ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

تاراناكى ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


 

جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى مۇستەملىكچىلىككە
قارشى قوزغىلاڭ

 

تاراناكى ئۇرۇشى

  

   تاراناكى ئۇرۇشى 19- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدىن 70- يىللىرىغىچە يېڭى زىللاندىيىدىكى يەرلىك ئاھالە بولغان مارۋىلارنىڭ ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلىرىگە قارشى ئۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ئۇرۇش يەنە مارۋىلار ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
   1840- يىلى ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكچى قوشۇنلىرى يېڭى زىللاندىيىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، يېڭى زىللاندىيىنىڭ يەرلىرىنى تالان-تاراج قىلغانلىقتىن، مۇستەملىكچىلەر بىلەن مارۋىلار ئوتتۇرىسىدا كۆپ قېتىم توقۇنۇش يۈز بەردى. 1854- يىلى تاراناكىدا قەبىلىلەر يىغىنىنى چاقىرىپ، ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ يەرلەرنى تالان-تاراج قىلىشىغا قارشى ئىتتىپاق تەشكىللىدى. 1858- يىلى بەزى قەبىلىلەر مارۋىلار پادىشاھلىقىنى قۇردى. 1860- يىلى ئەنگلىيە خۇتارا دەرياسى ئېغىزىدىكى تاراناكى رايونىنى ئەنگلىيە پادىشاھىغا تەۋە دەپ جاكارلاپ، قوراللىق بېسىۋالدى. بۇ جايدىكى مارۋىلار كىنگىنىڭ رەھبەرلىكىدە قوزغىلاڭ كۆتۈردى. شۇنىڭ بىلەن تاراناكى ئۇرۇشى باشلاندى. مارۋىلار پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى بوتتاتاۋ1 ئەنگلىيە بىلەن سۈلھى قىلىشتا جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرۇۋېلىپ، قوزغىلاڭنى قوللىمايلا قالماستىن، باشقا رايونلارنىڭ قوزغىلاڭچىلارغا ياردەم بېرىشىنىمۇ چەكلىگەچكە 1861- يىلى ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلىرى قوشۇنى تىغ دەرياسىدىكى رېيى كەنتىنى ئىشغال قىلىپ، قوزغىلاڭنى باستۇرۇۋەتتى.
   1862- يىلى 6- ئايدا ماۋرىلار پادىشاھلىقىنىڭ تەخت ۋارىسى بولغان پادىشاھنىڭ ئۆگەي ئاتىسى بوتاتاۋ 2 مارۋىلار پادىشاھلىقىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە يەرنى ئېلىپ-سېتىش ياكى ئىجارىگە بېرىش-ئېلىشىنى مەنئى قىلدى. 1863- يىلى 5- ئايدا ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلىرى قوشۇنى تاناراكى رايونىدا قەستەن جېدەل چىقارغانلىقتىن يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش پارتلىدى. ئەنگلىيە مۇستەملىكچى دائىرلىرى ئۆز زېمىنىدىن مۇنتىزىم قوشۇن يۆتكەپ ئەكىلىپ ھەمدە شۇ جايلاردىكى ئەنگلىيە كۆچمەنلىرىدىن ئەسكەر ئېلىپ، خىل قوراللانغان 10 مىڭ كىشىلىك قوشۇن تەشكىللەپ، ئىپتىدائىي قوراللار بىلەنلا قوراللانغان مارۋىلارغا ئومومىيۈزلۈك ھۇجۇم قىلدى، ئۇرۇش ئوتى تېز سۈرئەتتە خۇاكاتو دەرياسىنىڭ ئىككى يېقىغا يامىرىدى. شۇ يىلى 12- ئايدا ئەنگلىيە قوشۇنى كېئى پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى ئىنگالوۋائانى ئىشغال قىلدى. بىراق، ماۋرىلار ئىچكى ئۆلكىلەردە پارتزانلىق ئۇرۇشى تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، ئەنگلىيە قوشۇنلىرىغا قارشى كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇردى. 1864- يىلى 3- ئايدىن 4- ئايغىچە داۋاملاشقان مەشھۇر جەڭ- ئوۋراكونى قوغداش ئۇرۇشىدا ت. ئۇئا ئىسىملىك بىر ماۋرىلىق - مارېلى دىنىنى ئىجاد قىلدى. ئېيتىلىشچە، ماۋرىلارنىڭ قەدىمىي دىنىي ئېتىقادى بىلەن يەھۇدىي دىنى، خرىستىئان دىنى ئۆز ئارا يۇغۇرۇۋېتىلگەن بۇ دىننىڭ سۈرە-ئايەتلىرىنى ئوقۇسا، ئىلاھنىڭ پاناھىغا ئۆتۈپ، تېنىگە تىغ ئۆتمەسمىش. شۇڭا، مۇرتلار جەڭ داۋامىدا «خاۋا خاۋا!» (قوزغال! دېگەن مەنىدە) دەپ توۋلىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئېلىشتى. 1865- يىلى 5- ئايدا مۇستەملىكچى دائىرىلەر ماۋرىلار  پادىشاھلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا ھەمدە تىنچلىق شەرتنامىسى تۈزۈشكە مەجبۇر بولدى. بىراق، ماۋرىلار پادىشاھلىقىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدىن باشقا رايونلاردا ئۇرۇش داۋاملىشىۋەردى. 1868- يىلىدىن 1869- يىلىغىچە تىتوكوۋارو بىلەن تېكوتى.رىچلانكى رەھبەرلكىدىكى ئىككى ماۋرىلار قوشۇنى ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلەر قوشۇنىنى ئالداپ ئورمان ئىچىگە باشلاپ كىرىپ قىرغىن قىلىپ تاشلاپ، مۇستەملىكچىلەرگە قاقشاتقۇچ زەربە بەردى. بىراق، قورال-ياراغ جەھەتتىكى پايدىسىز ئامىل ۋە مۇستەملىكچىلەرنىڭ ماۋرىلارنى پارچىلىشى تۈپەيلىدىن، 1872- يىلى ماۋرىلار قوزغىلىڭى ئاخىرقى ھېسابتا باستۇرۇۋېتىلىپ، ئۇرۇش ئاياغلاشتى.
   تاراناكى ئۇرۇش جەريانىدا ئەسلىدىكى يەرلىك خەلق ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلىرىگە ئاچچىق ساۋاق بېرىپ، مۇستەملىكچى دائىرىلەرنى ئۇرۇشتىن كېيىن ماۋرىلارغا مەلۇم دەرىجىدە يول بېرىشكە مەجبۇر قىلدى. 1872- يىلىدىن باشلاپ يېڭى زىللاندىيە كېڭەش پالاتاسىدا ماۋرىلار ئىچىدىكى خۇاكاتو ۋە مانيابوتودىن ئىبارەت ئىككى قەبلىنىڭ ھەر بىرى ئۈچۈن ئىككىدىن ئورۇن بېرىلدى، ئەنگلىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋە خادىملىرىنىڭ بۇ ئىككى قەبىلىنىڭ زېمىنىغا خالىغانچە كىرىشكە بولمايدىغانلىقى بەلگىلەندى.
 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 411 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01