ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

پروسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار غايىنىڭ

ئەمەلگەئاشۇرۇلۇشى

 

پروسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشى

 

   پروسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشى پروسسىيە بىلەن فرانسىيە ئوتتورىسىدىكى ياۋرۇپاغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىنى تالىشىش يۈزسىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇش، شۇنداقلا 19- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى دانىيە ئۇرۇشى، پروسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يولىدا ئېلىپ بېرىلغان 3- قېتىملىق سۇلالىلەر ئۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
   پروسسىيە-ئاۋسترىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن پروسسىيە بىلەن فرانسىيە ئوتتۇرىسىدكى زىددىيەت گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە ياۋرۇپا قۇرۇقلۇقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىنى تالىشىش مەسىلىلىرى تۈپەيلىدىن كۈنسايىن كەسكىنلەشتى. 1867- يىلى پروسسىيە باشچىلىقىدىكى شىمالىي گېرمانىيە فېدېراتسىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن پاۋارىيە، بادىن، ۋيۇرتېمبېرگ، ھېسسېن، دارمىشتات قاتارلىق جەنۇبىي گېرمانىيىدىكى تۆت دۆلەت فرانسىيىنىڭ توسقۇنلۇقى تۈپەيلىدىن فېدېراتسىيىنىڭ سىرتىدا قالغانىدى. شۇڭا، بېسمارك «تۆمۈر بىلەن قان سىياسىتى» نى داۋاملىق يولغا قويۇپ، گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن فرانسىيىنى مەغلۇپ قىلىشى شەرت ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق فرانسىيىنىڭ كۆمۈر، تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش رايونى ئېلزاس بىلەن روللىنى تارتىۋېلىپ، ياۋرۇپا قۇرۇقلۇقىغا خوجايىن بولۇش ئورنىنى قولغا كەلتۈرۈش خىيالىدا ئىدى. ناپولېئون 3 بولسا ياۋرۇپاغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن فرانسىيىنىڭ شەرقىدە كۈچلۈك بىر قوشنا دۆلەتنىڭ پەيدا بولۇشىدىن كۈچىنىڭ بارىچە ساقلىنىشى كېرەك. شۇڭا ئۇ، جەنۇبىي گېرمانىيىدىكى تۆت فېدېراتسىيە دۆلەتنى كونترول قىلىپ، گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىشىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇناتتى. ناپولېئون 3 يەنە رېيىن دەرياسىنىڭ سول قېشىدىكى گېرمانىيە زېمىنىنى ئىەىلىۋېلىش غەرىزىدە ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەملىكەت ئىچىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي كىرزىستىن قۇتۇلۇپ، بوران-چاپقۇندا لىڭشىپ قالغان فرانسىيسە 2 ئىمپېريىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى خەۋپتىن قۇتقۇزۇۋېلىش ئۈچۈنمۇ پروسسىيە بىلەن قەتئىي ئۇرۇش قىلىش نىيىتىگە كەلگەنىدى. دېمەك، ھەر ئىككى تەرەپ قىلىچلىرىنى قېنىدىن سۇغۇرۇشقان بولۇپ، ئۇرۇشتىن ساقلىنىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
   ئىسپانىيە پادىشاھىنىڭ تەختكە ۋارىسلىق قىلىش مەسىلىسى بۇ ئۇرۇشنىڭ پارتلىشىغا تۇترۇق بولدى. 1870- يىلى پروسسىيە بىلەن فرانسىيە ئوتتۇرىسىدا ئىسپانىيە پادىشاھىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش مەسىلىسىدە تالاش-تارتىش يۈز بەردى. 7- ئاينىڭ 13- كۈنى فرانسىيە باش ئەلچىسى پروسسىيە پادىشاھىنىڭ خوھېنسورۇن جەمەتىنىڭ ئىسپانىيە پادىشاھىنىڭ تەخت ۋارىسى بولۇشىغا جەزمەن مەڭگۈ قوشۇلماسلىققا كاپالەت قىلىشنى قەتئىي تەلەپ قىلدى. پروسسىيە پادىشاھى بۇ تەلەپنى سىلىق رەت قىلدى ھەمدە بۇ ئىشنىڭ جەريانىنى بېسماركقا تېلېگرامما ئارقىلىق يەتكۈزدى. ئۇرۇش قىلىشنى ئاللىبۇرۇنلا كۆڭلىگە پۈكۈپ قويغان بېسمارك تېلېگرامما تېكىستىنى بۇرمىلاپ، فرانسىيىگە ھاقارەت قىلىدىغان ۋەزىنگە كەلتۈرۈپ ئېلان قىلىۋەتتى. 1870- يىلى 7- ئاينىڭ 19- كۈنى فرانسىيە شۇ باھانىدە پروسسىيىگە جەڭ ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن پروسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشى پارتلدى. ئۇرۇشنىڭ دەسلىپىدە فرانسىيە ھەرىكەتتە سۇسلۇق قىلىپ، پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدى. پروسسىيە ئارمىيىسى بولسا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ كۈچ توپلىدى. 8- ئاينىڭ 2- كۈنى فرانسىيە قوشۇنلىرى گېرمانىيە چېگرىسىغا بېسىپ كىرگەندە پروسسىيە قوشۇنلىرىنىڭ قاقشاتقۇچ زەربىسىگە ئۇچرىدى. 8- ئاينىڭ 4- كۈنى ئومۇمىيۈزلۈك قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن پروسسىيە ئارمىيىسى ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ، فرانسىيىگە ھۇجۇم قىلىپ كىردى. فرانسىيە ئارمىيىسى پۈتۈن سەپتە تارمار قىلىندى. ئاساسىي پروسسىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن بۆلىۋېتىلدى. 9- ئاينىڭ 1- كۈنى 200 مىڭ كىشىلىك پروسسىيە ئارمىيىسى سېدانغا ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغىدى. دەسلەپتە فرانسىيە قوشۇنلىرى ئۆز ئىستىھكامىدا مۇستەھكەم تۇرۇپ، پروسسىيە قوشۇنلىرىغا قارشىلىق كۆرسەتتى. بىراق، كېيىن پروسسىيە قوشۇنى 680 زەمبىرىكى ئارقىلىق شىددەتلىك بومباردىمان قىلىپ، 120 مىڭ كىشىلىك فرانسىيە قوشۇنىنىڭ فرانسىيە قوشۇنىنىڭ ئىككى پۇتىنى بىر ئۆتۈككە تىقتى. ئىككىنچى كۈنى ناپولېئون 3، باش قوماندان ماك ماخون، شۇنداقلا 39 گېنېرال، 86 مىڭ كوماندىر ۋە ئەسكەر پۈتۈنلەي ئەسىرگە چۈشتى. سېداننىڭ پاجىئەلىك مەغلۇبىيىتى توغرىسىدىكى خەۋەر پارىژغا يېتىپ كەلگەندە خەلقنىڭ غەزىپى قايناپ تاشتى. 9- ئاينىڭ 4- كۈنى پارىژدا ئىنقىلاپ دولقۇنى قوزغىلىپ، 2- ئىمپېرىيە ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلدى ھەمدە گېنېرال تىروسى باشچىلىقىدىكى دۆلەت مۇداپىئە ھۆكۈمىتى تەسىس قىلىندى. بۇ چاغدا ئۇرۇشنىڭ خاراكتىرى پروسسىيىنىڭ مىللىي قوغدىنىش ئۇرۇشىدىن فرانسىيىگە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىغا ئۆزگەردى. ھالبۇكى، دۆلەت مۇداپىئە ھۆكۈمىتى پروسسىيە ئارمىيىسىگە پائال تۈردە قارشىلىق كۆرسەتمىگەنلىكتىن، پروسسىيە قوشۇنلىرى توسالغۇسىز ئىلگىرلىدى ۋە 9- ئاينىڭ 19- كۈنى پارىژنى قورشىۋالدى. 10- ئاينىڭ 29- كۈنى ماتز قورۇقىنى قوغداۋاتقان باش قوماندان بازان پروسسىيە ئارمىيىسىگە تەسلىم بولدى، 173 مىڭ كىشىلىك فرانسىيە قوشۇنى ئەسىرگە چۈشتى، پروسسىيە قوشۇنلىرى ماتز قورغىنىنى ئېلىپلا قالماستىن، فرانسىيە قوشۇنلىرىنىڭ 1500 زەمبىرىكىنى، 200 مىڭ تال مىلتىقىنى غەنىيمەت ئالدى. 1871- يىلى 1- ئاينىڭ 28- كۈنى فرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە ھۆكۈمىتى پروسسىيە بىلەن ھاقارەتلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزدى. 5- ئاينىڭ 10- كۈنى يەنە فرانكفورد تىنچلىق شەرتنامىسى تۈزۈلۈپ، فرانسىيە ئېلزاس بىلەن لورېننى پروسسىيىگە كېسىپ بېرىشكە، 5 مىليارد فرانك تۆلەشكە مەجبۇر بولدى.
   پروسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن پروسسىيە ئاخىر گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈردى. 1870- يىلىنىڭ ئاخىرىدا جەنۇبىي گېرمانىيىدىكى تۆت دۆلەت شىمالىي گېرمانىيە فېدېراتسىيىسىگە كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى، 1871- يىلى 1- ئاينىڭ 28- كۈنى پروسسىيە پادىشاھى ۋىليام 1 فرانسىيە پەنئىرسى سارىيىدىكى تاشئەينەك زالىدا گېرمانىيىنىڭ پادىشاھلىق تاجىنى كىيىپ، گېرمانىيە ئىمپېريىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. بىرلىككە كەلگەن گېرمانىيىنىڭ شەكىللىنىشى ئارقىسىدا ياۋرۇپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر ئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسى ئۆزگەردى، گېرمانىيە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ياۋرۇپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. پروسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشى نەتىجىسىدە فرانسىيە ئاپەتلىك ئاقىۋەتكە قىلىپ، ئېلزاسى بىلەن لوررېندىن، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ مۇھىم سانائەت ۋە كان بايلىقلىرىدىن مەھرۇم قالدى، دۆلەت كۈچى ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلاشتى. خەلقئارادا تۇتقان ئورنى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەپ كەتتى. ياۋرۇپا قۇرۇقلۇقتىكى ئۈستۈنلۈكىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم بولدى. گېرمانىيىنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشى ۋە فرانسىيىنىڭ مەغلۇبىيىتى 19- ئەسىردە يارۇپادىكى خەلقئارا كۈرەشنىڭ كەسكىنلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، 1- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ يۇشۇرۇن ئاپەت يىلتىزى بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىن باشقا، پروسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشى فرانسىيىدە دۇنيا تارىخىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن يەنە بىر ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىگە يەنە 1871- يىلىدىكى پارىژ كوممۇناسىنىڭ ھۇجۇتقا كېلىشىگە سەۋەب بولدى.
 

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 457 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01