ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

ئامېرىكا-ئىسپانىيە ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


 

بىرىنچى قېتىملىق جاھانگىرلار ئۇرۇشى

 

ئامېرىكا-ئىسپانىيە ئۇرۇشى

  

   ئامېرىكا-ئىسپانىيە ئۇرۇشى يېڭى گۈللەنگەن جاھانگىر دۆلەت ئامېرىكا بىلەن كونا مۇستەملىكچى دۆلەت ئىسپانىيە ئوتتۇرىسىدا 1898- يىلى يۈز بەرگەن ئۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۇرۇش دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ مۇستەملىكلەرنى يېڭىۋاشتىن بۆلۈشۈۋېلىش يولىدىكى بىرىنچى قېتىملىق جاھانگىر ئۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
   19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا مونوپۇل كاپىتالىزىم كاپىتالىزىم باسقۇچىغا كىرگەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى دۇنيادا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى. ۋەھالەنكى، كېيىن گۈللەنگەن مۇشۇنداق بىر كۈچلۈك جاھانگىر دۆلەت مۇستەملىككە بۆلۈشۈش جەھەتتە كېچىكىپ قېلىپ، پايدىسىز ئورۇندا تۇرۇپ قالدى. شۇڭا، مۇستەملىكلەرنى قايتىدىن بۆلۈشۈشنى تەقەززالىق بىلەن تەلەپ قىلدى ھەمدە تىغ ئۇچىنى ئالدى بىلەن زاۋالىققا يۈزلەنگەن مۇستەملىكچى دۆلەت ئىسپانىيىگە توغرىلىدى. ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكسى بولغان كۇبا بىلەن فىلىپپىننىڭ ئىستىراتېگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەبئىي بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، ئامېرىكا ئۇنىڭغا ئۇزۇندىن بېرى چىشىنى بىلەپ كەلگەنىدى.
   1895- يىلى كۇبا خەلقى ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش يولىدا يەنە بىر قېتىم جۇشقۇن مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنى قوزغىدى. ئامېرىكا كېڭەيمىچىلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ جامائەت پىكىرى پەيدا قىلىپ، ئۇرۇش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتتى. 1898- يىلى 2- ئاينىڭ 9- كۈنى ئامېرىكا گېزىتلىرى ئىسپانىيىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ھۆكۈمەت ئەلچىسىنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنى ھاقارەتلىگەن خۇسۇسىي خەتلىرىنى ئاشكارىلاپ، مەملىكەت ئىچىدە ئىسپانىيىگە قارشى كەيپىياتنى تەرغىب قىلدى. 2- ئاينىڭ 15- كۈنى ھاۋاناغا ئامېرىكا مۇھاجىرلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن «مايىن» ناملىق ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتى تۇيۇقسىزلا پارتلاپ، دېڭىزغا چۆكۈپ كېتىپ (سەۋەبى بۈگۈنگە قەدەر نامەلۇم)، پاراخوتتىكى 260 نەپەردىن ئارتۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ كوماندىر ۋە جەڭچىسى ھاياتىدىن ئايرىلدى. 4- ئاينىڭ 20- كۈنى ئامېرىكا ئىسپانىيىنىڭ كۇبادىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلىپ ئۇلتىماتۇم ئەۋەتىپ، رەت قىلىندى. 4- ئاينىڭ 25- كۈنى ئامېرىكا ئىسپانىيىگە قارشى رەسمىي جەڭ ئېلان قىلدى.
   ئامېرىكا- ئىسپانىيە ئۇرۇشىنىڭ تۈتۈنى ئالدى بىلەن فلىپپىندە كۆتۈرۈلدى. 5- ئاينىڭ 2- كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئاسىيە ناملىق فلوتى مانىلا قولتۇقى ئىچىدە ئىسپانىيە فلوتىنى يوقاتتى، ئارقىدىنلا مانىلا قولتۇقىنى قامال قىلدى. 6- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 25- كۈنىگىچە ئامېرىكا ئارمىيىسى «كۇبانىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا ياردەم بېرىش» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، كۇبانىڭ سانتياگۇ شەھىرى ئەتىراپىدا قۇرۇقلۇققا چىقتى. ئەينى ۋاقىتتا ئىسپانىيە قوشۇنىنىڭ كۆپىنچىسى كۇبا ئىنقىلابىي قوشۇنى تەرىپىدىن تىزگىنلىنىپ تۇرۇۋاتاتتى. ئامېرىكا قوشۇنى 7- ئاينىڭ 1- كۈنى سان خۇئا تېغى بىلەن ئىلكانىيدىن ئىبارەت سانتياگۇدىكى ئىككى ئىستىھكامنى ئوقۇشلۇق ئىشغال قىلدى. 7- ئاينىڭ 3- كۈنى ئىسپانىيىنىڭ ئاساسى فلوتى خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ سانتياگۇ قولتۇقىدىن بۆسۈپ چىققىنىدا، قولتۇق ئاغزىدا كۈتۈپ تۇرغان ئامېرىكا فلوتى تەرىپىدىن بىر بىرلەپ غەرق قىلىنىپ، پۈتۈنلەي يوقىتىلدى. ئىسپانىيىنىڭ كۇبادىكى قۇرۇقلۇق قىسىملىرىمۇ كۇبا ئىنقىلابىي قوشۇنىنىڭ قاقشاتقۇچ زەربىسىگە ئۇچرىدى. 7- ئاينىڭ 17- كۈنى ئىسپانىيىنىڭ سانتياگۇدا تۇرۇشلۇق 24 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى پۈتۈنلەي تەسلىم بولدى. ئامېرىكا سانتياگۇنى ئىشغال قىلدى. 7- ئاينىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ 11 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى فىلىپپىنغا يېتىپ بېرىپ، شۇ جايدىكى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ ماسىلىشىشى ئارقىسىدا 8- ئاينىڭ 13- كۈنى مانىلا شەھىرىنى ئالدى. ئامېرىكا-ئىسپانىيە ئۇرۇشى ئىسپانىيىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇبىيىتى بىلەن بىلەن ئاخىرىلاشتى. شۇ يىلى 12- ئاينىڭ 10- كۈنى ئامېرىكا بىلەن ئىسپانىيە پارىژدا تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. بۇ شەرتنامىگە ئاساسەن، ئىسپانىيە كۇبانىڭ مۇستەقىللىقىنى (ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ كونتروللىقىدا بولىدۇ) ئېتىراپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆز مۇستەملىكسى بولغان پوئېرتو-رىكو ئارىلىنى ۋە تىنچ ئوكياندىكى گۇئام ئارىلىنىمۇ ئامېرىكىغا كېسىپ بەردى، ئامېرىكا ئىسپانىيىگە 20 مىليون دوللار بېرىپ، فىلىپپىن تاقىم ئارىلىنى «سېتىۋالدى».
   ئامېرىكا-ئىسپانىيە ئۇرۇشىنىڭ ۋاقتى قىسقا، كۆلىمى كىچىك بولسىمۇ، بىراق بۇ ئۇرۇش ئامېرىكا بىلەن ئىسپانىيىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ تارىخي تەرەققىياتىغا دەۋر بۆلگۈچ تەسىر كۆرسەتتى. ئامېرىكا بۇ ئۇرۇش ئارقىلىق ئىسپانىيىنىڭ قولىدىن كۇبانى، بوئېرتو-رىكو، فىلىپپىننى ۋە گۇئام ئارىلىنى تارتىۋالدى ھەمدە ئۇرۇش مەزگىلىدە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ھاۋاي ئارىلىنى يۇتۇۋېلىپ، ئۆزىنىڭ كارىب دېڭىزى ۋە تىنچ ئوكياننىڭ يېراق شەرق رايونىدىكى ھەربىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ئورنىنى زور دەرىجىدە مۇستەھكەملىدى. ئىسپانىيە بولسا لاتىن ئامېرىكىسى ۋە تىنچ ئوكياندىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇستەملىككە مىراسىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، دۇنيانىڭ سىياسىي سەھنىسىدە 2- رەتتىكى دۆلەت بولۇپ قالدى. بىراق، دىققەت ئېتىبارىنى ئىچكى جەھەتتىكى ئىقتىساد، مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا قاراتتى. دۇنيا تارىخىدىن ئېيتقاندا، ئامېرىكا-ئىسپانىيە ئۇرۇشى كۈچلۈك جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا زېمىنىنى يېڭىۋاشتىن بۆلۈشۈۋېلىش ئۈچۈن قوراللىق كۈرەشنى قانات يايدۇرۇدىغان يېڭى دەۋرنى ئاچتى.
 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 320 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01