ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

پروسسىيە-ئاۋسترىيە ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


 

بىرلىككە كەلتۈرۈش يولىدىكى ئاچقۇچلۇق بىر ھالقا

 

پروسسىيە-ئاۋسترىيە ئۇرۇشى

  

   بۇ پروسسىيە بىلەن گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلىش ھوقوقىنى تالىشىپ ئېلىپ بارغان سۇلالىلەر ئۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئۇرۇش ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ، يەتتە ھەپتىلا داۋاملاشقان بولغاچقا، يەن ھەپتىلىك ئۇرۇش دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
   دانىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن پروسسىيە بىلەن ئاۋسترىيە غەنىيمەتلەرنى بۆلۈشۈشكە كىرىشتى. ئىككى تەرەپ دېپلوماتىك سۆھبەتلەر ئارقىلىق، 1864- يىلى 8- ئايدا گاستەيىن شەرتنامىسىنى ئىمزالاپ، شىلېسۋىش خۇرېستان بەگلىكلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى پروسسىيە بىلەن ئاۋسترىيىگە ئورتاق مەنسۈپ بولىدىغان، شىلېسۋىش پروسسىيىگە قارايدىغان، خۇرېستان ئاۋسترىيىگە قارايدىغان بولۇپ كېلىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن بېسمارك گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يولىدىكى ئاچقۇچلۇق بىر قەدەمنى بېسىشقا، يەنى ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىپ، پرۇسسىيىنىڭ گېرمانىيىدىكى ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى مەسلىسىنى ھەل قىلىشقا تەييارلاندى. بېسمارك شۇنى ھېس قىلىپ يەتتىكى، ئاۋسترىيە گېرمانىيە فېدېراتسىيىسىدە ئەنئەنىۋى تەسىرگە ۋە كەڭ ئاساسقا ئىگە بولغاچقا، ئاۋسترىيىنى مەغلۇپ قىلغان ھەمدە فېدېراتسىيىسى سىقىپ چىقىرىۋەتكەندىلا ئاندىن پروسسىيىنى گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرىدىغان بىردىنبىر خوجايىنغا ئايلاندۇرغىلى بولاتتى. بېسمارك ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە روسىيىلەرنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدە بىتەرەپ تۇرۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەدەپ دېپلوماتىك ھۆنەر ئىشلەتكىلى تۇردى. بېسمارك فرانسىيىنىڭ بىتەرەپ تۇرۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ناپولېئون 3 گە ئۇرۇشتىن كېيىن ياۋرۇپادا فرانسىيىنىڭ «ھەققى» ئۈچۈن زېمىن بېرىدىغانلىقىنى يالغاندىن بېشارەت بېرىپ قويدى. تېخى ئىتالىيە بىلەنمۇ ئاۋسترىيىگە قارشى ھەربىي ئىتتىپاق تۈزدى. ھەر جەھەتتىن ھەربىي تەييارلىق كۆرۈۋالغان پروسسىيە 1866- يىلى 6- ئاينىڭ 7- كۈنى گاستەيىن شەرتنامىسىنى بۇزۇپ، پروسسىيە بىلەن ئاۋسترىيە شىلېسۋىش، خۇرستان كېنەزلىرىنى ئورتاق ئىشغال قىلىشقا ھوقۇقلۇق دېگەن باھانىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئاۋسترىيىنىڭ قارمىقىدىكى خۇرستانغا بېسىپ كىردى. پروسسىيە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاۋسترىيىنىڭ كۈچىنى ۋە تەسىرنى تۈگىتىش مەقسىتىدە، گېرمانىيە فېدېراتسىيىسىنى ئىسلاھ قىلىش لاھىيسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاۋسترىيە بولسا گېرمانىيىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ، پروسسىيىگە «جازا» بەرمەكچى بولدى ھەمدە شىلېسۋىشقا قوشۇن چىقىرىمىز، دەپ داۋراڭ سالدى.
   1866- يىلى 6- ئاينىڭ 17- كۈنى ئاۋسترىيە جەڭنامە ئېلان قىلدى. پاۋارىيە، ماننوۋېر، ساكسونىيە، ۋيۇرتېنبېرگ، ھېسسېن قاتارلىق گېرمانىيە كېنەزلىرى ئاۋسترىيىنىڭ پروسسىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشىنى قوللىدى. 2- كۈنى پروسسىيە ئاۋسترىيىگە جەڭ ئېلان قىلدى، ئىتالىيىمۇ ئاۋسترىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغان ۋېنتىسىيىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن پروسسىيە بىلەن بىرلىكتە ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلدى. پروسسىيە-ئاۋستېرىيە ئۇرۇشى شۇنداق قىلىپ رەسمىي پارتىلدى. پروسسىيە، ئاۋستېرىيە ئۇرۇشىدا ئۈچ جەڭ مەيدانى بار ئىدى. جەنۇبىي سەپتىكى ئىتالىيە جەڭ مەيدانىدا ئاۋسترىيە قوشۇنى ئىتالىيە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلدى. بىراق، ئارقىدىنلا ئاۋسترىيە قوشۇنى شىمالىي سەپتىكى جەڭ مەيدانىدا ئوقۇشلۇق ئىلگىرلىيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن دوناي دەرياسىغا بۇرۇلۇپ ماڭدى. گېرمانىيە جەڭ مەيدانىدا پروسسىيە ئارمىيىسى 6- ئاينىڭ 27- كۈنى لانگسالسادا ماننۇۋېر قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلدى. شىمالىي جەڭ مەيدانى، يەنى بوھېمىيە جەڭ مەيدانى ئاساسىي جەڭ مەيدانى ئىدى. 7- ئاينىڭ 3- كۈنى 291 مىڭ كىشىلىك پروسسىيە ئارمىيىسى بىلەن 238 مىڭ كىشىلىك ئاۋسترىيە ئارمىيىسى سادوۋا جېڭىنى قانات يايدۇردى. بۇ ياۋرۇپا تارىخىدا مىسلىسىز بىر جەڭ بولدى. پروسسىيە ئارمىيىسى بۇ جەڭدە ئاۋسترىيە ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچىنى تارمار قىلغاندىن كېيىن ۋېناغا قىستاپ باردى. ئاسترىيە فرانسىيىنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرۈپ قويۇشىنى ئىلتىجا قىلىشقا مەجبۇر بولدى. 7- ئاينىڭ 22- كۈنى پروسسىيە بىلەن ئاۋسترىيە پراگادا رەسمىي تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. بۇ شەرتنامىدە ئاۋسترىيىنىڭ گېرمانىيە فېدېراتسىيسىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقى، پروسسىيىنىڭ شىلېسۋىش، خۇرىستان ۋە ماننوۋېر قاتارلىق جايلارغا ئېرىشىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.
   پروسسىيە-ئاۋسترىيە ئۇرۇشى پروسسىيىنىڭ سۇلالىلەر ئۇرۇشى ئارقىلىق گېرمانىيىنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا باسقان ئاچقۇچلۇق بىر قەدىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پروسسىيىنىڭ بۇ ئۇرۇشتىكى غەلىبىسى ئۇنىڭ گېرمانىيىدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى مۇستەھكەملىدى. بېسمارك كېيىنكى 2- يىلى پروسسىيە باشچىلىقىدىكى شىمالىي گېرمانىيە فېدېراتسىيىسىنى قۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تۆمۈر ۋە قان ۋاستىسى ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھازىرلاندى. ئاۋسترىيىنىڭ مەغلۇبىيىتى ھابۇسبورگ سۇلالىسىنى تېخىمۇ بەك زاۋالىققا يۈزلەندۈرۈپ، ئاۋسترىيىنىڭ ئىچكى زىددىيىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى.
 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 424 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01