ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

ياپونىيە ۋۇجېن ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


 

مىللىتارىستلار ھۆكۈمرانلىقىنى پاچاقلاپ تاشلاش

 

ياپونىيە ۋۇجېن ئۇرۇشى

  

   ۋۇجېن ئۇرۇشى ياپونىيە مىڭجى ئىسلاھاتى دەۋرىدە ئىسلاھاتچى ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن كونا مىللىتارىسىتلار قوشۇنى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش بولۇپ، بۇ ئۇرۇش 1868- يىلى (كونا كالېندار بويىچە ۋۇجېن يىلى) باشلانغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان.
   مىڭجى ئىسلاھاتىنىڭ ھارپىسىدا ياپونىيە جەمئىيىتى فېئوداللىق تۈزۈمىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتاتتى، ساماۋى پادىشاھ نامدىلا دۆلەت باشلىقى بولۇپ، ئەمەلىي ھوقۇق مىللىتارىست توكۇگاۋئېيجىنىڭ قولىدا ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئىسلاھات قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان ئوتتۇرا، تۆۋەن دەرىجىلىك سامۇرايلار ۋە باي دېھقان، چوڭ سودېگەر تەبىقىسىدىن كېلىپ چىققان «ئىرادىلىك زاتلار» مىللىتارىستلار بىلەن زىددىيىتى بار غەربىي جەنۇبتىكى كۈچلۈك بېقىندىلىرى ۋە خان ئوردىسىدىكى تۆرىلەر قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن «مىللىتارىستلارنى ئاغدۇرۇش تەرەپدارلىرى» بىلەن بىرلىشىش، «پادىشاھنى ھىمايە قىلىپ، ياتلارغا قارشى تۇرۇش» شوئارى ئاستىدا مىللىتارستلار تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، چەت ئەلنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىدىن مۇداپىئە كۆرۈش كۈرىشىنى قانات يايدۇردى ۋە بۇ كۈرەشنى پەيدىنپەي ئۇلغايتىپ، مىللىتارىستلار ھۆكۈمرانلىقىنى قوراللىق ئاغدۇرۇش دەرىجىسىگە كۆتۈردى. مىللىتارىستلارنى ئاغدۇرۇش تەرەپدارلىرىنىڭ نىشىتوسوئې قاتارلىق باشلىقلىرى 1867- يىلى 11- ئاينىڭ 8- كۈنى تەڭرىخان مىڭجىدىن «مىللىتارىستلارنى جازالاش توغرىسىدا مەخپىي يارلىق» ئالدى. ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى پەملەپ يەتكەن توكوگاۋا ئېيجى ئىلگىرىلەش ھېسابىدا چېكىنىش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، مۇرەسسە لاھىيسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، گېنېراللىق ۋەزىپەمدىن ئىستىپا بېرىمەن، ھاكىميەتنى تەڭرخانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن، دەپ داۋراڭ سالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوساكادا سەرخل قوشۇنلارنى توپلىدى. 1868- يىلى 1- ئاينىڭ 3- كۈنى تەرىتاغ مىڭجى مۇداپىئە كۆرۈش ئالدىدىكى تەييارلىق كۆرۈش يىغىنى چاقىرىپ، «پادىشاھ ھاكىمىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا ئومۇمىي بۇيرۇق» ئېلان قىلىپ، مىللىتارستلىق تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يېڭى مەركىزىى ھۆكۈمەت قۇردى. يېڭى ھۆكۈمەت مىللىتارىستلارنىڭ بارلىق ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلاشنى قارار قىلدى ھەمدە توكوگاۋا ئېيجى مىللىتارستلارنىڭ قولىدىكى زېمىن ۋە مال-مۈلۈكلەرنى دەرھال تەڭرىخانغا قايتۇرۇپ بېرىشكە بۇيرۇدى. 1- ئاينىڭ 9- كۈنى ۋە 10- كۈنى توكوگاۋا ئېيجى ئوساكادا «پادىشاھ ھاكىمىيىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا ئومۇمىي بۇيرۇق» قانۇنلۇق ئەمەس، دەپ جار سېلىپ، «چىڭجۈن زې» نامىدا مىللتارستلار قوشۇنىنى باشلاپ كيوتوغا يۈرۈش قىلىپ، ئىچكى ئۇرۇش قوزغىدى. 1- ئاينىڭ 27- كۈنى توكوگاۋا ئېيجى قۇماندانلىقىدىكى 15 مىڭ كىشىلىك مىللىتارسىتلار قوشۇنى بىلەن سومې ناگاگاۋادىن ئىبارەت ئىككى بېقىندىنىڭ بېقىندىلا قوشۇنلىرى ئاساسىي كۈچ قىلىنغان 5000 كىشىلىك ھۆكۈمەت ئارمىيىسى كيوتو ئەتراپىدىكى تورىخانى، كېنزولاردا شىددەتلىك جەڭ قىلدى. جەڭدە مىللىتارىستلار قوشۇنى قاتتىق مەغلۇپ بولدى. توكوگاۋا ئېيجى بېشىنى ئېلىپ ئۆزى يالغۇز جاڭخۇغا قېچىپ بېرىۋالدى. بۇ جەڭدىن كېيىن كىيوسېنىك (پايتەختىنىڭ) غەربىدىكى بېقىندىلار بەس-بەستە يېڭى ھۆكۈمەت تەرەپكە ئۆتتى. 2- ئايدا مىڭجى ھۆكۈمىتى نىشىتو سوئې ئەمەلىي رەھبەرلىك قىلىدىغان شەرققە يۈرۈش قىلىپ، مىللىتارىستلارنى جازالاش قوشۇنىنى تەشكىللىدى. بۇ قوشۇن خەلق ئاممىسىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا ئۇدۇللا ئاگاگاۋاغا ھۇجۇم قىلدى. مەغلۇبىيىتى مۇقىملىشىپ قالغان توكوگاۋا ئېېيجى 5- ئايدا شەھەرنى تاپشۇرۇپ بېرىپ، تەسلىم بولدى. ھۆكۈمەت قوشۇنى ناگاگاۋانى ئىشغال قىلدى. 10- ئايدا ناگاگاۋا ئېيجى نامى توكۇيۇ دەپ ئۆزگەرتىلدى. ئىككىنچى يىلى 3- ئايدا پايتەخت كيوتودىن توكۇيۇغا يۆتكەلدى.
   توكوگاۋا ئېيجى تەسلىم بولغاندىن كېيىن، كانتوننىڭ شىمالىدىكى كايسۇ باشچىلىقىدىكى بېقىندىلار يېڭى ھۆكۈمەت بىلەن داۋاملىق قارشىلىشىۋەردى. 1868- يىلى 9- ئايدا ھۆكۈمەت ئارمىيىسى كايسۇ بېقىندىلىرىنىڭ قۇرۇقى سۇڭيەن قەلئەسىنى ئىشغال قىلدى. ئارقىدىنلا يەنە فونسىيۇنىڭ قارشىلىقىنى بېسىقتۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن مىللىتارىستلار دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ شاڭجاڭى نامىلىمۇتوتاكېئو مىللتارىستلار دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچىنى ۋە بىر قىسىم قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوشۇنىنى باشلاپ، بېيخەيداۋغا قېچىپ بېرىۋېلىپ، نىتاتىدا ئايرىم ھاكىمىيەت قۇرۇۋالدى. 1869- يىلى 6- ئاينىڭ 27- كۈنى ھۆكۈمەت ئارمىيىسى شۇ جايدىكى خەلق قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ماسلىشىشى ئارقىسىدا كونىتاتىنى ئالدى، ناسىمۇتالېئو بارلىق كومانتىر ۋە لەشكەرلىرى ۋە تەسلىم بولدى. شۇنىڭ بىلەن، مىڭجى ھۆكۈمىتى ئاخىر ۋۇجېن ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.
   ۋۇجېن ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ياپونىيىگە 265 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان توكوگاۋا مىللىتارست كۈچلىرىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، ئىسلاھاتتىن كېيىن يېڭى قۇرۇلغان مىللىي بىرلىككە ئىگە دۆلەتنى مۇستەھكەملەپ، ياپونىيە مىڭجى ئىسلاھاتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 391 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01