ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

قىرىم ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


 

يېقىن شەرقنىڭ خوجايىنلىق ھوقۇقىنى تالىشىش كۈرىشى

 

قىرىم ئۇرۇشى

  

   قىرىم ئۇرۇشى يەنە شەرق ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يېقىن شەرقنىڭ خوجايىنلىق ھوقۇقىنى تالىشىش يۈزسىدىن پەيدا بولغان روسىيە بىلەن ئەنگلىيە، فرانسىيە، تۈركىيە، ساردىنىيە پادىشاھلىقى ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ئۇرۇشنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانى روسىيىدىكى قىرىم يېرىم ئارىلى بولغانلىقى ئۈچۈن قىرىم ئۇرۇشى دەپ ئاتالدى. بۇ 19- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر مەيدان مۇھىم خەلقئارا ئۇرۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
   19- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر ئوسمان ئىمپېريىسىنىڭ زېمىنىنى بۆلۈشۈۋېلىش ئۈچۈن يېقىن شەرقتە ۋە قارا دېڭىز بوغۇزىدا تەسىر دائىرسىنى كېڭەيتىش كۈرىشىنى كۈنسايىن كېڭەيتتى. بولۇپمۇ چارروسىيە پادىشاھى نىكولاي1 قارا دېڭىز بوغۇزىنى كونترول قىلىپ، روسىيىنىڭ جەنۇبتا ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدىن چىقىشقا يول ئېچىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈنسايىن خارابلىشىۋاتقان ئوسمانىيە تۈك ئىمپېريىسىنى ئىشغال قىلىشقا ياكى كۈچلۈك ياۋرۇپا دۆلەتلىرى بىلەن بۆلۈشۈۋېلىشقا ئۇرۇنغان بولسا، يېقىن شەرقتىن زور سىياسىي، ئىقتىسادىي نەپ ئېلىپ كېلىۋاتقان ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈر زىددىيەت پەيدا بولدى. 1844- يىلى نىكولاي 1 ئەنگلىيىگە زىيارەت قىلىپ بارغىنىدا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە ئەنگلىيە بىلەن روسىينىڭ ئىتتىپاق تۈزۈپ، فرانسىيىگە قارشى تۇرۇش تەكلىپنى بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ مىراسلىرىنى بۆلۈشۈۋېلىشقا ئالدىراپ ئىچى تىت-تىت بولۇپ كېتىۋاتقان قارا نىيىتىنى ئاشكارىلايدۇ. بۇ تەكلىپ ئەنگىلىيىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچراپلا قالماستىن، بەلكى فرانسىيە بىلەن ئاۋسترىيىنىڭمۇ نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئۇزاق ئۆتمەي روسىيە بىلەن فرانسىيە ئوتتۇرىسىدا «مۇقەددەس جاينى قوغداش ھوقۇقى» مەسىلىسىدە ئېغىر ئىختىلاپ يۈز بەردى. روسىيىنى يۆلەنچۈك قىلغان پراۋۇسلاۋىيە راھىبلىرى بىلەن فرانسىيىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن كاتولىك راھىبلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېروسالىمنى ۋە بولغىن چېركاۋىنىڭ تەۋەلىك ھوقۇقىنى تالىشىش يۈزسىدىن كەسكىن توقۇنۇش يۈز بەردى. بۇ توقۇنۇش قىرىم ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىغا تۇترۇق بولدى. 1852- يىلى 8- ئايدا فرانسىيە ھۆكۈمىتى تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، سۇلتاننى بۇ مەسىلىدە كاتولىك راھىبلىرىغا پايدىلىق قارار چىقىرىشقا مەجبۇرلايدۇ. بۇنىڭغا تەن بەرمىگەن روسىيە چارپادىشاھى تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن كاتولىك دىنىنىڭ مۇقەددەس جاي ئېروسالىمنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىشىنى، روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرك ئىمپېريىسى تېررىتورىيىسىدىكى پراۋۇسلاۋىيە جامائىتىنى قوغداش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، شۇنداقلا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى روسىيە-تۈركىيە ھەربىي ئىتتىپاق شەرتنامىسى ئىمزالاشقا دەۋەت قىلىپ، دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى مېنشىكوۋنى كونستانتىنوپولغا ئەلچىلىككە ئەۋەتتى. تۈركىيە 1853- يىلى 5- ئايدا ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا روسىيىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۇلتىماتۇمىنى رەت قىلدى، بۇنىڭ بىلەن روسىيە بىلەن تۈركىيىنىڭ دېپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئۈزۈلدى. روسىيە 7- ئاينىڭ 3- كۈنى  تۈركىيە تەۋەسىدىكى پراۋۇسلاۋىيە جامائىتىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش باھانىسىدە قوشۇن ئەۋەتىپ، تۈركىيىنىڭ بېقىندىسى مولداۋىيە بىلەن ۋالاخىيىنى ئىشغال قىلدى. 10- ئاينىڭ 4- كۈنى تۈركىيە روسىيىگە جەڭ ئېلان قىلدى بۇنىڭ بىلەن قىرىم ئۇرۇشى پارتلىدى.
   ئۇرۇش دوناي دەرياسى، كاۋكاز رايونى ۋە قارا دېڭىز بويلىرىدا تەڭلا ئېلىپ بېرىلدى. 1853- يىلى 11- ئاينىڭ 30 - كۈنى روسىيىنىڭ قارا دېڭىز فلوتى سنوپ پورتىدىكى تۈركىيىنىڭ قارا دېڭىز فلوتىغا ھۇجۇم قىلدى، تۈركىيە دېڭىز ئارمىيىسى پۈتۈنلەي دېگۈدەك تارمار قىلىندى. سنوپ دېڭىز ئۇرۇشى ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ روسىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. 1854- يىلى 1- ئايىنىڭ 4- كۈنى ئەنگلىيە فلوتى بىلەن فرانسىيە فلوتى روسىيە فلوتى روسىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ تۈركىيە زېمىنىغا ياكى فلوتىغا يېڭى ھۇجۇم قوزغىشىنى توسۇش ئۈچۈن قارا دېڭىزغا كىردى. 3- ئاينىڭ 27- كۈنى ئەنگلىيە بىلەن روسىيە فرانسىيىگە قارشى رەسمىي جەڭ ئېلان قىلدى. 5- ئايدا روسىيە ئارمىيىسى دوناي دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى سىلستراغا قورشاپ ھۇجۇم قىلدى، تۈركىيە ئارمىيىسى قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، روسىيە ئارمىيىسىنىڭ 50 نەچچە مىڭ ئادىمىنى يوقاتتى. روسىيە 8- ئايدا ئاۋسترىيىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۇلتىماتۇم چىقىرىشى بىلەن مولداۋىيە ۋە ۋالاخيدىن قوشۇن چېكىندۈردى. 9- ئايدا ئەنگلىيە-فرانسىيە-تۈركىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى 600 دىن ئارتۇق ئۇرۇش كېمىسى ۋە 60 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەرنى ۋارنادىن يولغا چىقىپ، قىرىم يېرىم ئارىلىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. بىرلەشمە قوشۇن قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، روسىيىنىڭ قارا دېڭىز فلوتى تۇرۇشلۇق مۇھىم قورغان-سېۋاستۇپولغا قىستاپ باردى. بىر يىلغا يىقىن داۋاملاشقان سېۋاستوپولغا قورشاپ ھۇقۇم قىلىش جېڭى باشلاندى. روسىيە سېۋاستوپول قورشاۋىنى بۇزۇپ تاشلاش غەرىزىدە ئۈچ قېتىم ئومۇمىي جەڭ قوزغىدى. ئەمما ھېچقانسسىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى. 1855- يىلى 1- ئايدا ساردىنىيە پادىشاھلىقى بىلەن ئەنگلىيە ئىتتىپاق تۈزۈپ 15 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى جەڭگە قاتناشتۇردى. 3- ئاينىڭ 2- كۈنى ئۈمۈدى تامامەن ئۈزۈلگەن نىكولاي 1 زەھەر ئىچىپ ئۆلىۋالدى. 9- ئاينىڭ 8- كۈنى بىرلەشمە ئارمىيە سېۋاستوپولغا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلدى. فرانسىيە ئارمىيىسى جەنۇبىي رايۇندىكى پايدىلىق ئېگىزلىك ماراخوۋنى ئىگىلىدى. روسىيە ئارمىيىسى بۇ قورغاندىن چېكىنىپ چىقتى، سېۋاستوپول ئەڭ ئاخىر بىرلەشمە ئارمىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، روسىينىڭ مەغلۇپ بولۇشى مۇقەررەرلىشىپ قالدى. 1855- يىلى 10- ئايدا ئاۋسترىيە روسىيىگە ئۇلتىماتوم چىقىرىپ، روسىينىڭ ئەنگلىيىگە سۈلھى قىلىشىنى تەلەپ قىلدى ھەمدە ئەگەر روسىيە رەت قىلىدىغان بولسا، ئاۋسترىيىنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. 1856- يىلى 3- ئايدا ئۇرۇش قىلغۇچى تەرەپلەر پارىژ تىنچلىق شەرتنامىسىنى ئىمزالىدى. قىرىم .ئۇرۇشى روسىيىنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشتى.
   روسىيە قىرىم ئۇرۇشىدىكى مەدلۇبىيىتى تۈپەيلىدىن نەچچە ئون يىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ھۆكۈمرانلىقىدىن مەھرۇم قېلىپ، جەنۇبقا تاجاۋۇز قىلىش پەيلىدىن يېنىشقا مەجبۇر بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن كېڭەيمىچىلىك قىلىش تىغىنى ئوتتۇرا ئاسىياغا ۋە يېراق شەرققە قاراتتى. مەملىكەت ئىچىدە يانچىلىق تۈزۈم كىرزىسى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتى. ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە بولسا بۇ ئۇرۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ياۋرۇپادىكى تەسىرىنى كۈچەيتتى، ئوتتۇرا شەرق ۋە يېقىن شەرقتە مۇستەملىكە جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى،
 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 931 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01