ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

جياۋۇ دېھقانلار ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


 

«ياپونلارنى قوغلاپ چىقىرىش، تۆرە غوجاملارنى يوقىتىش»

 

جياۋۇ دېھقانلار ئۇرۇشى

  

   جياۋۇ دېھقانلار ئۇرۇشى چاۋشيەن دېھقانلىرىنىڭ دۇڭشۆداڭ پىرقىسى رەھبەرلىكىدە فېئوداللار ھۆكۈمرانلىقىغا ۋە چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان قوراللىق قوزغىلىڭىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ قوزغىلاڭ 1894- يىلى (كونا كالېندار بويىچە جياۋۇ يىلى) يۈز بەرگەن بولغاچقا شۇ نام بىلەن ئاتالدى. ئۇ يەنە دوڭشۆداڭ قوزغىلىڭى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
   1876- يىلى ياپونىيە چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، چاۋشيەننىڭ لى جەمەتى فېئودال سۇلالىسىنى تەڭسىز جياڭخۇا شەرتنامىسىنى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلدى، شۇنىڭدىن كېيىن چاۋشيەن ياپونىيىنىڭ مۇستەملىكسىىگە ئايلىنىشقا باشلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا، ئەنگلىيە، روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىپ كىردى، شۇنىڭ بىلەن چاۋشيەن كۈچلۈك جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ بۆلۈشۈۋېلىش ئوبيېكتى بولۇپ قالدى. چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ۋە ئۆز ئېلىدىكى فېئوداللارنىڭ ئۈستى-ئۈستىلەپ سېلىۋاتقان زۇلۇمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي قالغان چاۋشيەن دېھقانلىرى تۇشمۇ تۇشتىن قارشىلىق كۆرسىتىپ كۈرەش قىلىشقا باشلىدى. چاۋشيەن دېھقانلار كۈرىشىنىڭ ھەيۋەتلىك دولقۇنى دۇڭشۆداڭ پىرقىسى ھەرىكىتىنىڭ ئۇلغىيىشىغىمۇ تۈرتكە بولدى. دۇڭشۆداڭ پىرقىسى يەنە دۇڭشۆداڭ دىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1864- يىلى نامرات ئوقۇتقۇچى سۈيجىيۈ بارلىققا كەلتۈرگەن بۇ مەخپى خەلق تەشكىلاتى دىنىي شەكىلدە باراۋەرلىك ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىپ، فېئودال ھۆكۈمرانلىققا ۋە چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇراتتى. دۇڭشۆ دىنى پەيدا بولۇشى بىلەنلا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بىدئەت دىن دەپ قارىلىپ باستۇرۇشقا ئۇچرىدى. 1864- يىلى سۈيجىيۈگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى. 1892- يىلى نۇرغۇن دۇڭشۆ دىنىنىڭ مۇرتلىرى دىن پىشسۋاسىنىڭ نامىنى ئاقلاش يۈزسىدىن مۇراجەت قىلىش كۈرىشىنى قانات يايدۇردى. ئۇزاق ئۆتمەي بۇ كۈرەش «چەت ئەلنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇش، ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىرىنى سۆكۈش» تىن ئىبارەت سىياسىي ھەرىكەتكە ئايلاندى. شۇ يىلى چاۋشيەندە ئېغىر قەھەتچىلىك بولۇپ، ئاچارچىلىقتا ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ جەسىتى ھەممە يەرنى قاپلاپ، ئاخىر داغدۇغىلىق دېھقانلار ئۇرۇشى پارتلىدى.
   1894- يىلى 1- ئايدا دۇڭشۆ پىرقىسىنىڭ داھىيسى چۈەنچىنجۈن گۇفۇ، تەيرېن ئايماقلىرىدىكى دېھقانلارغا باشچىلىق قىلىپ قوزغىلاڭ كۆتۈردى، قوزغىلاڭچىلار گۇفۇ ئايمىقىنىڭ يامۇلىنى ئىشغال قىلىپ، خيانەتچى، پارىخور ئەمەلدارلارنى جازالىدى، تۈرمە ئىشىكلىرىنى ئېچىپ، بىگۇناھ مەھبۇسلارنى ئازاد قىلدى. ئامبارلارنى ئېچىپ، ئاشلىقلارنى ئۆلۈشتى. ئەتراپتىكى دېھقانلارمۇ توپ-توپى بىلەن كېلىپ قوزغىلاڭچىلارغا قوشۇلدى. 2- ئاينىڭ 4- كۈنى دېھقانلار قوشۇنى گۇفۇدىكى چۈنبەيشەن تېغىنى ئىشغال قىلىپ، شۇ يەرنى بازا قىلدى. دېھقانلار قوشۇنى «ئىچكى جەھەتتە خىيانەتكار زالىم ئەمەلدارلارنى جازالاش، تاشقى جەھەتتە كۈچلۈك زوراۋان دۈشمەنلەرنى قوغلاپ چىقىرىش» توغرىسىدا بۇيرۇق ئېلان قىلىپ، «ياپونلارنى قوغلاپ چىقىرىش، بەگ-غوجاملارنى قويماي يوقىتىش» شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ بەس-بەستە ئاۋاز قوشۇشىغا مۇيەسسەر بولدى. دېھقانلار قوشۇنى تېز ئۇلغىيىپ، ئادەم سانى 8000 كىشىدىن ئاشتى. قوزغىلاڭ تېز سۈرئەتتە پيوڭياڭنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچتىن بىر قىسىم چاۋشيەن زېمىنىنى قاپلاپ، مەملىكەت خاراكتېرىلىك دېھقانلار ئۇرۇشىنى شەكىللەندۈردى. ھۆكۈمەت تەرەپ ھەربىي باستۇرۇشى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇرۇشنى كېچىكتۈرۈش ھىيلىسىنى ئىشلىتىپ، 6- ئاينىڭ 10- كۈنى دېھقانلار قوشۇنى بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئالدانغان دېھقانلار قوشۇنى چۈەنچۈەندىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئىستىراتېگىيىلىك جايدىن يەڭگىللىك بىلەن چېكىنىپ چىقتى. ئۇنىڭدىن كېيىن چۈەنچىنجۈەن رەھبەرلىكىدىكى دېھقانلار قوشۇنى چۈەنلۇداۋدىكى 53 ئايماقتا دېھقانلار ھاكىمىيىتى قۇردى. بىراق، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمنامىنىڭ سىياھى قۇرىماي تۇرۇپلا فېئودال ھۆكۈمرانلار دېھقانلار قوشۇنىغا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى. 6- ئاينىڭ 6- كۈنى جۇڭگونىڭ چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى لى جەمەتى ئىلكىدىكى خاندانلىقنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ياشەندە قۇرۇقلۇققا چىقتى. ئارقىدىنلا ياپونىيىنىڭ چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىپ كىردى دېگەن باھانىدە چاۋشيەنگە قوشۇن ئەۋەتىپ، 7- ئاينىڭ 15- كۈنى جۇڭگو-ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشىنى قوزغىدى. 9- ئايدا ياپونىيە قوشۇنى چاۋشيەننىڭ ھۆكۈمەت قوشۇنى بىلەن تىل بېرىكتۈرۈپ، دېھقانلار قوشۇنىنى باستۇردى. ئادەم سانى ئۇلغىيىپ 100 مىڭ كىشىدىن ئاشقان دېھقانلار قوشۇنى جاسارەت بىلەن قارشىلىق كۆرسەتتى. 10- ئايدا دېھقانلار قوشۇنى جۇڭچېڭداۋ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى گۇاڭجۇغا ھۇجۇم قىلىپ، ياپونىيە قوشۇنلىرى ۋە چاۋشيەن ھۆكۈمەت قوشۇنى بىلەن ئۇدا ئالتە كۈن كەسكىن جەڭ قىلدى. لېكىن دۈشمەن بىلەن ئۆز ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ پەرقى بەك چوڭ بولغاچقا، ئاخىر ئېغىر چىقىم تارتىپ مەغلۇپ بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن دېھقانلار قوشۇنى پارتىزانلىق ئۇرۇشىغا ئۆتتى. چۈەنچىنجۈن قوشۇنلىرىنى باشلاپ جەنۇبقا چېكىندى. 12- ئاينىڭ 9- كۈنى خائىننىڭ مەخپىيەتنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقى تۈپەيلىدىن چۈەنچىنجۈن يول ئۈستىدە ئەسىرگە چۈشۈپ قالدى ۋە شۇ يىلى 3-ئايدا باتۇرلارچە قۇربان بولدى.
   جياۋۇ يىلىدىكى دېھقانلار ئۇرۇش كۈنسايىن يىمىرىلىشكە باشلىغان چاۋشيەننىڭ فېئوداللىق تۈزۈمىنىڭ ئۇلىنى تەۋرىتىپ قويدى، ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا زەربە بېرىپ، چاۋشيەن خەلقىنىڭ مىللىي ئېڭىنى ئۇلغايتتى. چاۋشيەن تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ زور بولغان بۇ قېتىمقى دېھقانلار ئۇرۇشى ھەم چاۋشيەننىڭ كونىچە دېھقانلار قوزغىلىڭى تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسى، ھەم چاۋشيەننىڭ يېقىنقى زامان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، شۇنداقلا 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى ئاسىيا خەلقىنىڭ مۇستەملىكچىلىككە، فېئوداللىزىمغا قارشى ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم بىر تەشكىلى قىسىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 446 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01