ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

زۇلۇ ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


دىسرېلى كابىنتىنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قېلىشى

 

زۇلۇ ئۇرۇشى

    

   زۇلۇ ئۇرۇشى 1879- يىلى ئەنگلىينىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدىكى زۇلۇلارغا قوزغىغان مۇستەملىكە ئۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ.
   زۇلۇلار جەنۇبىي ئافرىقىدىكى بانتۇلارنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 19- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا زۇلۇ قەبىلىلىرى بىرلىككە كەلگەن زۇلۇ پادىشاھلىقى بولۇپ شەكىللەندى. بىراق 19- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدىن 60- يىللىرىغىچە ئەنگلىيە ۋە بور مۇستەملىكچىلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچراپ، نۇرغۇن زېمىنى، پىل چىشى ۋە چارۋىسى تارتىۋېلىندى. 70- يىللاردا جەنۇبىي ئافرىقىدا ئالماس ۋە ئالتۇن كانلىرىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، ئەنگلىيە جەنۇبىي ئافرىقىدىكى كېڭەيمىچىلىكنى كۈچەيتتى ۋە يېڭىۋاشتىن گۈللىنىشكە باشلىغان زۇلۇ پادىشاھلىقىنى ئۆزىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدا كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى يۈرگۈزۈش يولىدىكى ئاساسى توسالغۇ دەپ قارىدى. 1878- يىلى 12- ئاينىڭ 11- كۈنى ئەنگلىيىنىڭ باش ۋالىيسى زۇلۇ پادىشاھلىقىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان ھۆكۈمرانى زۇلۇ قوشۇنلىرىنىڭ قورالىنى تاپشۇرۇپ، ئەنگلىيە باش ۋالىيسىنىڭ شۇ يەردە تۇرۇشلۇق ئەمەلدارىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلىشىنى، دىن تارقاتقۇچىلارنىڭ زۇلۇ پادىشاھلىقىغا ئەركىن كىرىشىگە رۇخسەت قىلىشىنى، ئەنگلىيە تەرەپنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ زۇلۇلارنىڭ ھېچقانداق مۇھىم قارارلارنى چىقارماسلىقىنى ۋەھاكازالارنى تەلەپ قىلدى. كيۋانجون ئۆزىگە بېرىلگەن 30 كۈنلۈك مۆھلەت ئىچىدە جاۋاب بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن، 36 زەمبىرەك بىلەن قوراللانغان 13 مىڭ كىشىلىك ئەنگلىيە قوشۇنى 1879- يىل 1- ئاينىڭ 11- كۈنى تۇگرا دەرياسىدىن ئۆتۈپ، زۇلۇ پادىشاھلىقىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى.
   ئەنگلىيە قوشۇنى تۆت يولغا بۆلۈنۈپ ھۇجۇم قىلغانىدى، كيۋانجون ئاددىي قوراللار بىلەن قوراللانغان زۇلۇلار قوشۇنى ۋە خەلقىگە باشچىلىق قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتتى. شۇ يىلى 1- ئاينىڭ 22- كۈنى ئىككى تەرەپ ئىسانداۋانا تېغى ئېتىكىدە ئومۇمىي جەڭ قىلدى. زۇلۇ جەڭچىلىرى ئوق يامغۇرىغا پەرۋا قىلماي ئەنگلىيە قوشۇنلىرىنىڭ گازارمىلىرىغا بېسىپ كىرىپ، دۈشمەن قوشۇنلىرى بىلەن قىلىچۋازلىق جېڭى قىلىپ، ئومۇمىيۈزلۈك غەلىبە قىلدى. بۇ جەڭدە ئەنگلىيىنىڭ 800 ئەسكىرىنى ۋە يەرلىك خەلقتىن قوبۇل قىلغان 500 ياللانما ئەسكىرىنى ئۆلتۈردى. بۇ ئەنگلىيە قوشۇنى قىرىم ئۇرۇشىدىن بۇيانقى جەڭلەر ئىچىدە ئەڭ ئېغىر چىقىم تارتقان بىر قېتىملىق جەڭ بولدى. بىراق، زۇلۇلار غەلىبىسىرى ئىلگىرىلەپ قوغلاپ زەربە بەرمەستىن، ئەنگلىيە تەرەپ بىلەن سۈلھى قىلىش ئۈستىدە كېڭىشىش بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئەنگلىيە قوشۇنلىرىغا ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش پۇرسىتى بېرىپ قويدى. ئەنگلىيە تەرەپ شۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، قوشۇنلىرىنى يۆتكىۋالدى. 7- ئاينىڭ 4- كۈنى ئەنگلىيە قوشۇنىنىڭ ئاساسى كۈچى زۇلۇ پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى ئۇلۇندىدا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلدى، زۇلۇلار جەڭدە ئوقۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. 2300 ئادىمى ئۆلدى ۋە يارىدار بولدى. ئۇلۇندىنى قولدىن بېرىپ قويدى. 8- ئاينىڭ 28- كۈنى كېۋانجون بەختكە قارشى ئەسىرگە چۈشتى. زۇلۇلارنىڭ ئەنگلىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كۈرىشى مەغلۇپ بولدى. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئەنگلىيىلىكلەر بۇ پادىشاھلىقنى 13 ئىمراتقا (قەبىلە باشلىقى ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئۇششاق دۆلەتكە) بۆلۈۋېتىپ، قورچاق ھۆكۈمرانلارنى ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا يۆلەپ تۇرغۇزدى. 1887- يىلى ئەنگلىيە بۇ رايوننى ئۆز ھىمايىسىدىكى دۆلەت دەپ جاكارلىدى. 1897- يىلى ئەنگلىيە قارمىقىدىكى ناتال مۇستەملىكىسىگە رەسمىي كىرگۈزدى.
   گەرچە ئەنگلىيە ئەڭ ئاخىر ئۈستۈن ھەربىي كۈچىگە تايىنىپ بۇ نۇمۇسسىز مۇستەمىلككە ئۇرۇشىدا يېڭىپ چىققان بولسىمۇ، بۇ ئۇرۇشتا ئەنگلىيە نەچچە مىڭ ئەسكىرى ۋە سەركەردىسىدىن ئايرىلدى، 5 مىليون فوندستېرلىڭ خراجەت سەرپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ دسرېلىنىڭ كونسىرۋاتىپلار ھۆكۈمىتى كۆپچىلىكنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ، ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى 2- يىلى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولدى.
 

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 483 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01