ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

ئەنگلىيە بور ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


 

ئافرىقىنى بۆلۈشۈۋېلىش يولىدىكى بىرىنچى

قېتىملىق ئۇرۇش

 

ئەنگلىيە - بور ئۇرۇشى

  

   بۇ 19- ئەسىر بىلەن 20 ئەسىر ئارىلىقىدا ئەنگىلىيىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى تالىشىش يۈزسىدىن بور مۇستەملىكلىرىگە قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۇرۇش يەنە بورلار ئۇرۇشى ياكى جەنۇبىي ئافرىقا ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ جاھانگىرلارنىڭ ئافرىقىنى يېڭىۋاشتىن بۆلۈشۈۋېلىش يولىدىكى بىرىنچى قېتىملىق ئۇرۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
   1867- يىلى جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئورېنچ رايونىدا زاپىسى مول ئالماس كانى بايقالدى. 1886- يىلى يەنە جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ترانسۋائالدىمۇ ئەينى ۋاقىتتا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئالتۇن كانى بايقالدى. بۇنىڭ بىلەن ياۋرۇپا كۆچمەنلىرى ئايىغى ئۈزۈلمەي ئېقىپ كېلىپ، كان ئېچىپ گۆھەر ئىزدەشكە باشلىدى. ئەنگلىيە مونوپۇل كاپىتالىستلىرى ئالماس ۋە ئالتۇن كانچىلىقىدىن كېلىدىغان زور پايدىنىڭ كۈچلۈك قىزىقتۇرۇشى بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا زېمىنىنى ۋە بۇ دۆلەتنىڭ يەر ئاستى بايلىقىنى ئۆزلىرى يالغۇز ئىگىلىۋېلىشقا تاقىتى تاق بولۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جەنۇبىي ئافرىقا يەنە ئەنگلىيە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىستىراتېگىيىلىك جاي ئىدى. ھالبوكى، ئەينى ۋاقىتتىكى گوللاندىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ پۇشتى بورلار ئورېنچ بىلەن ترانسۋائالدا ئىككى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ شۇ يەرلىك نېگىرلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقوقىنى، تالان-تاراج قىلىش ھوقوقىنى قوغداش ئۈچۈن، گىرمانىيىنىڭ كۈشكۈرتۈشى ۋە قوللىشى ئارقىسىدا ئەنگلىيىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدىكى مۇستەملىكسىنى كېڭەيتىشىگە قارشىلىق كۆرسەتتى. ئەنگلىيە بىلەن بورلارنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدىكى زېمىن تالىشىش كۈرىشى كۈنسايىن كەسكىنلەشتى. 1899- يىلى 10- ئاينىڭ 9- كۈنى ترانسۋائال جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى كروگر ئەنگلىيىگە ئۇلتىماتۇم ئەۋەتىپ، ئەنگلىيە-بور توقۇنۇشىنى ئۈچىنچى دۆلەتنىڭ كېسىم چىقىرىشىغا تاپشۇرۇش تەكلىپىنى بېرىپ، ئەنگلىيىنىڭ ترانسۋال چېگرىسى ئەتىراپىغا توپلىغان قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى ھەمدە جاۋاب بېرىشكە 48 سائەت مۆھلەت بەردى. ئەنگلىيە بۇنى رەت قىلدى. 10- ئاينىڭ 11- كۈنى بور خەلق ئەسكەرلىرى قوشۇنى ئەنگلىيە پويىزىنى توسۇپ زەربە بەردى، شۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيە-بور ئۇرۇشى پارتلىدى. ئۇرۇشنىڭ دەسلىپىدە ترانسۋال بىلەن ئورېنجتىن ئىبارەت ئىككى جۇمھۇرىيەت ئىتتىپاق تۈزدى. جۇغراپىيىلىك شارائىت بىلەن پىششىق تونۇش بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە سان جەھەتتە ۋاقتىنچە ئۈستۈن تۇرغان بورلار قوشۇنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، ئەنگلىيىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدىكى مۇستەملىكلىرىگە شىددەت بىلەن بېسىپ كىردى. ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى تۆت ئېيىدا ئەنگلىيە قوشۇنلىرى ئۇزۇن سەپەرنى بېسىپ كەلگەنلىكى، يەر شارائىتى بىلەن تونۇش بولمىغانلىقى ۋە ئادەم سانى ئاز بولغانلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پايدىسىز ئورۇندا تۇردى. بولۇپمۇ 12- ئاينىڭ 9- كۈنىدىن 15- كۈنىگىچە بىر ھەپتە ئىچىدە 2500 كىشىلىك ئەنگلىيە قوشۇنى بور خەلق ئەسكەرلىرى قوشۇنى تەرىپىدىن يوقىتىلدى. شۇڭا، ئەنە شۇ ھەپتىنى ئەنگلىيىلىكلەر «شۇم ھەپتە» دەپ ئاتاشتى. بىراق، 1900- يىلىنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن ئەنگلىيىنىڭ ياردەمچى قوشۇنلىرى ئارقا-ئارقىدىن يېتىپ كېلىپ، ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئادەم سانى تىز كۆپىيىپ 250 مىڭ كىشىگە يېتىپ، بورلار قوشۇنىنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە ئېشىپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن جەڭ ۋەزىيىتى ئەنگلىيىگە پايدىلىق تەرەپكە بۇرالدى. 1900- يىلى 2- ئايدىن باشلاپ ئەسلىدە بور خەلق ئەسكەرلەر قوشۇنىنىڭ قورشاۋىدا قالغان كىمبېرلېي، رېيدشمىس ۋە مافىكىڭلار كەينى-كەينىدىن قورشاۋدىن بوشاندى. ئەنگلىيە ئارمىيىسى تېز سۈرئەتتە بلومفونېتىيىن، جوماننېسبورگ ۋە پرېتورىيىنى ئىشغال قىلدى. 1900- يىلى 12- ئايدا ئەنگلىيە ترانسۋائال بىلەن ئورېنجنى يۇتۇۋالغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بورلار قوشۇنى شەھەرلەردىن چېكىنىپ چىقىپ، كىچىك-كىچىك بۆلەكلەرگە بۆلۈنۈپ پارتىزانلىق ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىپ، قاتناش لىنىيىلىرىنى بۇزۇپ، ئەنگلىيىنىڭ كىچىك قوشۇنلىرىنى يوقىتىپ ھەرىي لاۋازىمەتلىكىلىرىنى بۇلىۋېلىپ، ئەنگلىيە قوشۇنلىرىغا ئارام بەرمىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇرۇش ئۇزۇنغا سوزۇلغان خورىتىش ئۇرۇشىغا ئايلاندى. نەتىجىدە، ئەنگلىيە تەرەپمۇ، بورلار تەرەپمۇ چارچاپ ھالىدىن كەتتى، نۇرغۇن ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچى ۋە مالىيە كۈچى چىقىم بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە نېگىرلار مەسىلىسىمۇ كۈنسايىن كەسكىنلەشتى. شۇڭا، شۇڭا، ھەر ئىككىلا تەرەپ ئۇرۇشىۋېرىشتىن يالتايدى. 1902- يىلى 5- ئاينىڭ 3- كۈنى فرېنكىن تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. شەرتنامىگە ئاساسەن، ئىككى بور جۇمھۇرىيىتى ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكسى بولۇپ قالدى. ئەنگلىيە بورلارغا زېمىن ھەققى ئۈچۈن 3 مىليون فوندىستېرلىڭ بەردى. ئىككى ئاق تەنلىك ئىرقىي ئايرىمىچى ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى نېگىرلارنى بىرلىكتە ئېزىش ئالدىنقى شەرتىدە ئاخىر ئەپلىشىپ قالدى. 1910- يىلى 5- ئاينىڭ 31- كۈنى جەنۇبىي ئافرىقا فدراتسىيىسى رەسمىي قۇرۇلدى.

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 288 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01