ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

جۇڭگو-فرانسىيە ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


تاجاۋۇزچىلارنىڭ «يەڭمەي تۇرۇپ غەلىبە قازىنىشى»

 

جۇڭگو-فرانسىيە ئۇرۇشى

  

   جۇڭگو-فرانسىيە ئۇرۇشى 19- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا فرانسىيىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ.
   1880- يىلى رۇفېللى فرانسىيە ئىچكى كابىنتنىڭ زۇڭلىسى بولغاندىن كېيىن، ۋېيتنامنى ئىشغال قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ جۇڭگوغا تاجاۋۇ‍ز قىلىشتىن ئىبارەت كېڭەيمىچىلىك پىلانىنى يولغا قويۇشقا بەل باغلىدى. 1883- يىلى 8- ئايدا فرانسىيە مۇستەملىكچىلىرى ۋېيتنامنىڭ شۇنخۇا شەھىرىگە بېسىپ كىرىپ، ۋېيتنام پادىشاھىنى شۇنخۇا شەرتنامىسىنى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلىپ، ۋېيتنامنى ئۆز ھىمايىسىگە ئىلىش ھوقوقىغا ئېرىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن فرانسىيە تاجاۋۇزچىىلىق تىغ ئۇچىنى ئۇدۇللا جۇڭگوغا توغرىلىدى. شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا فرانسىيە قوشۇنلىرى ۋېيتنامنىڭ سەنشى رايونىدا شۇ يەردە تۇرۇشلۇق چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى بىلەن قارا تۇغلۇق قوشۇنى بىرلىكتە مۇھاپىزەت قىلىۋاتقان ئىستىھكامغا ھۇجۇم قىلىپ، رېد-رىۋېردىكى ئۈچ بۇرجەك ۋادىنى تېز سۈرئەتتە ئىشغال قىلدى، جۇڭگو-ۋېيتنام چېگرىسىغا قىستاپ باردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، فرانسىيە ھەربىي كېمىلىرى جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇب دېڭىز بويلىرىغا كېلىپ، ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى. 1884- يىلى 5- ئايدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئىچىدىكى سۈلھى تەرەپتارلىرى لى خۇڭجاڭ تيەنجىندە فرانسىيە تەرەپ بىلەن شەرتنامە ئىمزالاپ، فرانسىيىنىڭ ۋېيتنام بىلەن ئىمزالىغان شەرتنامىنى ئېتىراپ قىلىپ، جۇڭگونىڭ ۋېيتنامدا تۇرۇشلۇق قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىشقا ۋە جۇڭگو-ۋېيتنام چېگرىسىدا بازار ئېچىپ بېرىشكە قوشۇلدى. بۇ ئىش جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش قارا نىيىتىدە بولۇپ كەلگەن فرانسىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ خورىكىنى ئۆستۈرۈپ قويدى. 1884- يىلى 8- ئاينىڭ 4- كۈنى فرانسىيىنىڭ ھەربىي كېمىلىرى تەيۋەننىڭ جىلۇڭ دېگەن يېرىگە كىرگەندە بۇ يەرنى ساقلاۋاتقان جۇڭگو قوشۇنلىرى تەرىپىدىن چېكىندۈرۈلدى. 8- ئاينىڭ 23- كۈنى فرانسىيە ھەربىي كېمىلىرى فۇجيەندىكى مارېي ھەربىي پورتىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى، فۇجىيەت دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ 11 ھەربىي كېمىسى چۆكتۈرۈۋېتىلدى. 700 دىن ئارتۇق كوماندىر ۋە ئەسكىرى .ئۆلدى ۋە يارىدار بولدى. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئۈچ كۈندىن كېيىن جامائەتچىلىكنىڭ ھەيدەكچىلىكى بىلەن فرانسىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. 10- ئايدا فرانسىيە ئارمىيىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تەيۋەننىڭ جىلۇڭ، دەنسۈي دېگەن يېرىگە ۋە جېجاڭنىڭ جېنخەي دېگەن يېرىگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، شۇ جايلاردىكى ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ باتۇرانە قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. 1885- يىلنىڭ بېشىدا فرانسىيە جۇڭگو-ۋېيتنام چېگرىسىغا ئۈزلۈكسىز قوشۇن ئەۋەتىپ، ئەسكىرى كۈچىنى كۆپەيتتى. بىراق، لى خۇڭجاڭ بولسا چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىغا لياڭشەننى تاشلاپ، چېگرىغا چېكىنىپ كېلىش توغرىسىدا بۇيرۇق بەردى. شۇ يىلى 2- ئايدا فرانسىيە قوشۇنى جۇڭگو-ۋېيتنام چېگرىسىدىكى مۇھىم بازا جېننەنگۈەننى ئىشغال قىلدى. 70 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان پېشقەدەم سەركەردە فېڭ زىسەي چېگرا بويلىرىدىكى ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە بىنائەن ھەر قايسى قوشۇنلارغا قوماندانلىق قىلىپ، جىننەنگۈەندە باتۇرلۇق بىلەن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى. بىر قانچە مەرتەم شىددەتلىك ئېلىشىش نەتىجىسىدە چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى دۈشمەن ئارمىيىسىنىڭ 1000 دىن ئارتۇق ئادىمىنى ئۆلتۈردى ۋە يارىدار قىلدى. فرانسىيە قوشۇنلىرىنىڭ باش قوماندانى نېگېلنىمۇ ئېغىر يارىدار قىلىپ، غەلىبىسېرى ئىلگىرىلەپ لياڭشەننى قايتۇرۇۋالدى. جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنى زىلزىلگە سالغان جېننەنگۇ چوڭ غەلىبىسى پۈتكۈل ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ليۇيۈڭفۇنىڭ  قارا تۇغلۇقلار قوشۇنى ۋېيتنام خەلقىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا لىنجاۋدا فرانسىيە ئارمىيىسنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى. فرانسىيە قوشۇنلىرىنىڭ پاجىئەلىك مەغلۇبىيىتى پۈتكۈل فرانسىيىنى تەۋرىتىۋەتتى، شۇ سەۋەبتىن رۇفېللى ئىچكى كابىنتى تەختتىن چۈشتى. فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبە قىلىشى كۆزگە كۆرۈنۈپلا قالغان بىر پەيتتە، لى خوڭجاڭ قاتارلىقلار «جەڭنى غەلىبىسېرى يىغىشتۇرۇش» نى تەشەببۇس قىلىپ، ئالدىنقى سەپتە ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا بۇيرۇق بېرىپ، خەلقنىڭ غەلبىسىنى تاجاۋۇزچىلاردىن سۈلھى تەلەپ قىلىشنىڭ دەسمايىسى قىلىۋالدى.
   1885- يىلى 6- ئاينىڭ 9- كۈنى لى خوڭجاڭ فرانسىيىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ھۆكۈمەت ئەلچىسى پانتو بىلەن تيەنجىندە ھاقارەتلىك جۇڭگو-فرانسىيە يېڭى شەرتنامىسىنى ئىمزالىدى. بۇ يېڭى شەرتنامىدە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى فرانسىيىنىڭ ۋېيتنامنى ھىمايىسىگە ئېلىش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ھەمدە يۈننەن ۋە گۋاڭشى ئۆلكىلىرىنىڭ جۇڭگو ۋېيتنام چېگرىسىدا بازار ئېچىشىغا قوشۇلىدۇ. جۇڭگو بۇنىڭدىن كېيىن تۆمۈر يول ياساش ۋاقتىدا فرانسىيە بىلەن ھەمكارلىشىشى لازىم، دەپ بەلگىلەنگەن. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ مۇرەسسە قىلىشى ۋە تەسلىم بولۇشى نەتىجىسىدە جۇڭگو بۇ ئۇرۇشتا يېڭىلمەي تۇرۇپمۇ مەغلۇپ بولدى، فرانسىيە بولسا يەڭمەي تۇرۇپمۇ غەلىبە قازىنىپ، ئۇنىڭ تاجاۋۇزچىلىق كۈچلىرى ئېلىمىزنىڭ غەربىي جەنۇب چېگىرلىرىغا كېڭەيدى.
 

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 746 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01