ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

پاراگۋاي ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


 

ئەڭ دەھشەتلىك ئۇرۇش

 

پاراگۋاي ئۇرۇشى

  

   پاراگۋاي ئۇرۇشى 19- ئەسىرنىڭ  60- يىللىرىدا پارتلىغان پاراگۋاينىڭ برازىلىيە، ئارگېنتىنا ئوروگۋايدىن ئىبارەت ئۈچ  دۆلەتكە قارىتا قوزغىغان لاتىن ئامېرىكىسى تارىخىدىكى، ئەڭ دەھشەتلىك بىر قېتىملىق ئۇرۇش.
   1862- يىلى تەختكە چىققان پاراگۋاينىڭ مۇستەبىت زۇڭتۇڭى لوپېس شۆھرەتپەرەس بىر شەخس بولۇپ، ئۇ پاراگۋاينى مەركەز قىلىپ، جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى كەڭ رايونلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان زور بىر دۆلەت قۇرۇش خام خىيالىدا ئىدى. 1864- يىلى 6- ئايدا ئوروگۋايدا قىزىللار پارتىيىسى بىلەن ئاقلار پارتىيىسى ئوتتۇرىسىدا ئىچكى ئۇرۇش يۈز بەردى. 9- ئايدا ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە فرانسىيىلەرنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن برازىلىيە ئوروگۋايغا قوشۇن چىقىرىپ، قىزىللار پارتىيىسىنىڭ داھىيسى گېنېرال فلورېسنىڭ ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشىغا مەدەت بەردى. ئاقلار ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغان لوپېس بۇ چاغدا برازىلىيە ئوروگۋايغا قوراللىق مۇداخىلە قىلىپ، پاراگۋاينىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالدىم دېگەن باھانىدە برازىلىيىنىڭ قوشۇن چېكىندۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى. برازىلىيە بولسا پسەنت قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن پاراگۋاي شۇ يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى برازىلىيە رەسمىي ئۇرۇش ئېلان قىلىپ پاراگۋاي ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىۋەتتى.
   1864- يىلى 12- ئايدا پاراگۋاي قوشۇنى برازىلىيىگە بېسىپ كىردى. 1865- يىلى 1- ئايدا رازىلىيىنىڭ ماتۇ-گروسۇ شتاتىنى ئىشغال قىلدى. شۇ يىلى 2- ئايدا ئوروگۋاي قىزىللار قوشۇنى پايتەختكە كىرىپ، گېنېرال فلورېس باشچىلىقىدىكى يېڭى ھۆكۈمەتنى قۇردى ۋە برازىلىيىگە ئەگىشىپ، پاراگۋايغا قارشى ئۇرۇش قىلدى. 4- ئايدا ئارگېنتىنامۇ پاراگۋاي ئارمىيىسى برازىلىيىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئارگېنتىنا زېمىنىدىن ئارگېنتىنانىڭ رۇخسىتىسىز ئۆز مەيلىچە ئۆتتى دېگەن باھانىدە پاراگۋايغا جەڭ ئېلان قىلدى. 1865- يىلى 5- ئايدا برازىلىيە، ئارگېنتىنا ۋە ئوروگۋاي ئۈچ دۆلەت ئەنگلىيىنىڭ قوللىشى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، پاراگۋايغا قارشى بىرلىكتە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. 1865- يىلى ئۇرۇش ئاساسەن برازىلىيە بىلەن ئارگېنتىنا تەۋەسىدە داۋاملاشتى. پاراگۋاي قوشۇنى قۇماندانلىقتىكى سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن ھۇجۇمدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. 1866- يىلى 6- ئايدا برازىلىيە فلوتى پارانا دەرياسىدىكى رياچۇئېللو جېڭىدە پاراگۋاي فلوتىنى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىپ ئۆز تەۋەسىگە چېكىنىپ بېرىشقا مەجبۇر قىلدى. پاراگۋاي قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىمۇ ئارقىدىنلا پاراگۋاي دەرياسىدىكى مۇداپىئە سېپىگە چېكىنىپ بېرىپ، مۇداپىيىدە تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. 1866- يىلى 4- ئايدا ماتېرى قۇماندانلىقىدىكى ئىتتىپاقداشلار ئارمىيىسى پاراگۋاي زېمىنىغا بېسىپ كىردى. 1867- يىلى روپېس پاراگۋاي ئارمىيىسىنىڭ شىمالغا چېكىنىشى توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. ئىتتىپاقداشلار قوشۇنى پاراگۋاي دەرياسىنىڭ ساھلىدىكى مۇھىم ئىستىراتېگىيىلىك قورغان ئوممايتانى ئىشغال قىلدى. 1869- يىلى 1- ئايدا ئىتتىپاقداشلار ئارمىيىسى پاراگۋاينىڭ پايتەختى ئاسۇنسوننى ئىشغال قىلىپ، بۇ شەھەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ قۇرۇغداپ قويدى. روپېس قالدۇق قوشۇنلىرىنى باشلاپ، پاراگۋاينىڭ شەرقى ۋە شىمالىي قىسىملىرىدا ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى. 1870- يىلى 3- ئاينىڭ 7- كۈنى روپېس جەڭدە قازا قىلدى. 6- ئاينىڭ 20- كۈنى پاراگۋاي ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ئۈچ دۆلەت ئىتتىپاقى بىلەن تىنچلىق شەرتنامىسى تۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۇرۇش پاراگۋاينىڭ پاجىئەلىك مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشتى.
   بۇ ئۇرۇش پاراگۋاينى ئېغىر چىقىمغا دۇچار قىلدى، پاراگۋاينىڭ ئاھالىسى ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى 525 مىڭدىن تېز سۈرئەتتە ئازىيىپ 221 مىڭغا چۈشۈپ قالدى. بۇنىڭ ئىچىدە قورامىغا يەتكەن ئەرلەردىن پەقەت 29 مىڭلا قالغانىدى. ئۇرۇشتىن كېيىن برازىلىيە ۋە ئارگېنتىنالار بىلەن تۈزۈشكەن ئالاقىدار شەرتنامىلەرگە ئاساسەن، پاراگۋاي ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە زور مىقداردا تۆلەم پۇلى تۆلىدى ھەمدە زېمىنىنىڭ يېرىمىنى برازىلىيە بىلەن ئارگېنتىناغا بۆلۈپ بەردى. پاراگۋاينىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۇزاق مۇددەت ئېغىر توسالغۇغا ئۇچرىدى. ئۇرۇش جەريانىدا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرمۇ زور بەدەل تۆلىدى. ئۇلارنىڭ 100 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى ئۆلدى ۋە يارىدار بولدى. بۇ ئۇرۇش نەتىجىسىدە ئەنگلىيە كاپىتالىزمى جەنۇبىي ئامېرىكىدا ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، مەزكۇر رايونغا قاراتقان كونتروللۇقىنى ۋە تەسىرىنى كۈچەيتتى.
 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 446 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01