ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

ھەبەشستان ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


 

تاجاۋۇزچىلارنىڭ تۆلەم پۇلى تۆلەشكە مەجبۇر بولۇشى

 

ھەبەشستان ئۇرۇشى

 

   بۇ 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئېفىئوپىيە خەلقىنىڭ ئىتالىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇرۇن ياۋرۇپالىقلار ئېفئوپىيىنى ھەبەشستان دەپ ئاتىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئۇرۇش ھەبەشستان ئۇرۇشى دەپ ئاتالدى، تارىختا يەنە ھەبەشستان-ئىتالىيە دەپمۇ ئاتالدى.
   19- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئافرىقىنى بۆلۈشۈۋېلىش دولقۇنىدا ئىتالىيە كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشەلمەي قالغانىدى. شۇڭا، ئېرتېرىيىنى ئۆزىنىڭ مۇستەملىكسى قىلىۋالغان ئىتالىيە ئىزچىل تۈردە ئېفئوپىيىنى ئۆز مۇستەملىكسىگە ئايلاندۇرۇۋېلىش قارا نىيىتىدە بولۇپ كەلگەنىدى. 1889- يىلى 3- ئايدا ئېفئوپىيە پادىشاھى جون Ⅳ سوداننىڭ مەھدى قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن بولغان جەڭدە قازا تاپقاندىن كېيىن، مونرىك تەختكە ۋارىسلىق قىلدى. ئىتالىيە ئۆزىنىڭ ئىلگىرى مونرىكنى قوللىغانلىقىنى دەستەك قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئېفئوپىيىدىكى تەسىر دائىرسىنى كېڭەيتىش خىيالىدا بولدى. مونرىك تەختكە ئولتۇرۇپ 40 كۈن ئۆتە-ئۆتمەيلا، ئىتالىيە 1889- يىلى 5- ئاينىڭ 2- كۈنى ئېفئوپىيە بىلەن «دوستلۇق شەرتنامىسى» دەپ ئاتالغان ئوچالىيە شەرتنامىسىنى ئىمزالىدى. بۇ شەرتنامىدە ئېفئوپىيىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر نەچچە رايوننىڭ ئىتالىيىگە ئايرىپ بېرىلىدىغانلىقى، ئېفئوپىيىنىڭ بۇ بەدەل ئۈچۈن تۆلەم ھېسابىدا ئىتالىيىدىن 30 مىڭ مىلتىق 28 زەمبىرەك ۋە 2 مىليون لىرا ئالىدىغانلىقى بەلگىلەنگەنىدى. بۇ شەرتنامىنىڭ 17- ماددىسىدا، ئېفئوپىيە پادىشاھى باشقا كۈچلۈك دۆلەتلەر بىلەن سۆزلەشكەندە ئىتالىيىدىن ياردەم «سورىسا بولىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. بىراق، ئەمھارا تىلىدىكى «بولىدۇ» دېگەن سۆز ئىتالىيان تىلىدا بولسا بۇرمىلىنىپ «سورىشى شەرت » دەپ يېزىلغان. 1890- يىلى 2- ئايدا ئىتالىيە ئىتالىيان تىلىدىكى بۇ شەرتنامىنى ئېلان قىلىپ، ئېفئوپىيە ئىتالىيىنىڭ مۇھاپىزىتىنى قوبۇل قىلدى، دەپ- جاكارلىدى. مونرىك بۇ ئالدامچىلىق ۋاستىسى توغرىسىدا ئىتالىيىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى ھەمدە 1894- يىلى 7- ئايدا ئىتالىيە قوشۇن چىقىرىپ، ئېفئوپىيىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى تىگرېي بېسىۋالدى ھەمدە ئىككىنچى يىلى ئېفئوپىيىگە ئۇلتىماتۇم ئەۋەتتى. 1895- يىلى 3- ئايدا ئىتالىيە ئارمىيىسى جەڭ ئېلان قىلمايلا ئېفئوپىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىردى.
   مونرىك مۇنداق ۋەزىيەتتە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىپ، خەلقنى دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوغداش كۈرىشىگە قاتنىشىشقا چاقىردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئېفئوپىيە ئارمىيىسى ئىتالىيە تاجاۋۇزچى قوشۇنلىرىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلىپ، قولدىن كەتكەن بەزى جايلىرىنى قايتۇرۇۋالدى. دەسلەپكى جەڭنىڭ غەلىبىسى قولغا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، مونرىك تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى بەردى. بىراق، بۇ تەكلىپ ئىتالىيە تەرىپىدىن رەت قىلىندى. 1896- يىلى 3- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن ئىككىنچى كۈنىگىچە ئىككى دۆلەت ئارمىيىسى ئادۇۋادا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلدى. جەڭدە ئېفئوپىيە ئارمىيىسى ئۈستۈن ئەسكىرى كۈچىگە، ئەسكەرلەرنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھىغا، توغرا ئىستراتېگىيىگە تايىنىپ، ئىتالىيە قوشۇنىنى پۈتۈنلەي تارمار قىلدى. ئىتالىيە قوشۇنىدىن 11 مىڭ كىشى يارىدار بولدى ۋە ئۆلدى، 4000 كىشى، جۈملىدىن 2 نەپەر گېنېرال ۋە 300 نەپەر ئوفىتسىر ئەسىرگە چۈشتى. ئىتالىيە قوشۇنلىرى بارلىق زەمبىرەكلىرىدىن ۋە ھەربىي لاۋازىمەتلىكلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى. ئىتالىيە ئارمىيىسىنىڭ ئادۇۋادىكى پاجىئەلىك مەغلۇبىيىتى توغرىسىدىكى خەۋەر تېزدىن ياۋرۇپاغا تارىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى. بۇ جەڭ ئىتالىيە تاجاۋۇزچى قوشۇنلىرىنىڭ ھەل قىلغۇچ مەغلۇبىيىتى بولۇپ قالدى. شۇ يىلى 10- ئاينىڭ 26- كۈنى ئىتالىيە ئەددىس-ئەبېبە سۈلھى شەرتنامىسىنى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولدى. بۇ سۈلھى شەرتنامىسىدە ئىتالىيىنىڭ ئېفئوپىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى شەرتسىز ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى، ئوچارى شەرتنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقى، 10 مىليون لىرا تۆلەم پۇلى تۆلەپ بېرىدىغانلىقى بەلگىلەنگەنىدى. دېمەك، ئېفئوپىيە خەلقى تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ھەققانىي ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.
   بۇ قېتىمقى ئۇرۇش دۇنيا يېقىنقى زامان ئافرىقا تارىخىدا چۇڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ جاھانگىرلارنىڭ ئافرىقىنى بۆلۈشۈۋېلىش مەزگىلىدىكى ئافرىقا خەلقى غەلىبە قازانغان بىردىنبىر مىللىي ئازادلىق يولىدىكى ۋەتەن ئۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئېفئوپىيە خەلقى ئۆزىنىڭ باتۇرانە كۈرىشى ئارقىلىق غەربتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئافرىقا بۇرجىكىنى بۆلۈشۈۋېلىش ھەرىكىتىنى ئۈنۈملۈك چەكلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئېفئوپىيە ئەينى ۋاقىتتا ئۆز مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قالغان ئافرىقىدىكى ئىككى دۆلەتنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 578 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01