ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

جەنۇب-شىمال ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


ئىككى خىل تۈزۈم ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش

 

جەنۇب-شىمال ئۇرۇشى

  

   جەنۇب-شىمال ئۇرۇشى 19- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدا يۈز بەرگەن ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ئۇرۇشى، يەنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبتىكى ئېكىنزار قۇلدارلىرىنىڭ قۇراللىق توپىلىڭىغا قارشى تۇرۇپ، فېدېراتسىيىنىڭ بىرلىكىنى قوغداش يولىدىكى ئۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.
   مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي قىسىمىدا ئېكىنزار ئىگىلىكى ئاساسىدىكى نېگىرلارنى قۇل قىلىش تۈزۈمى راۋاجلاندۇرۇلدى، شىمالىي قىسىمىدا بولسا كاپىتالىستىك ياللاپ ئىشلىتىش تۈزۈمى راۋاجلاندۇرۇلدى. 19- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر-بىرىگە زىت بۇ ئىككى خىل ئىجتىمائىي تۈزۈم ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئۇلغىيىپ مۇرەسسەلەشتۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يەتتى. نېگىرلارنى قۇل قىلىش تۈزۈمىنى ساقلاپ قېلىش ياكى بىكار قىلىش ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالدى. 1860- يىلى نىگىرلارنى قۇل قىلىش تۈزۈمىگە قارشى تۇرىدىغانلىقى بىلەن تونۇلغان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى لىنكولىن زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلاندى. جەنۇبتىكى قۇلدارلار نېگىرلارنى قۇل قىلىش تۈزۈمىنى قوغداش ئۈچۈن يامان غەرەزدە توپىلاڭ كۆتۈردى. جەنۇبتىكى قۇللار توپلانغان شتاتلار ئارقا-ئارقىدىن فېدېراتسىيىدىن چىقىپ كەتتى. ھەمدە 1861- يىلى 2- ئايدا جەنۇب ئىتتىپاقىنى تەشكىللەپ، داۋسنى زوڭتۇڭلىققا كۆتۈرۈپ، رىچموندنى پايتەخت قىلىپ ھۆكۈمەت قۇردى. 4- ئاينىڭ 12- كۈنى جەنۇب ئارمىيىسى فېدېراتسىيە ئارمىيىسى تۇرۇشلۇق سامت قورغىنىنى توپقا تۇتتى، 4- ئاينىڭ 15- كۈنى لىنكولىن ھۆكۈمىتى جازا يۈرۈشى قىلىش پەرمانىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ بىلەن جەنۇب-شىمال ئۇرۇشى پارتلىدى.
   ئۇرۇشنىڭ دەسلىپىدە لىنكولىن ھۆكۈمىتى نېگىرلارنى قۇل قىلىش تۈزۈمىنى ساقلاپ قېلىش ياكى بېكار قىلىش مەسىلىسىدە ئۆزىنى چەتكە ئالغانلىقى تۈپەيلىدىن فېدېراتسىيە ئارمىيىسى ئىچكى ئۇرۇش جەريانىدا  پەللىمۇ-پەللە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. 1861- يىلى 7- ئاينىڭ 12- كۈنى ۋاشىنگتون بىلەن بولغان ئارىلىقى 40 كىلومېتر كىلىدىغان ماناساس شەھىرىدە بولغان بىرىنچى قېتىملىق ئومۇمىي جەڭدە ئادەم سانى نىسبەتەن ئاز جەنۇپ قوشۇنى فېدېراتسىيە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلدى ۋە ۋاشىنگتوننى ئىشغال قىلغىلى ئاز قالدى. 1862- يىلى 1- ئايدا لىنكولىن ھۆكۈمىتى ھۇجۇمغا ئۆتۈش توغرىسىدا پەرمان چىقاردى. ھۇجۇمغا ئاتلانغان فېدېراتسىيە ئارمىيىسىنىڭ 1- يول قوشۇنى مىسسىسىپى دەرياسىنى بويلاپ جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرىلىدى. يەنە بىر يول قوشۇنى مىسسىسىپى دەرياسىنىڭ قويۇلۇش ئېغىزىدىكى يېڭى ئورلېئامغا دېڭىزىدىن ھۇجۇم قىلدى. گەرچە بۇ ئىككى يول قوشۇن 5- ئايدا يېڭى ئورلېئاندا غەلىبىلىك ئۇچراشقان بولسىمۇ، 6- ئايدىكى رىچموند جېڭىدە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، يېڭى ئورلېئان يەنە جەنۇب قوشۇنىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىپ، فېدېراتسىيە ئارمىيىسى ۋاشىنگتونغا چېكىنىپ بېرىپ، مۇداپىئەگە ئۆتتى.
   1862- يىلى 5- ئاينىڭ 20- كۈنى لىنكولىن ھۆكۈمىتى «ئۆي جاي قانۇنى» نى ئېلان قىلدى. 9- ئاينىڭ 22- كۈنى يەنە «قۇللارنى ئازاد قىلىش ختابنامىسى» نى ئېلان قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە تۈپتىن بۇرۇلۇش ھاسىل بولۇپ، فېدېراتسىيە ئارمىيىسى ھەر قايسى جەڭ مەيدانلىرىدا پەيدىنپەي تەشەببۇسكار ئورۇنغا ئۆتتى. 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 3- كۈنىگىچە بولغان كوددىسبورگ جېڭىدە جەنۇب ئارمىيىسىنىڭ 36 مىڭ ئادىمى يوقىتىلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ جەنۇب ئارمىيىسى ھۇجۇم قىلىشتىن مۇداپىئە كۆرۈشكە ئۆتتى. 7- ئاينىڭ 4- كۈنى فېدېراتسىيە ئارمىيىسى يەنە ۋىكسبورگ ئۇرۇشىدا غەلىبە قازاندى، 1864- يىلى ئەتىيازدا فېدېراتسىيە ئارمىيىسى قايتۇرما ھۇجۇمنى ئەتىيازدا فېدېراتسىيە ئارمىيىسى قايتۇرما ھۇجۇمنى باشلىدى. 9- ئايدا گېنېرال شېرما غەربىي سەپتىكى فېدېراتسىيە قوشۇنىغا قۇماندانلىق قىلىپ ئاتلانتانى ئالدى. شۇنىڭ بىر ۋاقىتتا گېنېرال گۋېررانت قۇمامدانلىقىدىكى شەرقى سەپ فېدېراتسىيە قوشۇنىغا قۇماندانلىق قىلىپ، جەنۇب قوشۇنىنى سۈرۈپ مېڭىپ، رىسمان ئەتراپىغىچە قىستاپ باردى. 1865- يىلى 4- ئاينىڭ 3- كۈنى فېدېراتسىيە قوشۇنى رىسماننى ئالدى. 4- ئايىنىڭ 19- كۈنى جەنۇپ ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى گېنېرال لى 28 مىڭ كىشىلىك قالدۇق قوشۇننى باشلاپ، ئاپوماتوكس شەھىرىدە فېدېراتسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى گۋېررانتقا تەسلىم بولدى، تۆت يىل داۋاملاشقان جەنۇب-شىمال ئۇرۇشى شىمالنىڭ تولۇق غەلىبىسى بىلەن ئاياغلىشىپ، ئامېرىكىنىڭ بىرلىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.
   جەنۇب-شىمال ئۇرۇشى ئامېرىكا تارىخىدىكى 2- قېتىملىق بۇژۇئازىيە ئىنقىلابى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىنقىلاپ نەتىجىسىدە شىمالدىكى سانائەت بۇرژۇئازىيىسى پۈتۈن مەملىكەتتە ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتتى، جەنۇبتىكى نېگىرلارنى قۇل قىلىش تۈزۈمى يوقىتىلىپ، ئامېرىكا كاپىتالىزىمىنىڭ تېز سۈرئەتتە راۋاجلىنىش يولىدىكى پۇتلىكاشاڭلار سۈپۈرۈپ تاشلاندى.
 

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 465 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01