ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

تەيپىڭ تيەنگو ئىنقىلابى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


جۇڭگو كونىچە دېھقانلار ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى

 

تەيپىڭ تيەنگو ئىنقىلابى

  

   19- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پارتلىغان تەيپىڭ تيەنگو ئىنقىلابى جۇڭگو تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ زور بىر قېتىملىق دېھقانلار ئۇرۇشى، شۇنداقلا كونىچە دېھقانلار ئۇرۇشى تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى.
   ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كېيىن چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئۇرۇش خراجىتىنى ۋە تۆلەم پۇلىنى تۆلەش ئۈچۈن خەلققە قاراتقان فېئوداللىق ئېكىسپالاتاسىيىسىنى كۈنسايىن كۈچەيتتى، مۇستەبىت ھۆكۈمرانلار گورۇھى تېخىمۇ چېرىكلەشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىمتىيازدىن پايدىلىنىپ جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىلىكىنى شەپقەتسىزلىك بىلەن شورىغىلى تۇردى. ئىچكى- تاشقى ئەكسىيەتچىلەرنىڭ ئورتاق زۇلىمى خەلق ئاممىسىنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىدى ۋە بۇنداق قارشىلىق ئۈزلۈكسىز ئۇلغىيىپ، ئەڭ ئاخىر تەيپىڭ تيەنگو ئىنقىلابىنى شەكىللەندۈردى. 1843- يىلى گۇاڭدۇڭدىكى يېزا مۇئەللىمى خۇاڭشيۇچۈەن بەيشاڭدىخۇي (تەڭرىگە چوقۇنغۇچىلار ئۇيۇشمىسى) قۇرۇپ، چىڭ سۇلالىسىگە قارشى ئىنقىلابى تەشۋىقات ئىلىپ باردى. ئۇزاق ئۆتمەي گۇاڭشىدا قەھەتچىلىك يۈز بەردى. خۇاڭ شيۇچۈەن 1851- يىلى 1- ئاينىڭ 11- كۈنى 20 مىڭ ئاممىنى باشلاپ، گۇاڭشى ئۆلكىسى گۇيپىڭ ناھىيسى جىنتىيەن كەنتىدە قوزغىلاڭ كۆتۈردى. شۇنىڭ بىلەن تەيپىڭ تيەنگو ئىنقىلابى باشلاندى.
   1851- يىلى 9- ئايدا تەيپىڭ قوشۇنى يۇڭئەن ناھىيسىنى (بۈگۈنكى گۇاڭشى ئۆلكىسىنىڭ  مېڭشەن ناھىيسىنى) ئىشغال قىلىپ، تۇنجى ئىنقىلابى ھاكىمىيەتنى قۇردى. ئاقىدىنلا چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ قورشاۋىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، گۇاڭشىدىن ئايرىلىپ، شىمالغا ئاتلاندى ۋە خۇنەندىن ئۆتۈپ، خۇبىيگە كىردى. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى يول بويى ئەمەلدارلارنى، چوڭ پومېشىچىكلارنى (تۇخاۋ-لېشېنلارنى) ئۆلتۈرۈپ، يەر خېتى ۋە قەرز ھۆججەتلىرىنى كۆيدۈرۈپ-نامرات خەقنىڭ قىزغىن ھىمايىسىگە سازاۋەر بولدى. 1853- يىلىنىڭ بېشىدا ۋۇچاڭ شەھەرنى ئالدى. بۇ چاغ دا تەيپىڭ قوشۇنىنىڭ ئادىمى كۆپىيىپ500 مىڭغا يەتكەنىدى. تەيپىڭ قوشۇنى شۇنىڭدىن كېيىن چاڭجياڭ دەرياسىنى بويلاپ شەرقكە يۈرۈش قىلدى. 3- ئايدا نەنجىڭنى ئېلىپ، ئۆزلىرىگە پايتەخت قىلىپ بېكىتىپ، ئىسمىنى تيەنجىنگە ئۆزگەرتتى ۋە چىڭ خاندانلىقىغا قارمۇقارشى دېھقانلار ئىنقىلابىي ھاكىمىيىتىنى رەسمىي قۇردى، «تيەن سۇلالىسىنىڭ يەر تۈزۈمىي» نى ئېلان قىلىپ يەرنى فېئودال پومېشىچىكلارلا ئىگىلەش تۈزۈمىنى ئىنكار قىلىپ، يەرنى تەڭ تەقسىملەش م يەر تەقسىماتىدا ھەممە ئادەم بابباراۋەر بولۇشنى تەشەببۇس قىلدى؛ سىرتقا قارىتا مۇستەقىل، ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش، سىرتنىڭ تاجاۋۇزىغا تۇرۇش سىياسىتىدە چىڭ تۇردى. تەيپىڭ تيەنگو قوزغىلاڭچىلىرى تيەنجىڭنى پايتەخت قىلىپ بېكىتكەندىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى تيەنجىن (نەنجىڭ) شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى شياۋلىڭۋې ۋە ياڭجۇ دېگەن جايلاردا ئايرىم-ئايرىم ھالدا دەريانىڭ جەنۇبىدىكى جەنۇب لاگېرى ۋە دەريانىڭ شىمالىدىكى شىمال لاگېرىنى قۇرۇپ تيەنجىنگە تەھدىت سالدى. بۇ چاغدا تەيپىڭ تيەنگو ئىنقىلابچىلىرى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئۈزۈل-كېسىل پاچاقلاپ تاشلاش ئۈچۈن، شىمالغا ۋە غەربكە قوشۇن ئەۋەتىشنى قارار قىلدى. 1853- يىلى 5- ئايدا سەركەردە لىن فېڭشىياڭنىڭ قۇماندانلىقىدا 20 مىڭ كىشىلىك تەيپىڭ قوشۇنى ياڭجۇدىن يولغا چىقىپ، شىمالغا قاراپ ئاتلاندى. ئەنخۇي، خېنەن، سەنشىلەردىن ئۆتۈپ، ئۇدۇللا جېلۇغا (بۈگۈنكى خېبېيگە) بېسىپ كىرىپ، تيەنجىنگە قىستاپ بېرىپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ مەركىزى بىيجىڭغا تەھدىت سالدى. بىراق، ياردەمسىز قالغاچقا ئاخىرقى ھېسابتا مەغلۇپ بولدى. تەيپىڭ تيەنگو قوشۇنلىرى شىمالغا يۈرۈش قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، 1853- يىلى 5- ئايدا غەربكىمۇ يۈرۈش قىلغانىدى. غەربكە يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇن چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ باش تەرىپىگە قاراپ ئىلگرىلەپ، ئەنچىڭ، جۇجياڭ، ۋۇخەنلەرنى ئالدى. كېيىنكى يىلى ئەتىيازدا خۇنەنگە كىرىپ، زىڭ گوپەن تەشكىللىگەن خۇنەن قوشۇنىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. تەيپىڭ تيەنگو قوشۇنى خۇبىي، خۇنەن، جياڭشى، ئەنخۇيلاردا خۇنەن قوشۇنلىرىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلدى. جياڭشىنىڭ پوياڭخۇ كۆلىدىكى جەڭدە خۇنەن ئارمىيىسىنىڭ دېڭىز ئارمىيىسى قىسىمىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك يوقاتتى. 1856- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا تەيپىڭ تيەنگو قوشۇنى يەنە چىڭ سۇلالىسى ئارمىيىسىنىڭ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى ۋە جەنۇبىدىكى ئىككى چوڭ لاگېرنى تارمار قىلدى. تەيپىڭ تيەنگو ئىنقىلابى ئەنە شۇنداق شانلىق غەلىبىگە ئېرىشكەن بىر پەيتتە، 1856- يىلى 9- ئايدا تەيپىڭ تيەنگونىڭ رەھبەرلىك گۇرۇھى ئىچىدە زىددىيەت پەيدا بولۇپ، ۋېي چاڭخۇي تيەنجىندە تەيپىڭ تيەنگونىڭ ياڭشيۇچىڭ قاتارلىق 20 نەچچە مىڭ سەركەردە، لەشكىرىنى قىرىپ تاشلىدى ۋە 1857- يىلى 5- ئايدا شى داكەي ئاچچىقىغا پايلىماي تەيپىڭ ئارمىيىسىنىڭ 100 مىڭ كىشىلىك سەرخىل قوشۇنىنى باشلاپ تيەنجىڭدىن ئايرىلىپ، يېگانە قوشۇنى بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلدى. ئالتە يىلدىن كېيىن دادۇخې دەرياسىدا پۈتۈنلەي يوقىتىلدى. مانا بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن تەيپىڭ تيەنگونىڭ كۈچى ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلىدى. ۋۇجاڭ، جىنجياڭ، جيۇجياڭلار كەينى-كەينىدىن قولدىن كەتتى. تيەنجىن قورشاۋدا قالدى. باش سەركەردىلەردىن لى شيۇچېڭ، چېن يۈچېڭلار ئۆز قوشۇنىغا قۇماندانلىق قىلىپ، جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، خەۋپلىك ۋەزىيەتنى ئوڭشاشقا تىرىشتى. بۇ چاغدا ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا ۋە روسىيەلەر چىڭ سۇلالىسىنىڭ تەيپىڭ تيەنگونى باستۇرۇشىغا مەدەتكار بولدى. 1862- يىلى تەيپىڭ ئارمىيىسى شاڭخەي، نىڭبۇلاردا ئەنگلىيە، فرانسىيە ئامېرىكا تاجاۋۇزچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن «قوراللىق ئەجنەبىيچىلەر قوشۇنى» غا قارشى باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلدى. ئىچكى، تاشقى ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ بىرلشىپ ھۇجۇم قىلىشى ئارقىسىدا سۇجۇ، خاڭجۇلار ئىلگىرى بولۇپ قولدىن كەتتى، 1864- يىلى 7- ئايدا تيەنجىن شەھىرى خۇنەن قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، تەيپىڭ تيەنگو ئىنقىلابى ئاخىر مەغلۇپ بولدى.
   تەيپىڭ تيەنگو ئىنقىلابىنىڭ شىددەتلىك بورىنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 17 ئۆلكىنى قاپلىدى. ئىنقىلابچىلار  13 يىلغىچە ئىزچىل كۈرەش قىلىپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ  ھۆكۈمرانلىقىغا ۋە چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىغا قاقشاتقۇچ زەربە بەردى، ئىسسىق قېنى ۋە كۈرەش يالقۇنى ئارقىلىق جۇڭگو يېقىنقى زامان تارىخىدا قەھرىمانلىق بابىنى ھۇجۇتقا كەلتۈردى.

 

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 448 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01