىي شىمالغا ئاتلاندى. سەككىز كورۇپۇستىن تەشكىل تاپقان 100 مىڭ كىشىلىك شىمالغا يۈرۈش قىلىش قوشۇنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن يولغا چىقىپ، ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ ئىلگىرىلىدى. غەربىي يول قوشۇنى خۇنەن، خۇبېينى نىشانلاپ ئاتلاندى. ئوتتۇرا يول قوشۇنى جياڭشىنى نىشانلاپ ئاتلاندى. شەرقىي يول قوشۇنى فۇجيەننى نىشانلاپ ئاتلانغانىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى خۇنەن بىلەن خۇبىي ئاساسىي جەڭ مەيدانى ئىدى. غەربىي يولدىكى شىمالغا يۈرۈش قىلىش قوشۇنى ئاساسەن 4-، 7-، 8- ئارمىيىدىن تەشكىل تاپقانىدى. كوممونىستىك پارتىيە ئەزالىرى تايانچ بولغان يى تىڭنىڭ مۇستەقىل تۇەنى ئەنە شۇ تۆتىنچى ئارمىيە تەركىبىدە بولۇپ، شىمالغا يۈرۈش يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇنلارنىڭ ئالدىنقى ئەتىرىتى بولۇپ ماڭغانىدى. 7- ئاينىڭ 10- كۈنى 4- ئارمىيە خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ لىلىڭ ناھىيسىنى ئالدى. 12- كۈنى شىمالغا يۈرۈش قىلىش قىسىملىرى چاڭشا شەھىرىنى ئالدى. شىمالغا يۈرۈش قىلىش قوشۇنى 8- ئايدا يەنە پىڭجياڭ، يۆياڭلارنى ئېلىپ، خۇنەندىكى كۈرەشنى ئاخىرلاشتۇردى. ۋۇپېيفۇ ئالدىراپ-تېنەپ قوشۇنلىرىنى يۆتكەپ، ۋۇخەنگە بارىدىغان مۇھىم قاتناش يولىدىكى تىڭساچياۋ كۆۋرۈكىنى بېقىشقا ئورۇنلاشتۇردى. شىمالغا يۈرۈش قىلىش قوشۇنى بىر مەرتەم شىددەتلىك جەڭ قىلىش ئارقىلىق 8- ئاينىڭ 27- كۈنى دۈشمەن ئارمىيىسىنى بىتچىت قىلىپ، تىڭساچياۋ كۆۋرۈكىنى ئىشغال قىلدى. 8- ئاينىڭ 30- كۈنى يەنە غەلىبىسېرى ئىلگىرىلەپ، خېشېڭچياۋ كۆۋرۈكىنى ئىشغال قىلدى. دۈشمەن قوشۇنلىرى ۋۇخەنگە چېكىنىپ باردى. شىمالغا يۈرۈش قىلىش قوشۇنى 9- ئاينىڭ بېشىدا خەنياڭ، خەنكۇ شەھەرلىرىنى ئالدى. 10- ئاينىڭ 10- كۈنى 4- ئارمىيە ۋۇچاڭغا ھۇجۇم قىلدى. ئاساسىي ھۇجۇم ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان يى تىڭنىڭ مۇستەقىل تۈەنى باتۇرلۇق بىلەن ئېلىشىپ، ۋۇچاڭ شەھىرىگە ئالدى بىلەن بۆسۈپ كىردى. ۋۇچاڭ شەھىرىنى ئاخىر شىمالغا يۈرۈش قىلىش قوشۇنلىرى ئىشغال قىلدى. بۇ چاغدا ۋۇپېيفۇ قوشۇنلىرى ئۈزۈل-كېسىل تارمار قىلىنغانىدى. 11- ئايدا ئوتتۇرا يول قوشۇنى نەنچاڭ، جۇجياڭ شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلىپ، سۈن چۈەنفاڭنىڭ ئاساسىي كۈچىنى يوقاتتى. شەرقىي يول قوشۇنىمۇ 12- ئايدا فۇجۇ قاتارلىق جايلارنى ئوقۇشلۇق ئىشغال قىلدى. 1927- يىلىنىڭ بېشىدا شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسى يەنە بىر قانچە يولغا بۆلۈنۈپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئىقىنىدىكى جېجياڭ، ئەنخۈي، جياڭسۇ، شاڭخەيلەرگە يۈرۈش قىلىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، خاڭجۇ، ئەنچىڭ، فۇجۇ، نەنجىڭلارنى ئالدى. شۇ يىلى 3- ئاينىڭ 21- كۈنىدىن 22- كۈنىگىچە شاڭخەي ئىشچىلىرى جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۈچ قېتىم قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ شاڭخەينى ئازاد قىلدى. شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. سۈن چۈەنفاڭ قوشۇنلىرى ئۈزۈل-كېسىل بىتچىت بولدى.
   شۇنداق قىلىپ، شىمالغا يۈرۈش قىلىش قوشۇنى ئۇرۇش قىلىشقا ئاتلانغاندىن بۇيان جەڭلەردە ئۇدا غەلىبە قىلىپ، يېرىم يىلغىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە خۇنەن، خۇبېي، جياڭشى، فۇجيەن، جېجياڭ، ئەنخۇي، جياڭسۇ قاتارلىق ئۆلكە رايونلار بولۇپ جۇڭگونىڭ يېرىمدىن كۆپرەك زېمىنىنى ئىشغال قىلىپ، ئىنقىلابنىڭ تەسىر كۈچىنى چاڭجياڭ دەرياسى ۋە خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ۋادىلىرىغىچە كېڭەيتتى، جاھانگىرلارغا ۋە فېئودال مىللىتارىستلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بەردى. شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىدىن بىئارام بولغان جاھانگىرلار جۇڭگو ئىنقىلابىغا قاراتقان مۇداخلىسىنى جىددىيلەشتۈردى. جاڭ جېشى باشچىلىقىدىكى گومىنداڭ ئوڭچىلىرى جاھانگىرلار بىلەن تىل بېرىكتۈرگىلى تۇردى. 1927- يىلى 4- ئاينىڭ 12- كۈنىدىن 7- ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە جاڭ جېشى شاڭخەيدە، ۋاڭ جىڭۋېي ۋۇخەندە ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىدى. جاھانگىرلىككە، فېئودالىزىمغا قارشى بۈيۈك ئىنقىلاپ ئاخىر مەغلۇپ بولدى. ئارقىدىنلا شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىمۇ توختاپ قالدى. 1928- يىلى جاڭ جېشى قوشۇنلىرى قوزغىغان شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى بولسا گومىنداڭ يېڭى مىللىتارىستلىرى بىلەن شىمالدىكى ئەجنەبىي مىللىتارىستلارنىڭ زېمىن تالىشىش ئۇرۇشى بولۇپ، بۇ ئۇرۇشنىڭ خاراكتېرى بۈيۈك ئىنقىلاب دەۋرىدىكى شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىغا زادىلا ئوخشىمايدۇ.
 

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 475 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01