ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

تارىختىكى بىردىنبىر «گومىنداڭ خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى»

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


 

تارىختىكى بىردىنبىر «گومىنداڭ خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى»

 

     1949- يىلى 8- ئاينىڭ 4- كۈنى گومىنداڭ خۇنەن ئۆلكىلىك ھەربىي ھۆكۈمەتنىڭ سابىق باشلىقى چېڭ چيەن، چېن مىڭرېنلار ھەقىقەتكە قايتىش توغرىسىدا تېلىفۇنلاشتى. ئەمما ھەقىقەتكە قايتقاندىن كېيىنكى بۇ قىسىمنىڭ ئوفېتسىر – ئەسكەرلىرى مەيدىسىگە «جوڭگۇ گومىنداڭى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى» دېگەن ئىزنەكنى تاقىدى. بۇ بەلكىم جوڭگۇ خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئارمىيە تارىخىدىكى بىردىن بىر پەۋقۇلئاددە قىسىم بۇلىشى مۈمكىن.

     خۇنەننىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ھەقىقەتكە قايتىشى ج ك پ مەركىزىي كومىتىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە رەئىس ماۋزېدوڭنىڭ قۇماندانلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇلۇپ، بۇ رەسمىي ۋەكىللەر ئۆمۈكىنىڭ سۆھبىتىسىزلا غەلىبە قازىنىلغان بىر قېتىملىق ھەقىقەتكە قايتىش ھىسابلىنىدۇ.

     شۇنداق بولغاچقا ھەقىقەتكە قايتقان قىسىمنىڭ ئىچكى مۇقىملىقىغا، ھەقىقەتكە قايتىشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 8- ئاينىڭ 3- كۈنى چېڭ چيەن رەئىس ماۋزېدوڭ ۋە باش قۇماندان جۇدېغا تېلېگرامما يوللاپ، ۋاقىتلىق تەدبىر سۈپىتىدە «جوڭگۇ گومىنداڭى خۇنەن ئۆلكىلىك خەلق ھەربىي ھۆكۈمىتى كومىتىتى» قاتارلىق ئاپىراتلارنى تەسىس قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن. رەئىس ماۋزېدوڭ ۋە باش قۇماندان جۇدې ئەينى ۋاقىتتىكى چېڭ چيەن ۋە چېن مىڭرېننىڭ ئەھۋالى ۋە مەقسىتىنى ياخشى چۈشىنىدىغان بۇلۇپ، ئىككى كومىتىت ئورگېنى تەسىس قىلىش «بىردەك زۆرۈر، يولغا قۇيۇشقا بۇلىدۇ» دەپ قارىغان ھەمدە نامنى ۋاقتىنچە «گومىنداڭ خۇنەن ئۆلكىلىك خەلق ۋاقىتلىق ھەربىي ھۆكۈمىتى كومىتىتى» ۋە «جوڭگۇ گومىنداڭى خۇنەن خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇماندانلىق شىتابى» دەپ بىكىتكەن. شۇڭا بۇ قىسىم ھەقىقەتكە قايتقاندىن كېيىن، ھەر بىر كىشىنىڭ مەيدىسىگە «جوڭگۇ گومىنداڭى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى» دېگەن ئىزنەك تاقالغان.

     بىر قېتىم رەئىس ماۋزېدوڭ بىلەن چېن مىڭرېن پاراڭلاشقاندا، چېن مىڭرېن مۇنداق دېگەن: «مەن بىر ھەربىي، ھەربىي ئىشلار جەھەتتە دۆلەتكە كۆپرەك كۈچ چىقىرىشنى ئويلايمەن. لېكىن مىنىڭ ئۇ قىسىمىم يەنىلا گومىنداڭ خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، دىيىلمەكتە، جوڭگۇ خەلق ئارمىيەسىگە ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز». بۇ تەلەپ تىزلا رەئىس ماۋزېدوڭنىڭ تەستىقلىشى ۋە ماقۇللىشىغا ئېرىشكەن. شۇ يىلى ليۇ ياڭدا ئارمىيەنىڭ تۈزۈلمە ۋە شىتاتلىرى تەرتىپكە سېلىنغاندا، چېن مىڭرېننىڭ سابىق گومىنداڭ 1- بىڭتۇەنى رەسمىي ھالدا جوڭگۇ خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 21- بىڭتۇەنىگە ئۆزگەرتىلگەن. چېن مىڭرېن داۋاملىق قۇماندان بۇلىۋەرگەن. بۇنىڭ بىلەن «جوڭگۇ گومىنداڭى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى» دېگەن نام بىكار قىلىنغان.

 

مەنبە: http://www.alimbiz.net/?p=1106

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 586 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01