ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

مەھدى قوزغىلىڭى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


 

«مىڭ جان تىكىپ ئېلىشساق ئېلىشىمىزكى، بىر
تىيىنلىكمۇ باج تاپشۇرمايمىز»

 

مەھدى قوزغىلىڭى

  

   بۇ 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا سۇداننىڭ مىللىي قەھرىمانى مەھدىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى سۇدان خەلقىنىڭ ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرىشى، شۇنداقلا ئافرىقىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ زور بىر قېتىملىق مۇستەملىكچىلىككە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
   1820- يىلى مىسىر سۇداننى بويسۇندۇرۇشقا باشلىدى. 19- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرى ئەنگلىيە مىسىرغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن، مىسىرنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ تەسىر دائىرسىنى سۇدانغا كېڭەيتتى. شۇنىڭدىن كېيىن سۇدان نامدا مىسىرغا مەنسۈپ بولدى، ئەمەلىيەتتە ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكسىگە ئايلىنىپ قالدى. ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلىرى بارا-بارا مىسىرلىقلارنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، سۇدانغا باش ۋالىي ۋە ھەر قايسى ئۆلكىلەرگە ئۆلكە باشلىقى بولۇۋالدى. جۇڭگونىڭ تەيپىڭ تيەنگو ئىنقىلابىنى باستۇرغان ئەنگلىيىلىك جاللات گوردون 1877- يىلى سۇداننىڭ باش ۋالىيسى بولدى. ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلىرى، مىسىرنىڭ فېئودال خاندانلىقى ۋە سۇدان فېئوداللىرىنىڭ ئېغىر ئۈچ قات زۇلىمى ئاستىدا قالغان سۇدان خەلقى ئۈزلۈكسىز تۈردە قوزغىلىپ، تۈرلۈك ۋاستىلەر بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ كۈرەش قىلدى. ھەمدە قوزغىلىڭى سۇدان خەلقىنىڭ قارشىلىق يانغىنىنىڭ بىر قېتىملىق ئومۇمىيۈزلۈك پارتلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قوزغىلاڭنىڭ تەشكىلاتچىسى ۋە رەھبىرىي مەھدى بىر كېمە ئىشچىسىنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئەسلى ئىسمى مۇھەممەد ئەھمىدى ئىدى، سىستېمىلىق ئىسلام تەربىيىسى ئالغان مەھدى ئابا ئارىلىدا ۋە كوردوۋا قاتارلىق جايلاردا ۋەز ئېيتقان چاغلىرىدا ئېغىر باج-سېلىقلارنى بىكار قىلىش، ھەممە كىشى بابباراۋەر بولۇش ۋە مىللىي مۇستەقىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلدى. 1881- يىلى 5- ئايدا ئۇ ئۆزىنى خۇدا يەر يۈزىگە ئەۋەتكەن پەرىشتە - «مەھدى» دەپ ئاتاپ، خەلىقنى چەت ئەللىكلەرنى ۋە كاپىرلارنى قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن «غازات» قىلىشقا چاقىردى. شۇ يىلى 8- ئاينىڭ 12- كۈنى مەھدى ئۆز مۇرتلىرىغا باشچىلىق قىلىپ، ئابا ئارىلىدا قورشاپ يوقىتىش ئۈچۈن كەلگەن ھۆكۈمەت قوشۇنلىرىنى يوقىتىپ، ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلىرىگە قارشى قوزغىلاڭنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىۋەتتى.
   مەھدى باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى كادىل تاغلىق رايونىدا بازا قۇردى. ئاندىن 6400 دىن ئارتۇق ھۆكۈمەت قوشۇنىنىڭ ھۇجۇمىنى ئارقا-ئارقىدىن بىتچىت قىلدى ھەمدە 1883- يىلى 1- ئايدا كوردوۋا ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى ئۇبەيتنى ئالدى. تەڭداشسىز قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى مۇستەملىكچىلەرنى قاتتىق ئەندىشىگە سالدى. 1883- يىلى 11- ئايدا قېرى ئەنگلىيە مۇستەملىكچىسى خېككىس 10 مىڭ كىشىلىك يىراققا يۈرۈش قىلىش قوشۇنىغا قۇماندانلىق قىلىپ، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا يۇپۇرۇلۇپ كەلدى. نەتىجىدە 11- ئاينىڭ 5- كۈنى ئۇبەيت ئەتىراپىدىكى شىگەن دېگەن جايدا قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ يۇشۇرۇن ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، پۈتۈن يىراققا يۈرۈش قىلىش قوشۇنىدىن پەقەت 250 لا ئادەم قالدى. خىككېس ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. 1884- يىلى 5- ئايدا قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى يەنە شىمالدىكى مۇھىم بازار بېربېرنى ئالدى. 1885- يىلى 1- ئاينىڭ 26- كۈنى مەھدى قۇماندانلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى سۇداننىڭ پايتەختى خارتۇمنى قايتۇرۇۋېلىپ، گوردوننى ئۆلتۈردى. 1885- يىلى يازدا دېڭىز بويىدىكى سۇئاگىن پورتىدىن باشقا سۇداننىڭ بارلىق زېمىنى ئەنگلىيە بىلەن مىسىرنىڭ كونتروللىقىدىن ئازاد بولدى. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى مۇستەقىل ۋە بىرلىككە كەلگەن مەھدىيە دۆلىتىنى قۇردى، ئوندۇرمان پايتەخت قىلىپ بەلگىلەندى، مەھدى دۆلەت باشلىقى بولدى. 1885- يىلى 6- ئايدا مەھدى چېچەك چىقىپ بەختكە  قارشى ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ ئالەمدىن ئۆتۈش ئالدىدا خەلىپە ئابدۇللانى ئۆزىگە ۋارىس قىلىپ بەلگىلىگەنىدى. شۇنىڭدىن كېيىن مەھدىيە دۆلىتى ئىچكى جەھەتتە بىر قاتار سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي ئىسلاھاتلارنى يولغا قويدى. تاشقى جەھەتتە تاجاۋۇزچىلاردىن قەتئىي تۈردە مۇداپىئە كۆردى. 1885- يىلىدىن 1896- يىلىغىچە ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلىرى ئېفىئوپىيە ئارمىيىسىنى كۈشكۈرتۈپ سۇدانغا ھۇجۇم قىلدۇرۇپ، مەھدىيەنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇردى. 1896- يىلى 3- ئايدا كىچېنېر يېڭىچە قوراللار بىلەن قوراللانغان 25 مىڭ كىشىلىك ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلەر قوشۇنىنى باشلاپ قايتىدىن ھۇجۇم قىلىپ كەلدى. سۇداندىكى ئارمىيە ۋە خەلق قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكتىن، مۇستەملىكچىلەر قوشۇنى تېز ئىلگىرلىيەلمىدى. 1898- يىلى 4- ئايدا ئىككى تەرەپ ئەتبەرە دەرياسىنىڭ بويىدا شىددەتلىك جەڭ قىلدى. بۇ جەڭدە قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى مەغلۇپ بولدى. شۇ يىلى 9- ئاينىڭ 2-كۈنى ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلەر قوشۇنى بىلەن قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ئومدۇرمان شەھىرىنىڭ شەھەر ئەتىراپىدا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلدى. جەڭدە قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ئېغىر چىقىم تارتتى. 27 مىڭ ئادىمى ئۆلدى ۋە يارىدار بولدى. مۇستەملىكچىلەر قوشۇنى ئومدۇرمان، خارتۇم شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلدى، ئابدۇللا قالدۇق قىسىملىرىنى باشلاپ كوردوۋاغا چېكىنىپ، پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلدى. 1899- يىل 11- ئاينىڭ 25- كۈنى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى مەھدى قوزغىلىڭىنىڭ بۆشۈكى ئابا ئارىلىنىڭ ئەتىراپىدا مۇستەملىكچىلەر قوشۇنى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم زور كۆلەملىك جەڭ قىلدى. جەڭدە قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ ئابدۇللا قاتارلىق كۆپ قىسىم كوماندىر ۋە لەشكىرى قازا قىلدى، قوزغىلاڭ ئاساسى جەھەتتىن ئاخىرلاشتى. 1899- يىلى ئەنگلىيە بىلەن مىسىر سۇداننى ئورتاق باشقۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى، سۇدان ئەنگلىيە بىلەن مىسىرنىڭ ئورتاق باشقۇرۇشىدا بولىدۇ، دېگەن نامدا ئەنگلىيىنىڭ رەسمىي مۇستەملىكسى بولۇپ قالدى.
   ئىزچىل تۈردە 18 يىل داۋاملاشقان مەھدى قوزغىلىڭى ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيادا بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ مۇستەملىكچى ئىمپېرىيە سانىلىدىغان ئەنگلىيىگە قاقشاتقۇچ زەربە بەردى. بۇ قوزغىلاڭ كۆلىمىنىڭ چوڭلۇقى، داۋاملاشقان ۋاقىتنىڭ ئۇزۇنلۇقى، تەشكىلچانلىقنىڭ كۈچلۈكلۈكى بىلەن ئافرىقىنىڭ يېقىنقى زامان مۇستەملىكچىلىككە قارشى كۈرەش تارىخىدا تەڭداشسىز بولۇپلا قالماستىن، يېقىنقى زامان دۇنيا مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى تارىخىدىمۇ كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ. قوزغىلاڭچىلار سۇدان تارىخىدا بىرىنچى بولۇپ سۇداندىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇستەقىل، بىرلىككە كەلگەن دۆلەتنى قۇرۇپ چىقتى، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۇ قوزغىلاڭ سۇدان تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم بىر ئابىدە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 418 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01