ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

تۈركىيە - مىسىر ئۇرۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 3 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


 

بۈيۈك ئىمپېرىيىدىكى ئىككى كۈچلۈك دۆلەتنىڭ

ئىچكى ئۇرۇشى

 

تۈركىيە - مىسىر ئۇرۇشى

  

   تۈركىيە-مىسىر ئۇرۇشى تۈركىيە بىلەن مىسىرنىڭ 19- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدا ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى تالىشىپ ئېلىپ بارغان ئۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.
   1824- يىلى ئوسمانىيە تۈركىيىسىنىڭ سۇلتانى گرېتسىيىدىكى مۇستەقىل قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا ئاجىز كېلىپ قېلىپ، مىسىرنىڭ باش ۋالىيسى مۇھەممەد ئەلىنىڭ ياردەمگە قوشۇن ئەۋەتىشىنى تەلەپ قىلغاندا سۈرىيە، كرىت قاتارلىق ئەللەرنى بېرىشكە ۋەدە قىلغانىدى. گرېتسىيە مۇستەقىللىق ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، تۈركىيە سۇلتانى كىرت دېگەن باينى ئەلىگە ھەقىقىي ھېسابتا سوۋغا قىلىپ بەردى. ئەمما، ئەلىنىڭ سۈرىيىنى ئېلىش تەلىپىنى رەت قىلدى. بۇ ھال بىرىنچى قېتىملىق تۈركىيە-مىسىر ئۇرۇشىغا تۇترۇق بولدى.
   مۇھەممەد ئەلى 1831- يىلى 10- ئايدا سۇلتاندىن ۋەدىسىدە تۇرۇشنى تەلەپ قىلىش باھانىسىدە ئوغلى ئىبراھىمنى 30 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ سۈرىيىگە دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. بۇ ۋاقىتتا تۈركىيە گرېتسىيىدىكى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغانلىقى ۋە روسىيىنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىكى تۈپەيلىدىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانىدى. سۈرىيە خەلقىمۇ مىسىرنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، تۈركلەرنى قوغلىۋېتىشنى ئارزۇ قىلاتتى. شۇڭا، مىسىر قوشۇنلىرى تەڭداشسىز كۈچ بىلەن توسالغۇسىز ئىلگىرىلەپ، سۈرىيىدىكى نۇرغۇن شەھەرلەرنى تېز سۈرئەتتە ئىشغال قىلدى. بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە پۈتكۈل سۈرىيىنى ئىشغال قىلىپ ھەمدە كىچىك ئاسىياغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ، ئوسمانىيە تۈرك ئىمپېريىسىنىڭ پايتەختى كونستانتىنوپولغا قىستاپ باردى. 1832- يىلى 12- ئايدا تۈركىيە سۇلتانى بارلىق كۈچىنى بىراقلا ئىشقا سېلىپ، كونىئادا 60 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇن توپلىدى. نەتىجىدە 30 مىڭ كىشىلىك مىسىر قوشۇنى تەرىپىدىن تارمار قىلىنىپ، كونىستانتىنوپول ئىنتايىن جىددىي خەۋپ ئىچىدە قالدى. ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىدىن ياردەم ئالالمىغان سۇلتان ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى رەقىبى روسىيىدىن ياردەم تىلىدى. روسىيە ئەۋەتكەن 12 مىڭ كىشىلىك قوشۇن كىچىك ئاسىيادا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، مىسىر قوشۇنىنىڭ كونىستانتىنوپولغا بارىدىغان يولىنى ئۈزۈپ تاشلىدى. بۇ ئىشتىن بىئارام بولغان ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىپ ئارىلىشىپ، مىسر-تۈركىيە توقۇنۇشىنى مۇرەسسەلەشتۈردى ھەمدە ئىككى تەرەپنى 1833- يىلى 5- ئايدا چۇتاخىيە تىنچلىق شەرتنامىسىنى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلدى. شەرتنامىدە تۈركىيىنىڭ سۈرىيە، ئانادا ۋە كرىتنى مىسىرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مىسىرنىڭمۇ تۈركىيىنىڭ خوجايىنلىق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەنىدى. تۈركىيىمۇ، مىسىرمۇ بۇ شەرتنامىگە رازى ئەمەس ئىدى. شۇڭا ھەر ئىككى تەرەپ يەنە بىر قېتىم ئېلىشىشقا پۇرسەت كۈتۈپ تۇردى. نەتىجىدە ئىككىنچى قېتىملىق تۈركىيە-مىسىر ئۇرۇشى پارتلىدى.
   ئەنگلىيە 18- ئەسىردىن ئېتىبارەن مىسىرنى ئەنگىلىيىنىڭ ئەرەب ئەللىرىگە ۋە ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا كېڭىيىش يولىدىكى بازىسى قىلىش ئۈچۈن  قولغا كەلتۈرۈش غەرىزىدە بولۇپ كەلگەنىدى. ھالبۇكى، 1833- يىلىدىكى تۈركىيە-مىسىر تىنچلىق شەرتنامىسىدىن كېيىن كۈچىيىشكە باشلىغان مىسىر ئەنگىلىيىنىڭ كېڭەيمىچىلىك پىلانىنى يولغا قويۇش جەھەتتىكى توسالغۇ بولۇپ قالغانىدى. بۇنىڭدىن باشقا، مۇھەممەد ئەلى مىسىردا 1838- يىلىدىكى ئەنگلىيە-تۈركىيە سودا كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلدى. بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ غەزەپلەنگەن ئەنگلىيە يەنە بىر قېتىم تۈركىي-مىسىر توقۇنۇشى پەيدا قىلىپ، توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلىماقچى بولۇپ تۈركىيە سۇلتانىنى مىسىردىن ئۆز ئېلىشقا كۈشكۈرتتى. 1839- يىلى 4- ئايدا تۈركىيە ئارمىيىسى ئېفرات دەرياسىدىن ئۆتۈپ، سۈرىيىگە قاراپ ئىلگىرىلىدى. 6- ئايدا مىسىر قوشۇنلىرى قايتۇرما ھۇجۇم قىلىپ، نىشىبۇ جېڭىدە تۈركىيە ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچىنى يوقىتىپ تۈركىيە زېمىنىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى. 7- ئاينىڭ 4- كۈنى تۈركىيە دېوىز ئارمىيىسى تەسلىم بولدى. كونىستانتىنوپول يەنە بىر قېتىم تەھدىتكە دۇچ كەلدى. بۇ چاغدا غەربتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر يەنە ئوتتۇرىغا چىقىپ ئارىلاشتى. 1840- يىلى 7- ئايدا ئەنگلىيە، روسىيە، پرۇسسىيە ۋە ئاۋىستېرىيە قاتارلىق دۆلەتلەر لوندون شەرتنامىسىنى ئىمزالاپ، تۈركىيىگە ھەربىي ياردەم بېرىش توغرىسىدا كېلىشتى. شۇ يىلى 9- ئايدا ئەنگلىيە-ئاۋستېريە بىرلەشمە فلوتى سۈرىينىڭ دېڭىز قىرغىقىنى قامال قىلدى. ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان مىسىر ئارمىيىسى ئۇزاق ئۆتمەي قىزىل دېڭىزنىڭ شەرقى قىرغىقىدىكى رايونلاردىن چېكىنىپ چىقتى. شۇ يىلى 11- ئايدا ئەنگلىيە ھەربىي كېمىلىرى مىسىرنىڭ ئالىكساندىرىيە پورتىغا قىستاپ كەلدى، مۇھەممەدئەلى ئەنگلىيە بىلەن ئەنگلىيە-مىسىر شەرتنامىسىنى ئىمزالاپ، تۈركىيىنىڭ خوجايىنلىق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىشقا، سۇلتانغا قەرەللىك تۈردە ئولپان تاپشۇرۇپ تۇرۇشقا، قوشۇنلىرىنى قىسقارتىشقا، 1838- يىلىدىكى ئەنگلىيە-تۈركىيە كېلىشىمىنى قوبۇل قىلىشقا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مىسىر بىلەن سۇلتاننىڭ تەختكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىشقا مەجبۇر بولدى.
   ئىككىنچى قېتىملىق تۈركىيە مىسىر ئۇرۇشى ئارقىسىدا ئوسمانىيە تۈرك ئىمپېرىيىسى ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلاپ، ئىمپېريىنىڭ ئىچكى-تاشقى ۋەزىيىتى كۈنسايىن يامانلاشتى، يېرىم مۇستەملىكلىك ئورنى كۈنسايىن مۇقىملاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇھەممەد ئەلىنىڭ بۈيۈك مىسىر ئىمپېرىيىسى قۇرۇش پىلانىمۇ ياۋرۇپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭمۇ دەخلى قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن يوققا چىقىپ، مىسىر ياۋرۇپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ مۇستەملىكسىگە ئايلىنىشقا باشلىدى.
 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 3

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1157 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01