ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

جۇڭگو-ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 9 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


جۇڭگونىڭ يېرىم مۇستەملىكە پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشى

 

جۇڭگو-ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشى

 

    بۇ 1894- يىلى  (كونا كالىندار بويىچە جياۋۇ يىلى) يۈز بەرگەن ياپونىيىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ.
1894- يىلى 1- ئايدا چاۋشيەندە دۇڭشۆداڭ رەھبەرلىكىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلىدى. بۇ چاغدا چاۋشيەن ھۆكۈمىتى چىڭ سۇلالىسى ئارمىيىسىنىڭ 1500 كىشىلىك قوشۇنى چاۋشيەنگە ئاتلاندى. ياپونىيە ئارمىيىسىمۇ باھانە كۆرسىتىپ چاۋشيەنگە قوشۇن ئەۋەتتى، بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 10 مىڭ كىشىلىكتىن ئارتۇق ياپونىيە قوشۇنلىرى چاۋشيەنگە بېرىپ، ئىنچۇڭدىن تارتىپ سىئولغىچە بولغان ئارىلىقتىكى مۇھىم ئىستىراتېگىيىلىك جايلارنى ئىشغال قىلىپ، چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىغا پات-پات ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ تۇردى. 7- ئاينىڭ 25- كۈنى ياپونىيە جەڭ ئېلان قىلماي جەڭگە ئۆتتى، ياپونىيە فلوتى ياسەن تېغى ئاغزىنىڭ سىرتىدىكى فېڭداۋا ئارىلى ئەتراپىدا چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ ھەربىي ترانسپورت كېمىسىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىمۇ ياسەن تېغىدا تۇرۇشلۇق چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلدى. 8- ئاينىڭ 1- كۈنى جۇڭگو بىلەن ياپونىيە بىرلا ۋاقىتتا رەسمىي جەڭ ئېلان قىلىشتى.
9- ئاينىڭ 15- كۈنى ياپونىيە قوشۇنلىرى پيوڭياڭدا تۇرۇشلۇق جۇڭگو قوشۇنلىرىغا تۆت يولغا بۆلۈنۈپ شىددەتلىك ھۇجۇم قىلدى. شەھەرنىڭ شىمالىنى مۇھاپىزەت قىلىپ تۇرۇۋاتقان زۇباۋگۇي قىسىملىرى جان تىكىپ ئېلىشىپ، ياپونىيە قوشۇنىنىڭ نۇرغۇن ئادىمىنى ئۆلتۈردى ۋە يارىدار قىلدى. بىراق، پۈتۈن ئارمىيىنىڭ قۇماندانى بولغان يې جىچاۋ بولسا شۇ كېچىسىلا پۈتۈن ئارمىيىگە چېكىنىش بۇيرۇقى چۈشۈردى. بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن جۇڭگو قوشۇنلىرى چاۋشيەندىن چېكىنىپ يالۇجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈپ كەتتى. 9- ئاينىڭ 17- كۈنى ياپونىيە فلوتى بىلەن چىڭ سۇلالىسىنىڭ بېيياڭ (شىمالىي ئوكيان) فلوتى خۇاڭخې دېڭىزىدا شىددەتلىك دېڭىز ئۇرۇشى قىلدى. جۇڭگو تەرەپتىن بەش كېمە چىقىم بولدى. بىراق، بىرمۇنچە ياپونىيە كېمىلىرىمۇ زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىدى. لى خوڭجاڭ «كېمىلەرنى ساقلاپ قېلىپ، دۈشمەننى تېزگىنلەش» نى باھانە قىلىپ، بېيياڭ فلوتىغا ۋېيخەي دېڭىزىدىكى مۇھاپىزەتچىلىرى پورتىغا چېكىنىپ كىرىۋېلىشى توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو فلوتى ئۆز ھالاكىتىنى كۈتۈپ ئولتۇرۇشتەك ۋەزىيەت شەكىللەندى. 10- ئايدا ياپونىيە قوشۇنلىرى قوشۇنلىرى ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. بىر يول قوشۇنى چاۋشيەننىڭ شىمالىي ئارقىلىق يالۇجياڭ دەرياسىدىن ئۆتتى. دەريا بويلاپ مۇداپىيىدە تۇرغان چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى جەڭ قىلمايلا ئۆزلۈكىدىن يىمىرىلدى. يەنە بىر يول ياپونىيە قوشۇنى لياۋدۇڭ يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، داليەن ۋە لۈشۈنگە ھۇجۇم قىلدى. 11- ئايدا دالىيەن بىلەن لۈشۈن دۈشمەننىڭ چاڭگىلىغا چۈشتى. 1895- يىلى 1- ئاينىڭ 20- كۈنى ياپونىيە ئارمىيىسى شەندۇڭ يېرىم ئارىلىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، ۋېيخەي دېڭىزىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى مۇھاپىزەت پوتەيلىرىنى ئالدى. ۋېيخەي دېڭىزىدىكى مۇھاپىزەت پورتىدا قامىلىپ قالغان بېيياڭ فلوتىدىكى ۋەتەنپەرۋەر كوماندىر ۋە ئەسكەرلەر لى خوڭجاڭنىڭ بۇيرۇقىغا قارىماي باتۇرلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتتى. بىراق، 2- ئاينىڭ 17- كۈنى ۋېيخەي مۇھاپىزەت ھەربىي پورتى ئاخىر دۈشمەننىڭ قولىغا چۈشتى، لى خوڭجاڭ ئون نەچچە يىل جان كۆيدۈرۈپ تەشكىللىگەن بېيياڭ فلوتى پۈتۈنلەي يىمىرىلدى. شۇ يىلى 3- ئايدا شەنخەيگۈەننىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى 60 مىڭ كىشىلىك خۇنەن ئارمىيىسى ياپونىيە قوشۇنلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي قاتتىق يېڭىلىپ، نيۇجياڭ، يىڭكۇ، تيەنجۇاڭتەي قاتارلىق مۇھىم جايلارنى ئارقا-ئارقىدىن قولدىن بېرىپ قويدى. دېمەك، چىڭ سۇلالىسىنىڭ مەغلۇبىيىتى مۇقىملىشىپ قالدى.
1895- يىلى 4- ئاينىڭ 17- كۈنى لى خوڭجاڭ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ياپونىيىنىڭ سىمونوسېكى (ماگۈەن) شەھىرىدە ياپونىيە ۋەكىلى بىلەن ياپونىيىنىڭ چاۋشيەننى كونترول قىلىش ھوقوقىنى ئېتىراپ قىلىش، لياۋدۇڭ (شەرقىي لياۋنىڭ) يېرىم ئارىلىنى، تەيۋەننى ۋە پىڭخۇ ئاراللىرىنى كېسىپ بېرىش، ئۇرۇش چىقىمىغا 200 مىليون سەر كۆمۈش تۆلەم بېرىش، شاشى، چۇڭچىڭ، سۇجۇ، خاڭجۇلارنى سودا شەھىرى قىلىپ، كۆپەيتىپ ئېچىپ بېرىش، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ياپونىيە كېمىلىرىنىڭ ئىچكى دەريالارنى بويلاپ يۇقىرىقى جايلارغا بېرىشىغا، ياپونلارنىڭ جۇڭگودىكى سودا قىلىدىغان ئېغىزلاردا زاۋۇت ئېچىشىغا رۇخسەت قىلىش قاتارلىق مەزمۇندىكى سىمونوسېكى شەرتنامىسىنى ئىمزالىدى. بۇ چەت ئەل قاراقچىلىرىنىڭ جۇڭگونى ئىمزالاشقا مەجبۇرلىغان نەنجىڭ شەرتنامىسىدىن كىيىنكى ئەڭ ئېغىر تەڭسىز شەرتنامە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ شەرتنامە جۇڭگونىڭ زېمىن كېسىپ بېرىش، تۆلەم تۆلەپ بېرىش كۆلىمىنى مىسلىسىز دەرىجىگە يەتكۈزۈپلا قالماستىن، بەلكى شۇنىڭدىن كېيىن غەربتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنى بىر تەرەپلىمە ھالدا ئەڭ كۆپ ئېتىبار بېرىلىدىغان دۆلەت بولۇش ئىمتىيازىغا ئىگە بولۇۋېلىپ، جۇڭگوغا كۆپلەپ كاپىتال چىقىرىش، جۇڭگودا تەسىر دائىرسىنى بۆلىشىۋېلىش دولقۇنىنى قوزغاش ئىمكانىيىگە ئىگە قىلىپ، جۇڭگونى يېرىم مۇستەملىكە پاتقىقىغا يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ ئىتتىرىش رولىنى ئوينىدى. جۇڭگو-ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشىدىن كېيىن جۇڭگونىڭ زور مىقداردىكى تۆلەم پۇلى ياپونىيىگە ئېقىپ بېرىپ، ياپونىيە كاپىتالىزىمىنى تېز سۈرئەتتە راۋاجلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان مۇھىم كاپىتال بولۇپ قالدى.
 

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 9

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1117 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01