ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

كارلوس ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


 

19- ئەسىردىكى ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى

 

كارلوس ئۇرۇشى

  

   كارلوس ئۇرۇشى 19- ئەسىردە يۈز بەرگەن ئىسپانىيىنىڭ ئىچكى ئۇرۇشى، يەنى ئىسپانىيە بويوربۇن سۇلالىسىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى تەختكە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىنى تالىشىش ئۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ.
   1833- يىلى، ئىسپانىيە پادىشاھى Ⅶ ئۆلگەندىن كېيىن، پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان ئوغلى بولمىغاچقا، ئۆزى بەلگىلىگەن ئۈچ ياشلىق چوڭ قىزى ئىزابېللا ئارمىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن تەختكە ئولتۇردى. شاھ ئانىسى مارىيە كرىستىنا نايىپلىق قىلدى. بىراق، فردىنانⅦ نىڭ ئىنىسى دون كارلوس ئايال زاتىنىڭ پادىشاھ بولۇشىنى مەنئى قىلىدىغان «تالىك قانۇنى» غا ئاساسلىنىپ، مەنلا تەخت ۋارىسى بولالايمەن، دەپ قاراپ، ئۆزى پادىشاھ بولۇۋېلىپ، ئۆزىنى چارلىز Ⅳ دەپ ئاتىدى. شۇنىڭ بىلەن كارلوسنى ھىمايە قىلىدىغان مەزھەپ بىلەن ئىزابېللانى ھىمايە قىلىدىغان يەنە بىر مەزھەپ ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش يۈز بەردى.
   1834- يىلى كارلوس ۋە ئۇنى ھىمايە قىلىدىغان كارلوس تەرەپدارلىرى پورتۇگالىيىدىن ئىسپانىيىگە كىرىپ، بىرنچى قېتىملىق كارلوس ئۇرۇشىنى (1834- يىلىدىن 1840- يىلىغىچە) قوزغىدى. كارلوس تەرەپدارلىرى پادىشاھ ئۆزى ھۆكۈم سۈرۈش تۈزۈمىنى قايتىدىن ئورنىتىش ۋە دىنىي سوت مەھكىمىسىنى قايتىدىن قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئوتتۇرا ئەسىردىكى فېئوداللىق تۈزۈمىنى كۈچىنىڭ بارىچە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشتى. يەرلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇپ، فېئودال ئاڭسۆڭەكلەرنىڭ، چېركاۋنىڭ ۋە شىمالىي قىسىم، شەرقىي شىمال قىسىمىدىن ئىبارەت ئارقىدا قالغان رايونلاردىكى دېھقانلارنىڭ قوللىشىغا مۇيەسسەر بولدى. ئىزابېللا تەرەپدارلىرى بولسا پادىشاھ قانۇن چىقىرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، كەڭ بۇرژۇئازىيە سىنىپىنىڭ ۋە ھۆرىيەتپەرۋەر ئاڭسۆڭەكلەرنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشتى. ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كارلوس تەرەپدارلىرى قوشۇنى سۇمارا كاراگى گېنېرالىنىڭ باشچىلىقىدا بىر قانچە قېتىملىق جەڭدە غەلىبە قىلىپ شىمالىي قىسىمدىكى يېزىلارنى ئىشغال قىلدى. بىراق، 1835- يىلى 6- ئايدا كارلۇس قوشۇنلىرى ئىزابېللانىڭ تەختكە ۋارىسلىق قىلىشىنى قوللايدىغان ھۆكۈمەت ئارمىيىسى تەرىپىدىن تارمار قىلىندى. سوماراكاراگى گېنېرالمۇ يارىلىنىپ قازا قىلدى. 1837- يىلى 3- ئايدا كارلوس تەرەپدارلىرى قوشۇنى گەرچە ئورلىئاميەج جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ھۆكۈمەت ئارمىيىسى كۆپ قېتىم غەلىبە قازاندى. 1839- يىلى 8- ئايدا كارلوس تەرەپدارلىرى ئارمىيىسىنىڭ باش قۇماندانى ماروتو ھۆكۈمەت تەرەپ بىلەن بېلگارا كېلىشىمنامىسىنى ئىمزالايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قوشۇنلىرى ھۆكۈمەتنىڭ ئىختىيارىغا ئۆتتى. كارلوس ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەگەشكۈچىلىرى فرانسىيىنىڭ بوررى دېگەن يېرىگە قېچىپ بېرىۋالدى. 1840- يىلى 7- ئايدا ھۆكۈمەت ئارمىيىسى، كارلوس تەرەپتارلىرىنىڭ يەنە بىر قىسىم قالدۇق قوشۇنىنى يوقاتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش ئوتى ئۆچتى. كارلوس تەرەپدارلىرى 1872- يىلى كارلوسنىڭ نەۋرىسى دون كارلوسنى (كىچىك كارلوسنى) پادىشاھلىق تەختىگە چىقىرىشقا ئۇرۇنۇپ، 2- قېتىملىق كارلوس ئۇرۇشىنى (1872- يىلىدىن 1876- يىلىغىچە) قوزغىدى. كارلوس تەرەپتارلىرىنىڭ قوزغىلىڭى ھەر قايسى جايلارغا تارالدى. ھەمدە توپىلاڭنى بېسىقتۇرۇشقا كەلگەن ھۆكۈمەت قوشۇنلىرىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئاخىر ئۆز مەقسىتىگە يېتەلمىدى. كىچىك كارلوس فرانسىيىگە قېچىپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش ئاياغلاشتى.
   كارلوس ئۇرۇشى ئىسپانىيىنىڭ فېئودال كۈچلىرى بىلەن بۇرژۇئازىيە سىنىپى ئوتتۇرسىدىكى كۈچ سىنىشىش بولۇپ، بۇ ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسىدە ئىسپانىيە فېئودال-دېندارلارنىڭ كۈچى ئاجىزلاپ، بۇرژۇئازىيە سىنىپىنىڭ ئورنى كۈچەيدى. شۇ ۋاقىتتىكى ئىسپانىيە بۇرژۇئازىيە ئىسلاھاتى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلدى.
 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 510 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01