ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

بالقان ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


بىر قېتىملىق چوڭ ئۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى

بالقان ئۇرۇشى

   1912- يىلىدىن 1913- يىلىغىچە تۈركىيىنىڭ بالقاندىكى تەۋەلىكى مەسىلىسىنى چۆرىدەپ ئۇدا ئىككى قېتىم بالقان ئۇرۇشى يۈز بەردى، بۇ ئىككى قېتىملىق ئۇرۇش 1- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى دەپ ئاتالدى.
   بىرىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى بالقان ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ تۈركىيىگە قارشى ئۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چىرىكلەشكەن ئوسمانىيە تۈرك ئىمپېريىسى 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىمۇ بالقاندىكى ھەر قايسى ئەللەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتاتتى. بالقاندىكى ھەر مىللەت خەلقى تۈركلەرنىڭ فېئوداللىق زۇلۇمىدىن ۋە دېنى زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، بىرلىككە كەلگەن مىللىي مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشقا تەشنا ئىدى. 1911- يىلى ئىتالىيە بىلەن تۈركىيە ئۇرۇشنىڭ پارتلىشى بالقان ئەللىرىدىكى تۈركىيىگە قارشى كۈچلەرنىڭ بىرلىشىشىگە تۈرتكە بولدى. 1912- يىلى 3- ئايدا سېرۋېيە بىلەن بۇلغارىيە تۈركلىيىگە قارشى ئىتتىپاق تۈزدى. ئارقىدىنلا گرېتسىيە بىلەن مونتېنېگرومۇ بۇ ئىتتىپاققا كەينى-كەينىدىن كېرىپ، بالقان ئىتتىپاقىنى شەكىللەندۈردى. 1912- يىلى 10- ئاينىڭ 9- كۈنى تۈركىيە ماكىدونىيە بىلەن فراكىيىگە ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىشنى رەت قىلغانلىقتىن ئالدى بىلەن مونتېنېگرو تۈركىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلدى. 10- ئاينىڭ 17- كۈنىدىن 19- كۈنىگىچە سېرۋېيە، بۇلغارىيە ۋە گرېتسىيىلەرمۇ ئارقا-ئارقىدىن تۈركىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشتى. ئۇرۇش تەييارلىقى كەمچىل تۈركىيە قوشۇنى ئۈچ تەرەپتىن دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلغارىيە قوشۇنى ئاساسىي كۈچ قىلىنغان ئىتتىپاقداشلار ئارمىيىسى ئادەم سانى ۋە قورال-ياراغلار جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەنلىكى تۈپەيلىدىن، ئۇرۇش جەريانىدا كەينى-كەينىدىن مەغلۇپ بولۇپ چېكىندى. 10- ئاينىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە بۇلغارىيە قوشۇنى تۈركىيىنىڭ پايتەختى كونستانتىنوپول ئەتىراپىغىچە ئىلگىرىلەپ باردى. تۈركىيە دەرھال كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرۈپ قويۇشىنى سورىدى. 12- ئاينىڭ 3- كۈنى بۇلغارىيە، سېرۋېيە، مونتېنېگرودىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كىلشىمى ھاسىل قىلدى. كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىتتىپاقداش ئوتتۇرىغا قويغان تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش شەرتىنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن 1913- يىلى 2- ئاينىڭ 3- كۈنى ئۇرۇش ئوتى قايتىدىن ياندى. ئىتتىپاقداشلار ئارمىيىسى ئانىنا، ئادرىئانوپل ۋە شكودېرنى كەينى-كەينىدىن ئالدى. تۈركىيە سۈلھى تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى. شۇ يىلى 5- ئاينىڭ 30- كۈنى ياۋرۇپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئارىغا كېرىپ مۇرەسسەلەشتۈرۈشى ئارقىسىدا تۈركىيە بىلەن بالقان ئىتتىپاقىدىكى تۆت دۆلەت لوندون تىنچلىق شەرتنامىسىنى ئىمزالىدى. تۈركىيە بۇ شەرتنامىگە ئاساسەن كونستانتىنوپول بىلەن فراكىيىدىن ئىبارەت ئازغىنە تەۋەلىكىدىن باشقا ياۋرۇپادىكى ئۆزىگە قاراشلىق بارلىق تەۋەلىكلىرىدىن مەھرۇم بولدى. ئالبانىيە مۇستەقىللىققا ئېرىشتى. بىرىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى تۈركىيىنىڭ بالقان يېرىم ئارىلىدىكى 500 يىلدىن ئارتۇق دەۋر سۈرگەن ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەردى.
   لوندون تىنچلىق شەرتنامىسىنىڭ سىياھى قۇرىماي تۇرۇپلا 2- قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى پارتلىدى. بۇ بالقان ئىتتىپاقىدىكى ھەر قايسىسى ئەللەرنىڭ زېمىن تالىشىش يولىدىكى سۇلالىلەر ئۇرۇشى ئىدى. بىرىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن بالقان ئەللىرىنىڭ ھۆكۈمرانلار گوروھى ئوتتۇرىسىدا غەلىبە مىۋىلىرىنى تەقسىملەش تۈپەيلىدىن تالاش-تارتىش يۈز بەردى. سېربىيە ئادرىئاتىك دېڭىزىغا چىقىش ئېغىزىغا ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشكەن بۇلغارىيىدىن ماكىدونىيە زېمىنىنىڭ بىر قىسىمىنى كېسىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. گرېتسىيە ماكىدونىيىنىڭ جەنۇبىي قىسىمى ۋە فراكىيىگە ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلدى. رومىنىيىمۇ جەنۇبىي دوبروجانى ئىگىلەش ئارزۇسىدا ئىدى. ئەھدىلەشكەن دۆلەتلەر گۇرۇھى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشكەن دۆلەتلەر گۇرۇھىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىمپېرىيە گۇرۇھىمۇ ئارىغا چاتكىردى. 1912- يىلى 6- ئاينىڭ 1- كۈنى سېربىيە بىلەن گرېتسىيە بۇلغارىيىگە قارشى ئىتتىپاق تۈزدى، ئارقىدىنلا رومىنىيىمۇ بۇ ئىتتىپاققا كىردى. شۇ يىل 6- ئاينىڭ 29- كۈنى بۇلغارىيە ئارمىيىسى ماكىدونىيىدە تۇرۇشلۇق سېربىيە، گرېتسىيە قوشۇنلىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئۇرۇشنى باشلىۋەتتى. ئۇزاق ئۆتمەي مونتېنېگر بىلەن تۈركىيىمۇ سېربىيە، گرېتسىيە، رومىنىيە تەرەپتە تۇرۇپ، بۇلغارىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشتى. بۇلغارىيە ئارمىيىسى تۆت تەرەپتىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ بولدى.
   7- ئاينىڭ ئاخىرىدا سېربىيە، گرېتسىيە، رومىنىيە قوشۇنلىرى بۇلغارىيىنىڭ پايتەختى سوفىيىگە يېقىنلاپ باردى. بۇنىڭ بىلەن بۇلغارىيە سۈلھى تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى. 1913- يىلى 8- ئاينىڭ 10- كۈنى بۇلغارىيە، سېربىيە، مونتېنېگرو، گرېتسىيە رومىنىيىدىن ئىبارەت بەش دۆلەت بۇخارىستتا تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. شەرتنامىگە بىنائەن، بۇلغارىيە ئۆزىنىڭ ماكىدونىيە ۋە فراكىيىدىكى كۆپ قىسىم زېمىنىدىن، شۇنداقلا جەنۇبىي دوبروجادىن مەھرۇم قالدى، تۈركىيىمۇ كېيىنچە بۇلغارىيە-تۈركىيە شەرتنامىسىگە ئاساسەن ئادرىئاپولنى قايتىدىن ئىشغال قىلدى.
   ئىككى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى بوسنىيىلىكلەر بىلەن گرېتسېگوۋىنالارنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە تۈرتكە بولدى. ئۇلار ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېريىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، سېربىيىگە قوشۇلۇپ، بۈيۈك سېربىيە دۆلىتى قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. روسىيە تاجاۋۇز قىلىش مەقسىتىدە ئۇلارنى قوللىدى. ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېريىسى بولسا سېربىيىنىڭ كېڭەيمىچىلىكىگە قەتئىي قارشى تۇردى. تېخى سېربىيىنى يۇتۇۋېلىشقىمۇ ئۇرۇنۇپ، گېرمانىيىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئاۋسترىيە-سېربىيە قوشۇنى مۇقەررەر يۇسۇندا ئاۋسترىيە-روسىيە توقۇنۇشىنى، شۇنداقلا ئىتتىپاق تۈزۈشكەن دۆلەتلەر بىلەن ئەھدىلەشكەن دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشنى پەيدا قىلدى. ئىككى چوڭ ئىمپېرىيە گورۇھىنىڭ بالقاندىكى كۈچ سىنىشىش كۈرىشى بالقاننى ياۋرۇپانىڭ پۇرۇخ (پارتلاتقۇچى دورا) ئىسكىلاتىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. بۇخارست تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالىنىپ بىر يىل ئۆتە-ئۆتمەيلا مىسلى كۆرۈلمىگەن زور كۆلەمدىكى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى بالقان مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ئۇشتۇمتۇتلا پارتلىدى.
 

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 767 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01