ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

تۈركىيە مۇستەقىللىق ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 2 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


 

كونا ئىمپېرىيىنىڭ خارابلىشىشى

 

تۈركىيە مۇستەقىللىق ئۇرۇشى

  

   تۈركىيە مۇستەقىللىق ئۇرۇشى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن تۈركىيە خەلقىنىڭ جاھانگىرلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇپ، مىللىي مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
   بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يېرىم مۇستەملىككە ھالىتىدىكى تۈركىيە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر قاتارىغا سۆرەپ ئەكىرىلىپ ئۇرۇشقا قاتناشتى. نەتىجىدە ئۇرۇشتا يېڭىلدى. 1918- يىلى 10- ئايدا ئەھدىلەشكۈچى دۆلەتلەر تۈركىيىنى مۇدرۇس ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلىپ، مۇنقەرز بولۇش گىردابىغا ئاپىرىپ قويدى. ئارقىدىنلا ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۇرۇش مەزگىلىدە تۈزۈشۈۋالغان ئوسمانىيە ئىمپېرىيىسىنى بۆلۈشۈۋېلىش مەخپى كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىشقا كىرىشىپ، تۈركىيىنىڭ دېڭىز بويىدىكى رايونلىرىنى ۋە باشقا بەزى رايونلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن ئىشغال قىلىۋالدى. 1919- يىلى 5- ئايدا ئەنگلىيىنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن گېرتسىيە تۈركىيىنىڭ غەربىي قىسىمىدىكى مۇھىم پورت ئىزمىرنى ئىشغال قىلدى. مىللەتنىڭ ھايات-ماماتى بەلگىلىنىدىغان بۇنداق ئاچقۇچلۇق پەيتتە تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ۋەتەنپەرۋەر ھەربىي ۋە مۈلكى ئەمەلدارلار، زىيالىيلار سودىگەرلەر بەس-بەس بىلەن ئىگىلىك ھوقوقىنى قوغداش ئۇيۇشمىلىرىنى تەشكىللىدى. دېھقانلار پارتىزانلىق ئۇرۇشلىرىمۇ شىددەت بىلەن ئەۋج ئالدى. شۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ۋەتەنپەرۋەر ئوفىتسېر كامال جايلاردىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۇيۇشمىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تۈركىيە مىللىي ۋەكىللەر بيۇرۇسىنى قۇردى. بۇ بيۇرۇ ئەنقەرەنى مەركەز قىلىپ، خەلقنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلدى. 1920- يىلى 1- ئايدا ئىمپېرىيە سۇلتان ھۆكۈمىتى ئىستانبۇلدا كېڭەش يىغىنى چاقىردى. كېڭەش ئەزالىرى ئىچىدە كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغان كامال تەرەپتارلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە يىغىن «خەلق ئەھدىسى» نى ماقۇللاپ، مىللىي مۇستەقللىق ئۇرۇشى ئۈچۈن كۈرەش پروگراممىسى بەلگىلىدى. ئەھدىلەشكەن دۆلەتلەر بۇنىڭدىن بىئارام بولۇپ، دەرھال ئىستانبۇلغا يۈرۈش قىلىپ، سۇلتانغا كېڭەش مەجلىسىنى تارقىتىۋېتىشنى بۇيرۇدى ۋە كېڭەش ئەزالىرىنى قولغا ئالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گرېتسىيە قوشۇنلىرى ئاناتولىيىگە بېسىپ كىردى. ئەھدىلەشكەن دۆلەتلەر 8- ئايدا يەنە سۇلتان ھۆكۈمىتىنى دۆلەتنى مۇنقەرز قىلىدىغان سېۋر شەرتنامىسىنى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلدى.
   1920- يىلى 4- ئايدا كامال تەرەپتارلىرى ئەنقەرەدە مىللىي كېڭەش يىغىنى چاقىرىپ، كامال ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭ بولدى. قوشۇمچە مىللىي ئارمىيە باش قۇماندانى بولغان مىللىي ھۆكۈمەت قۇرۇلدى. مىللىي ھۆكۈمەت ھەربىي ۋە دېپلوماتىيە جەھەتتە تاجاۋۇزچىلارغا قارشى كۆرەشنى قانات يايدۇردى. شۇ يىلى قىشتا كامال تارقاق ھەرىكەت قىلىۋاتقان پاتىزانلارنى بىرلىككە كەلگەن مىللىي ئارمىيە قىلىپ تەشكىللىدى. مىللىي ھۆكۈمەت سوۋېت روسىيىسى بىلەن دوستانە ئۆتۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، 1920- يىلى 6- ئايدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سوۋېت روسىيىسى ھۆكۈمىتىنىڭ باشلامچى بولۇپ ئېتىراپ قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. مىللىي ھۆكۈمەت ئىتالىيە، فرانسىيە ۋە ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتىن تولۇق پايدىلىنىپ، 1921- يىلى 3- ئايدا ۋە 10- ئايدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىتالىيە-تۈركىيە ۋە فرانسىيە-تۈركىيە كېلىشىمنامىسىنى ئىمزالاپ، بۇ ئىككى دۆلەتنى قوشۇن چېكىندۈرۈشكە مەجبۇر قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ھەربىي ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتە ئەنگلىيە بىلەن گرېتسىيىنى يېتىم قالدۇرۇپ، مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ ئاياغلىشىشىنى تېزلەتتى. 1922- يىلى 8- ئاينىڭ ئاخىرىدا مىللىي ئارمىيە ئومۇمىي ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئىزمىرنى قايتۇرۇۋېلىپ، پۈتكۈل ئاناتولىيە زېمىنىنى ئازاد قىلدى. ئارقىدىنلا ئىستانبۇلغا كىرىپ، پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈردى. سۇلتان چەت ئەلگە قېچىپ كەتتى. 11- ئاينىڭ 1- كۈنى بۈيۈك مىللىي مەجلىس سۇلتانلىق تۈزۈمىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، 600 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت داۋاملاشقان ئوسمانىيە ئىمپېريىسىنىڭ فېئوداللىق ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەردى. 1923- يىلى 7- ئايدا كېلىشىم تۈزگۈچى دۆلەتلەر مىللىي ھۆكۈمەت بىلەن لۇزۇننا شەرتنامىسىنى ئىمزالىدى. بۇ شەرتنامىدە سېۋر شەرتنامىسىدىكى بىر قاتار تەڭسىز ماددىلار بىكار قىلىنىپ، تۈركىيە زېمىنىنىڭ پۈتۈنلۈكى، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ئېتىراپ قىلىندى. 1923- يىلى 10- ئاينىڭ 29- كۈنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى.
   تۈركىيە مۇستەقىللىق ئۇرۇشى ئەينى ۋاقىتتىكى تۈركىيە بۇرژۇئا مىللىي ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسى ئاساسىدا يېڭى بىر مىللىي دۆلەت ئوسمانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ خارابىلىكىدە تېز سۈرئەتتە گۈللىنىشكە باشلىدى.
 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 953 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01