ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

غەربىي جەنۇب ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


ياپونىيە فېئودال كۈچلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئېلىشىشى

 

غەربىي جەنۇب ئۇرۇشى

  

   غەربىي جەنۇب ئۇرۇشى ياپونىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى كيۇسيۇ كاگۇسما ئارىلىنىڭ (ئەسلىدىكى ساموئېلنىڭ) غەربىدىكى نىستوسوئې باشچىلىقىدىكى سامۇرايلارنىڭ مىڭجى ھۆكۈمىتىگە قارشى قوراللىق توپىلىڭىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ياپونىيە مىڭجى ئىسلاھاتى مەزگىلىدىكى ئەڭ ئاخىرقى، ئەڭ زور بىر قېتىملىق ئىچكى ئۇرۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
   ساماۋى پادىشاھ مىڭجى باشچىلىقىدىكى ياپونىيە يېڭى ھۆكۈمىتى كاپىتالىزىمنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن 1868- يىلىدىن باشلاپ بىر قاتار بۇرژۇئازىيە ئىسلاھاتى ھەرىكىتىنى ئېلىپ باردى. بۇ جەرياندا بىر مۇنچە ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئىلگىرى مۇھىم ئىمتىيازغا ئىگە بولغان ھەربىي ئاقسۆڭەكلەر قاتلىمىنىڭ- سامۇرايلارنىڭ مەنپەئىتىگە زور دەرىجىدە زىت كەلگەچكە، سامۇرايلار بۇ رېئاللىقتىن بەكمۇ نارازى بولدى. ھەر قايسى جايلاردىكى جاھىل سامۇرايلار مىڭجىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى كۆپ قېتىم پاراكەندىچىلىك، توپىلاڭ ۋە قىرغىنچىلىق ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلدى. نۇرغۇن سامۇرايلار ئۆتكەنكى فېئودال ئىمتىيازلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، سامۇرايلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى ھۆكۈمەت قۇرۇش، ھەتتا سامۇرايلارنى يۇقىرى مەرتىۋىگە، مال-دۇنياغا ئىگە قىلىدىغان تاجاۋۇز خاراكتىردىكى يىراققا ھەربىي يۈرۈش ئۇرۇشىنى قوزغاش خىيالىدا بولدى. قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى نىشتوسوئې باشچىلىقىدىكى سامۇرايلار گۇرۇھى «كورىيىنى بويسۇندۇرۇش تەكلىپى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلماقچى بولدى ھەمدە شۇ ۋاستە ئارقىلىق مەركىزى ھۆكۈمەتنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش غەرىزىدە بولدى. ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان ئوكۇبو بورىمۇ «كورىيىنى بويسۇندۇرۇش» قا قوشۇلدى. بىراق ئاۋۋال ئىچكى ئىشلارنى رەتكە سېلىۋېلىشنى تەشەببۇس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن نىشتوسوئې قاتارلىق كىشىلەر ھۆكۈمەتتىن چېكىنىپ چىقىپ، كونا بېقىندىلارغا قايتىپ بېرىپ، توپىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەييارلىق قىلىپ، كۈچ توپلاشقا كىرىشتى.
   نىشتوسوئې ھۆكۈمەت تەركىبىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، كاكۇسما ئارىلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا «خۇسۇسىي مەكتەپ» لەرنى تەسىس قىلىپ، ھەربىي تايانچىلارنى يېتىشتۈرۈپ، مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن تىركەشتى. 1876- يىلى سامۇرايلار خەنجەر ئېسىپ يۈرۈشنى مەنئى قىلىش پەرمانى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، سامودىكى سابىق ئومېي شىماسوكې خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، شەمشىرىنى كۆتۈرگىنىچە كاگۇسىماغا قايتىپ كېلىپ، سامۇرايلارنىڭ ئۆتكەنكى ئىمتىيازلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىش دولقۇنىنى قوزغىدى. 1877- يىلى 2- ئاينىڭ 15- كۈنى نىستوسوئې «خۇسۇسىي مەكتەپ» لەردىكى سامۇرايلارغا باشچىلىق قىلىپ ھەربىي توپىلاڭ كۆتۈردى. كيۇسيۇنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى سامۇرايلار بەس-بەستە ئاۋاز قوشۇپ، توپىلاڭچى قوشۇننىڭ ئادەم سانى 30 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. ئاز-تولا تەييارلىق كۆرۈپ قويغان ھۆكۈمەتمۇ شاھزادە توسوگاۋانى جازالاش ئىشلىرىغا باش ھەربىي ۋالىي قىلىپ، توپىلاڭنى بېسىقتۇرۇش قوشۇنى تەشكىللەپ باستۇرۇشقا ئەۋەتتى. 2- ئاينىڭ 21- كۈنى توپىلاڭچىلار قوشۇنى كاۋابۇدا غەربىي جەنۇب ئۇرۇشىنىڭ بىرىنچى پاي ئوقىنى ئاتتى. ئارقىدىنلا يەنە كوماموتو شەھىرىگە قاتتىق ھۇجۇم قوزغىدى. بۇ شەھەرنى تېز ئېلىشقا كۆزى يەتمىگەنلىكتىن ھۇجۇم قىلىشتىن ئۇزاق مۇددەت قورشاۋغا ئېلىشقا ئۆتتى. 2- ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىككى تەرەپ كاۋلەيدە شىددەتلىك جەڭ قىلدى. ھەر ئىككى تەرەپتىن ئۆلگەنلەر ۋە يارىدار بولغانلار بولدى. 3- ئايدا ھۆكۈمەت ئارمىيىسى تاناخارا جېڭىدە توپىلاڭچىلار قوشۇنىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، ئۆز غەلىبىسىنى مۇقىملاشتۇردى. 4- ئاينىڭ 15- كۈنى ھۆكۈمەت ئارمىيىسى كوماموتو قورشاۋىنى بۇزدى. 9- ئاينىڭ 24- كۈنى توپىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر بازىسى بولغان كاگوسمامدىكى تاغلىق شەھىرىنى ئىشغال قىلدى. نىشتوسوئې ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى. توپىلاڭچىلار قوشۇنى پۈتۈنلەي يوقىتىلدى.
   غەربىي جەنۇب ئۇرۇشى ياپونىيە سامۇرايلىرىنىڭ فېئوداللىق تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش غەرىزىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ئۇرۇنۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بۇژۇئازىيىنىڭ ھۆكۈمرانلار گورۇھى ئىچىدىكى ئورنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۈچىيىپ، ياپونىيىنىڭ كاپىتالىزىمنى راۋاجلاندۇرۇش قەدىمىنى تېزلەتتى.
 

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 493 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01